 |
 |
 |
 |
تەڭ سوقامدۇ يۈرەك
باھار ئىدىم ھىسلىرىم يېشىل،
سەن ناخشىغا ئايلانغان پەسىل.
كۈلگەن ئىدىم تاتلىق بەك تاتلىق،
سېلىپ ئىگىز سۆيگۈڭدىن سېپىل.
قورقمىغانتىم سوغۇق قىشتىمۇ،
ساقلىغاچقا قەلبىمدە باھار.
ئۈزمىگەنتىم ئۈمىتنى بىرگە،
خالىماستىن ئۇنتۇشنى زىنھار.
ئەمدى كەلمەس سېنىڭدىن سادا،
مۇزلىماقتا يازدىمۇ يۈرەك.
لېكىن يۈرەك ئۇنتالماس سېنى،
سىغدۇرمىغاچ بىر سەندىن بۆلەك.
ئەزدى باغرىم ئۈنسىز تەنھالىق،
چۆكتى ئۈنسىز بىر تالاي ئارمان.
ئەللەيلىتىپ يۈرسىمۇ ھىجران،
ھۆكۈم سۈردۈڭ قەلبىمدە ھامان.
قېنى ئېيت! تەڭ سوقامدۇ يۈرەك،
چىن سۆيگۈدىن كەتمە يىراقلاپ.
بارمۇ ئورۇن قەلبىڭ قېتىدا،
يۈرۈكىڭنى باققىن ۋاراقلاپ.
مەنبە: نازىگۈل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-15 01:13 PM
|
 |
 |
 |
 |
|