مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Atsan

ئاتۇشتىكى بايلىرىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40231
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 02:47:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى


( ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى )

شۇنچە قاقاس گىياھسىز، قارا-قۇرۇم تاغلىرى،
كۆيۈك تاغمۇ ئىلاجسىز،يوق ئۇنىڭكى باغلىرى.
ئىككى تاغنىڭ باغرىدا،ياشار ئېسىل بىر خەلىق،
كەمبىغەلگە يار-يۈلەك ،ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

يىقىلغاننى يۈلەيدۇ،گاھ قەرزىنى تۈلەيدۇ،
ئۆيى يوققا ئۆي سىلىپ، بىرلىرىنى ئۆلەيدۇ،
مەردلىكىنى شۇلارنىڭ ،ئاتۇش خەلقىم كۈيلەيدۇ،
زەپەر قۇچسۇن،پۇل تاپسۇن،ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

قوشنىلارنىڭ غېمىنى،ئۆز غېمىم دەپ تەڭ يەيدۇ،
قوشنام ئۈچۈن مەيلى دەپ،ھەتتا دوللار خەجلەيدۇ،
يوقسۇزلارنىڭ كۆڭلىنى ،يەنە شۇلار بەزلەيدۇ،
بەركەت تاپسۇن،يول تاپسۇن ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

بىرى باقسا يېتىمنى ،بىرى دەيدۇ مەرىپەت،
مال-دۇنيانى دوست تۇتماس،تالاشمايدۇ ئىناۋەت،
شۇڭا ئاتۇش بايلىرى،ئەل قەلبىدە بىر ئەزمەت،
گۈللەپ كەتسۇن كۈنسىرى،ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

تەۋەككۈلچى ئاتۇشلۇق،دەيدۇ ئەللەر ماختىشىپ،
تېجارەتكە بەك ماھىر،ساتار دەيدۇ چاپلىشىپ،
پۇل تاپساممۇ ئاتۇشلۇق،كەتمەس ئەلگە ياتلىشىپ،
تەڭ خەجلەيدۇ تاپقاننى،ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

يول تاپالماي چىقىشقا،ئازغان،نادان،گۆدەكنى،
توغرا يولغا باشلايدۇ،بىرىپ مېھىر-يۈرەكنى،
قايتۇرىدۇ شۇلارمۇ،چۆگلەتكەندە پەلەكنى،
ياخشىلىقنىڭ يېنىدا ،ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

كۈن چىقىشتا بولسىمۇ،كۈن پىتىشتا بولسىمۇ،
تەڭ قىلمايدۇ يۇرتىغا،ئىقلىم كىزىپ تۇرسىمۇ،
ئۇنۇتمايدۇ يۇرتىنى،ئەسلى-ۋەسلى قۇرسىمۇ،
ئۆز يۇرتىغا ۋاپادار ،ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

ئاندا-ساندا بىخىللار ،يوق دىمەيمەن بار خالاس،
مىسكىن ئەمەس مەسچىتكە،ئىلىپ بەرمەس بىر پالاس،
ئۇنداقلارغا ئەزەلدىن،بىخىل دېگەن نامدۇر خاس،
بىخىللارغا بىقىنماڭ، ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

پىشار سېخى ئۇچقىدا،تۇل،يېتىمنىڭ نانلىرى،
سېخىلارنىڭ توم بولسۇن،يانچۇقلىرى،يانلىرى،
كان يوق دېمەڭ ئاتۇشتا،ئۇندىن ئارتۇق كان بولماس،
دەل ئاتۇشنىڭ بايلىرى،ئاتۇشۇمنىڭ كانلىرى.

نېنى يوقنىڭ نېنىنى ،پۈتۈن قىلدى كىيمىنى،
تۆگىتەلمەس بىر قەلەم،يېزىپ ئۇلار ئىسمىنى،
ئەۋلاتلارغا قالدۇردۇم،مەن كېيىنكى قىسمىنى،
ھاتەم كەبى،گەپ تامام،ئاتۇشۇمنىڭ بايلىرى.

رۇستەم قاراسۇ ..........



رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 03:00:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rustorahbar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-25 02:47 PM
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى

بۇ شىئىرنى بۇرۇنلا يېزىپ تەييارلاپ قويغانمىدڭىز ياكى نەق مەيداندا يازدىڭىزمۇ ؟ ياخشى چىقىپتۇ ...
دىن ، مەرىپەت ئەڭ بۇرۇن گۈللەنگەن ئۇ زىمىن كىشىلىرىگە ھۆرمىتىم بار !......

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 03:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rustorahbar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-25 02:47 PM
قېرىندشىم بەكمۇ ھىسياتقا بىرلىپ كىتىپسىز .....ئاتۇشنىڭ  ...

بىلگەنلىرىڭىزدىن بىزنىمۇ خەۋەرلەندۈرمەمسىز قېرىندىشىم .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9272
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 04:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشلۇقلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئوت بار ، بۇ ئوت شۇنچىلىك كۈچلۈك ھەم سېھىرلىككى كىشىنى قايىل قىلىدۇ . ئۇلار شۇنداق ئاق كۆڭۈل ، تىرىشچان ، ئىقتىسادچان .....
دادام ۋە ئۇنۇڭ ئىنى سىڭىللىرىغا قاراپ ھەيران قالىمەن ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ، ئىقتىساد چانلىقى ، ئۈگۈنۈشكە ھېرىسمەنلىكى مېنى ئېھتىيارسىز قايىل قىلىدۇ .
ئاتۇش روھى پۈتۈن دىيارىمىزنى قاپلىغاي !

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئىيىتقان ئىمانىڭغا ئىگە بول

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 320
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11915
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 4837 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 04:10:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
~ROCKY يوللىغان ۋاقتى  2013-9-25 11:51 AM
بايلار نامراتلارغا ياردەم قىلدىغانغا قەرېز ئەمەس،،،، ...

پۇل تاپىمەن دىسە تاپدىغان نەرسە ئەمەس ،ئاللاھ بەرسە تاپىدۇ ، ئاللاھ خالىغان كىشى ھەدى ھىساپىسز نىمەتلەرنى بىرىدۇ ، بەزلەرى سىناپ ئۇلارنىڭ قولىنى قىسقا قېلىدۇ.

ئىنسانىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنى ئۆز نەپسىدۇ،كىمكى ئۆز نەپسىنى يىڭەلىسە مانا بۇ جىھات.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95500
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 307
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 04:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
koklan يوللىغان ۋاقتى  2013-9-25 04:10 PM
پۇل تاپىمەن دىسە تاپدىغان نەرسە ئەمەس ،ئاللاھ بەرسە ت ...

ئەگەر سز تىرىشمىسىڭىز ئاللاھ سىزگە ئاسماندىن تاشلاپ بەرمەيدۇ،،،شۇڭا كونىلار تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولدۇ دىگەن،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96655
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 05:10:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rustorahbar يوللىغان ۋاقتى  2013-9-25 02:47 PM
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى

بەك ياقتۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 06:02:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاپقان پۇللىرىمىزنى توغرا يەرگە ئىشلىتەيلى پۇل تاپتۇق دەپ ھەشەمەتچىلىك قىلمايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84051
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-8-17
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 07:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما قىزغىنلىق قۇزغۇغۇدەك

يا تارىخ يازىمىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56050
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6076
تۆھپە نۇمۇرى: 739
توردا: 1909 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 07:44:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسياتىغا تاينىپ يازغان نەسىكەن بۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش