رەسىمگە قاراپ تۇنۇشتا سېتىۋىن جوبىس بىلەن ئالما تېلفۇننىڭ رەسىمى
چىقسا ، ھېلىقى ئاداش مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ نۇمۇرى تۆۋەنلەن كەتتى .
ناۋادا بۇ سۇئال ماڭا چىقىپ قالغان بولسا ، پىشقەدەم رىياسەتچىلەرنى قايىل
قىلغۇدەك جاۋاب بېرەلەيتتىم . بوپتۇ ، ھەركىم ئۆزى قىزىققان ، ئۆزى سۆيگەن
ئۆز قابىليىتى ، ئىقتىدارىغا لايىق كەسىپنى قىلسۇن .
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-81696-1-1.html
بىر موتسىكلىتقا تۆت ئادەم مىنىۋالسا ، ئۇ قىزمۇ ، قالايىمقان بىلجىرلاپ
رەسىمگە مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ كۈلكىگە قالدى . نۇمۇرى تۆۋەنلەپ
كەتتى . ئېنىقلا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش تۇرسا ھەم رەسىمدىمۇ
قاتناش قائىدىسى دەپ يېزىقلىق تۇرسا ، << مىھىر ـ مۇھەببەت >> دەپ
نەسىر ئۇقۇپ نېمە قىلىدۇ ؟
بىر ئائىلدىكى سوغۇق كەيپىيات ، تۆت كىشىنىڭ بىر ـ بىرى بلەن كارى
يوق تېلفۇن ئويناۋاتقاندىكى رەسىمگە ئۇ ئاداشمۇ ، باشقىچە گەپلەرنى
قىلىپ نۇمۇرى تۆۋەنلەپ كەتتى .
ھېلىمۇ باھالىغۇچىلارنىڭ بۇلارغا قويغان نۇمۇرى يۇقرى بولۇپ كەتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-22 01:05 PM