مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: elxat99

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ تۈرك قارشى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Tengrikut بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 02:01:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 05:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ھەقىقى ئالىم دەپ قارايمەن.ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ موللىغى،تەپەككۈرىنىڭ كۈچلۈكلىگى،ئىزدىنىش،قېزىش روھىنىڭ يۇقۇرلىغى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.ئۇنىڭ مەسىلىنى بايقاش،مۇلاھىزە قىلىش،تەتقىق قىلىش،يەكۈن ۋە باھا بېرىش جەريانى بەكمۇ مۇرەككەپ بولۇپ ،ھەرقانداق تەتقىقات تېمىسى ھەرگىزمۇ ئاددى مۇلاھىزە،قىياس،پەرەز بىلەن ئاياغلاشمايدۇ،بەلكى ئۇنىڭ تەتقىقات مېۋىلىرى ئۇنىڭ  كۆپتەرەپلىمىلىك سېلىشتۇرۇش،دەلىل-ئىسپات توپلاش،يېڭى يول ئېچىش ۋە ئىلمى خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق قاتلاممۇ-قاتلام تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئايرىپ چىقىلغان جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ.شۇڭا مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى،تەتقىقات ماقالىلىرىنى كۆپىنچە ئادەملەر بىرقېتىم ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدۇ،ھەتتا بەزىلەر بىر ئۆمۈر چۈشىنەلمەسلىگى مۈمكىن.ئۇنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى چۈشىنەلمىگەن بەزىلەر بولسا ئۇنى ناھەق غاجاشقا چۈشىدۇ.بۇنداق ئادەم ئۇيغۇردىن 100يىلدا بىرى چىقمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-25 05:41 PM  


بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 06:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                           تۈركىيە نېمىشقا شەرىقى turkچىلارنىڭ ھىماتچىسىغا

                                                  ئايلىنىپ قالدى ؟

— «پانتۈركىزم» ئارقىلىق ھېسداشلىق قىلىش ، 20 تەشكىلات ئارقىلىق « چوڭ ئىش تەۋرىتىش»         

  
                                     بوزقىر تەرجىمىسى


       تۈركىيە نېمىشقا شەرىقى turkنىڭ  ھىماتچىسىغا ئايلىنىپ قالدى ؟

[« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى سۇ لىۋېي ، جىن فېڭ خەۋىرى ] مۇھەممەد ئەلى ئىسىملىك ياش ئىككى يىل بۇرۇن شىنجاڭدىن تۈركىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ ، باش شىتابى ئىستامبۇلدىكى « شەرىقى turk مائارىپ ۋە ياردەم ۋەخپى» نىڭ « ياردىمى» بىلەن « ئارقا كۆرۈنۈشنى قاتتىق تەكشۈرۈش » قاتارلىق قاتتىق بولغان ئۆتكەللەر ۋە مېڭە يۇيۇشتىن كېيىن « شەرىقى turk ئىسلام ئازاتلىق ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىغا رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ ، بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەگە بېرىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىلگەن . ئۇندىن كېيىن « جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ» شىنجاڭغا قايتىپ ، بۇزغۇنچىلىق ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەييارلانغان . مانا بۇ يېقىندا جۇڭگودىكى تېرورلۇققا قارشى ئىمتىيازلىق تارماق ئەمەلدارىنىڭ « يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە ئاشكارىلىغان خەۋىرىدۇر. تۈركىيە «شەرىقى turk ئىسلام ئازاتلىق ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ موھىم ئۇۋىسى بولۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقىي مۇھىت ئامىللىرى ئىچىدە موھىم ئورۇن تۇتىدۇ .   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە جۇڭگو بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى . يېقىنقى يىللار مابەينىدە بۇ خىل مۇناسىۋەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى . ئەمما ، تارىخ ، ئادىمىيەت ، دىن ۋە خەلقئارا سېياسىيسى قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيەدە يەنىلا «شەرىقى turk »  بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ۋە قوللاشتەك ئىجتىمائىي ئامىللار ساقلىنىپ كەلمەكتە . تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى «تۈرك»چىلىك كەيپىياتىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى «شەرىقى turk » كۈچلىرىنى « مۇداپىئە قالقىنى» غا ئىگە قىلغان بولۇپ ، شۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك 20 تەشكىلات ھامان ئىش تەۋرىتىش كويىدا بولماقتا .

يۇقۇرقى ماقالىنىڭ داۋامىنى « شاھتۇر تورى » نىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئادرېسىدىن ئوقۇۋالغايسىز :
http://xahtur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1338




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4937
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-26 07:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozqir يوللىغان ۋاقتى  2013-9-25 06:05 PM
تۈركىيە نېمىشقا شەرىقى turkچىلارنىڭ ھىما ...

بوزقىر ئەپەندى،مىنىڭ نەزىرىمدە تارىخ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.بىرى ھەقىقىي تارىخ ،ئىككىنچىسى،سىياسىي تارىخ،ئۈچىنچىسى،جۇغراپىيۋى تارىخ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولسا ھەقىقىي تارىخنى تەتقىق قىلغۇچى ئىنسانپەرۋەر ئالىم.سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ ماقالىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغىنىڭزىنى مەن چۈشەنمىدىم.بىز تارىخنى تەتقىق قىلغاندا چوقۇم تارىخنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ تەتقىق قىلشىمىز لازىم.سىزنىڭ يولللىغىنىڭىز بىر سىياسىي تارىخ خالاس.ئەگەر سىياسىي تارىخ تەتقىقاتى بويىچە قارايدىغان بولساق ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن چوڭ بىر پانتۈركىزىمىچى بولۇپ قالىدۇ.‹ىەدىمكى مەركىزى ئاسىيا› يەنى تۇران تارىخى بىر پانتۈركىزىملىق ئەسەرگە ئايلىنىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش