سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 08:31 PM
ھىكايىنى بەك تولا ئوقۇۋىرىپ ئەقىللىق بوپ قاپسىز ، ئاخ ...
ھىكايە ئۇقۇشقا ھېرىسمەن ئەمەسمەن . بولۇپمۇ ئاقماس مۇھەببەت
ھىكايىللىرىنى ئوقۇش ، قارىت ئويناپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغانچىلىك ئىش .
ھىكايە ئوقۇش ئادەمنى ئەقىللىق قىلمايدۇ . ئەكىسچە خىيالپەرەس ، ئۆز
بېشىمچى قىلىپ قويىدۇ . شۇنىڭ ئورنىغا تىجارەت ، ئىگلىك تىكەش
باشقۇرۇشقا ئائىت ـ كىتاب ـ ماتىريال كۆرسە ياخشى ...
بۇنچىلىك ئىشلارنى توغرا پەرەز قىلىش ئەقىللىقلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس
پەقەت بىر ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئىڭى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا باغلىق
ئادەتتىكى ئىش .
پەقەت پۇل تاپالىغانلىق ئەقىل ھىسابلىنىدۇ .
ھىكايىدىكى پىرسۇناژنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دېگەن : << ئالىي مەكتەپتە
ئوقۇغۇنۇم بىكار كەتمىدى >>. دېگەنلىرى ئۇرۇنلۇق ئېيتىلغان .
بەزىدە ئاكامنى يوقلاپ بارسام يەڭگەمنىڭ ئىككى بالىسىنى ئوقۇتىمەن
دەپ ئايلاپ ـ يىللاپ ئۇچىسىغا بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كىيمەي ، سەھەر
تۇرۇپ ، كەچ يېتىپ كىچىككىنە سودىسىنى راۋاجلاندۇرىمەن دەپ جاپادىن
پۈكۈلگەن قەددى ، يېشىغا ماس كەلمىگەن تارام ـ تارام قورۇقلارغا قاراپ
ھىسداشلىق قىلغۇم كىلىدۇ . بەزى كىشىلەرنىڭ يەڭگەمگە << كۆيۈنۈپ >>
ھازىر ئوقۇتسىمۇ خىزمەت تاپقىلى بولمايدۇ ، بالا ئوقۇتىمەن دەپ جېنىڭىزنى
ئۇپراتماڭ ! دېيىشلىرى ...
يەڭگە باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماڭ ! ئىلىمسىزلىك ، نادانلىقنىڭ
دەردىنى ئاز تارىتمىدۇق . ھەر قانچە قىينالساڭلارمۇ ئوقۇتۇڭ .
سىز بىر ھۆرمەتكە لايىق ئانا ، شەرەپ ھىس قىلسىڭىز بولىدۇ .
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ، خىزمەت ئۈچۈنلا ئەمەس . خىزمەت تاپالمىسىمۇ
ئوقۇغان ئادەم بىلەن ئوقۇمىغان نىمە ئىش قىلسا پەرىقلىق بولىدۇ
دەپ ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بېرىپ قويىمەن ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-21 11:26 AM