akyda007 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 02:19 PM
ھەي بەك ياخشى ئېلاننى يوققا چىقاردىڭىزغۇ ئەمدى ھە؟ ن ...
ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىشى، سەنئەت تۇيغۇسى، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيەت سەۋيىسى، تاللىشى، كۈزۈتىشى... ئوخشاش ئەمەس.
سىز ياخشى كۆرگەننى يەنە بىرسى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ ياخشى كۆرگەننى مەن ياخشى كۆرمەسلىكىم مۇمكىن...
ھەممە ئادەمنى بىرلا ۋاقىتتا رازى قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پەقەت نىشان قىلىنغان كىشىلەرنىلا رازى قىلسا بولدى. مەسىلەن كىچىك بالىلار ياخشى كۆرۈدىغان نەرسىلەرنى، كىچىك بالىلارغا خاس قىلىپلا ئىشلىسە بولدى. چوڭلارنىڭ ياقتۇرۇشى مۇھىم ئەمەس. كىچىك بالىلار ياقتۇرغاننى چوڭلارنىڭ ياقتۇرماسلىقى تۇرغانلا گەپ.
شۇڭا بۇنىڭغا ئوخشاش ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان ئىشلاردا تالىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇلار ياقتۇرمىغان بولسا بوپتۇ دەپ قويسىڭىزلا بولدى.
تالاشسىڭىز ئاخىرى مەڭگۈ چىقمايدۇ. چۈنكى باشتا دەپ ئۆتكەندە، سىزنىڭ ياقتۇرغۇنىڭىزنى باشقىلار ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سىزمۇ ئۆز ئاساسىڭىزنى سۆزلىسىڭىز، باشقىلارمۇ ئۆزىنىڭكىنى سۆزلەيدۇ. ھېچقايسىڭلارنىڭكىنى توغرا دەپ ئايرىغىلى بولمايدۇ. ...