قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ بېقىش ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى قىزىقارلىق بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ . ھازىر قارا ئۆڭكۈر ئىلىمگە يات خىيال دەپ قارالماستىن ، بەلكى ئىلمىي رىئاللىق دەپ قارىلىۋاتىدۇ . قارا ئۆڭكۈرنىڭ مۇقەررەر مەۋجۇتلۇقى توغرىلىق بىشارەت برىشىمىزگە ئىنتايىن كۈچلۈك ئاساسىمىز بار . كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن دەلىللەر بىز تۇرىۋاتقان سامان يولى سېستىمىسىدا بەزى قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى ، ۋەھالەنكى باشقا يۇلتۇزلار سېستىمىسىدا قارائۆڭكۈر تېخىمۇ كۆپ . ئەلۋەتتە ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ھەقىقىي قىلالايدىغىنى ، ناۋادا سىز قارائۆڭكۈرگە چۈشۈپ كەتسىڭىز نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت
. نۇرغۇن كىشىلەر ، ناۋادا قارائۆڭكۈر ئايلىنىدىغان ئىش بولسا ، سىز زامان-ماكاندىكى كىچىك بىر ئۆڭكۈرنى كېسىپ ئۆتۈپ ، ئالەمدىكى باشقا بىر رايۇنغا بارالايسىز ، دەپ قارايدۇ . شۈبھىسىزكى ، بۇ بوشلۇقتا سەپەر قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . ناۋادا بىز باشقا يۇلتۇزغا بارماقچى بولساق ، باشقا يۇلتۇزلار سېستىمىسىغا سەپەر قىلىش كەلگۈسىدە رىئاللىققا ئايلىنىدۇ ، دىمەيمىز . ئەمما خىيالىمىزدا شۇنداق بولسىكەن دەپ ، ھەقىقەتەنمۇ ئويلايمىز
. ئۇنداق بولمايدىكەن نۇردىنمۇ تېز ماڭىدىغان نەرسە يوق ، دىگەن بۇ پاكىت ئەڭ يېقىنقى يۇلتۇزغا بېرىپ-كېلىش ئۈچۈنمۇ كەم دىگەندە سەككىز يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . مانا بۇ a__سېنتاۋۇر يۇلتۇزلار تۈركىمىگە بېرىپ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىشكە كېتىدىغان ۋاقىت . يەنە بىر جەھەتتىن ، ناۋادا كىشىلەر بىر قارا ئۆڭكۈردىن كېسىپ ئۆتەلىسە ، ئالەمدىكى ھەرقانداق بىر جايدا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ . شۇغىنىسى نىشانىڭىزنى قانداق تاللاشنى تازا ئىنىق بىلمەيسىز ، دەسلەپتە بايقالمىغان يۇلتۇزلار تۈكىمىگە بېرىپ دەم ئېلىش كۈنلىرىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ كېلىشنى خىيال قىلىشىڭىز مۇمكىن ، نەتىجىدە قىسقۇچپاقا تۇمانلىقىغا بېرىپ قالىسىز
،،، .
بۇ خۇددى ئىدىش ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، ئېگىز شاقىراتمىدىن لەيلەپ چۈشكەندەكلا بىر ئىش
كەلگۈسىدە يۇلتۇزلار سېستىمىسىغا سەپەر قىلماقچى بولغانلارغا ناھايتى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا شۇنى ئېيتماقچىمەنكى ، بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ كېلىش نېسىپ بولمايدىغان ئىش . ناۋادا سىز قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كەتسىڭىز تىتما-تىتما بولۇپ كېتىشىڭىز تۇرغانلا گەپ . ئەمما ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا سىزنىڭ جىسمىڭىز پۈتتۈرگەن زەررىچىلەر داۋاملىق مىڭىپ باشقا بىر ئالەمگە بېرىپ قېلىشى مۇمكىن . بىرەر ئادەمنىڭ قارا ئۆڭكۈردە بېسىلىپ ياپراقتەك ھالغا كېلىپ قىلىشىنى ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ ، ناۋادا ئۇ ئادەمنىڭ زەررىسىنىڭ ھايات تۇرغانلىقىنى بىلگىلى بولسا ، بەلكىم شۇ ئادەمگە نىسبەتەن چوڭ تەسەللىي بولار .
بۇ گەپلەر سەل يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ ، يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئىلمىي ئاساسى بار . يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھازىر بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن ئالىملار قوللايدۇ .
بوشلۇق ئاتلاپ سەپەر قىلىش دىگەندەك بۇ ئىشتىن تامامەن دىگۈدەك ئۈمۈت يوق . بىراق بىز قارا ئۆڭكۈردىن پايدىلانساق بولىدۇ ، مەسلەن : ئالەم ئەخلەتلىرىنى يىغىشتۇرىدىغانغا قارا ئۆڭكۈر ئەڭ ياخشى نامزات . بىر كىچىك تىپتىكى قارا ئۆڭكۈر تەخمىنەن 10 گىگا ئېلىكتىرون ۋولت ئېنىرگىيىگە باراۋەر دىگۈدەك رادىئاتسىيە تارقىتىدۇ ، دىمەك ئۇنىڭدىكى ئىنىرگىيىدىن پايدىلىنىپ 10 يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىنى ھەركەتكە كەلتۈرگىلى بولىدى ، شۇڭا بىز مۇشۇندا قارا ئۆڭكۈردىن بىرنى يەرشارىنىڭ ئەتراپىدا ئوربىتىلىق ئايلىنىشقا مەجبۇر قىلساق بولىدۇ،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فىزىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-13 02:06 AM