GeNiRaL7 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 08:03 PM
بۇ گەپنى ئۆتكەندە مەنمۇ ئاڭلىغان ، يەنە بىرسى قېنىنى ...
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئۆلىدۇ ، گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ ناھايىتى ئاجىز ، ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت قان ۋە تەن سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ھايات ھۈجەيرىلەردىلا ياشىيالايدۇ ،ھاۋادا ، سۇدا ۋە يىمەكلىكلەردە ياشىيالمايدۇ ، قان ۋە تەن سۇيۇقلىقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى تىز ئۆلىدۇ . ئامىرىكا CDC نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە :پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسى ئىلىپ يۈرگەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قىنى ياكى تەن سۇيۇقلىقى بىر ئادەمنىڭ تىنىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ تىنىگە بىۋاستە كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسى Bتىپلىق جىگەر ۋىرۇسىغا ئوخشاش ھەزىم يولىغا كىرگەندىن ھەزىم يولىدىكى ئاقسىل ئىنزىمى تەرىپىدىن يوقۇتىلىدۇ ئۆلتۈرىلىدۇ . شۇڭا قېرىنداشلىرىم ئۇنداق ئەپ قاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەڭلار يەنى بىر HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئاشخانىدىكى لازىغا قىنىنى ئارلاشتۇرۋىتىپتۇ ياكى چىش كولىغۇچقا قىنىنى سۈركەپ قويۇپتۇ دىگەندەك ، بۇلار پەقەت بەزەن پەس كىشىلىرىمىزنىڭ تاپقان ئەپ -قاچتى گەپلىرى خالاس ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ساناپ بىرەلەيمىزغۇ لېكىن ھەزىم يولى بىلەن يۇقمايدۇ دىيەلمەيمىز . بۇ ئىشلار ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان تۇرۇپ بىز يەنە ئارىمىزغا ۋەھىمە تارقىتىپ ئاۋارە (دىمەكچى بولغىنىم ئاشخانىدىكى ئىشلار ) ، كاللىمىزنى ئىشلىتەيلى ،ئۈگىنەيلى قېرىنداشلار . پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن :بۆشۈكتىن تارتىپ تاكى گۆرۈڭگە كىرىپ كەتكۈچە ئۈگەن .