مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: `aytulun

تاپشۇرۇق ۋە ئۈنسىز تەپانچا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97025
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 12:16:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ ھۆرمەتكە لايىق كىشىلەر ، لىكىن جەمىيەت شۇ ھۆرمەتلىك كىشىلىرىمىزنى كوزگە ئىلمايۋاتىدۇ ، بۇجەمىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتى ، لىكىن ئەلمىساقتىن غەلبە پەقەت بىرلا تەرەپتە تۇرغان ئەمەس ، مۇئەللىملەر ئەزىزلىنىدىغان كۇنلەرمۇ چوكۇم كىلىدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90357
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 03:56:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخىشى يېزىلىپتۇ ، دىمىسىمۇ مائارىپنى ئسلاھ قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى ، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بالىلىرىغا نىسبەتەن ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئەقلى قابىلىيىتىنى ئېچىش مەقسەت قىلىنىدۇ ، لېكىن تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىكىدىن يېتەرلىك ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ . ھەتتا ئاتا - ئانىسى بىلەنمۇ پىكىر ئالماشتۇرالماي ، ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى ئارىلىق تېخىمۇ يىراقلاشماقتا . ھەممىمىز مائارىپقا كۆڭۈل بۆلەيلى ، سەبىلىرىمىزنىڭ كۆزلىرى بىزارلىقتىن ئەمەس ، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە پەخىرلىنىشتىن كۈلسۇن . تېمىڭىزغا رەھمەت . قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88006
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-12-2
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 06:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ياخشى يىزىلغان تىما ئىكىن.دىمىسىمۇ بۇ تاپشۇرۇق مەسىلىسى  ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ بىشىنى قاتتۇردىغان چوڭ بىر مەسىلە بوپ قالدى.قايسى بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ يارامسىز بوپ چىقىشىنى خالايدۇ دەيسىز؟ مۇشۇ تاپشۇرۇق مەسىلىسى تۇپەيلى  كۆندە مۇئەللىملەردىن ئۆزىلمەي كىپ تۇرغان تىلفۇنلار باشنى بەك قاتتۇرماقتا.بالىلارغا ئائىلىدە بىز بىسىم قىلۋاتقان،مەكتەپتە مۇئەللىم.ئاساسى ئاجىزراق  بالىلارغا نىسبەتەن بۇ بەك ئىغېر مەسىلە بولماقتا.تۇنۇگۇن مىنىڭ 13 ياشلىق ئوغلىممو ئاپا مۇشۇنداق ئۆيدە ھەم مەكتەپتە ماڭا بىسىم قىلىۋەرسەڭلار تامغا ئۇسۇپلا ئۆلۋالىمەن دىمەسمۇ  قانداق قىلىىشىمنى ،نىم دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم .ئايدا 400 يۇەن تۇلەپ مۇئەللىم تەكلىپ قىلىپ تەكرار قىلغۇزاتقان ،تاپشۇرۇق ئىشلىمىدى دەپ مۇئەللىم داۋا قىلۋاتقان.راستنىلا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدۇق.تاسلا قالدىم تۇنۇگۇن مۇئەللىمگە بولدى بالامنىڭ كۆزىگە كىرۋالما.
بالام ئەتىگىنى كىلىپ كەچتە  تىنىچ ئامان ئۆيگە قايتىپ كەلسىلا بولدى دىگىلى.كۆپچىلىك دەپ بىقىڭلار ؟بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلساق بولار؟ موئەللىمنىڭمۇ دەيدىغىنى بالاڭ بەك ئەقىللىق تىرىشسىلا گەپ يوق ئالدىنقىلار قاتارىغا كىرەلەيدۇ.لىكىن تاپشۇرۇقنى  مۇشۇ مەۋسۇم باشلانغاندىن بىرى ئىشلەپ باقمىدى.دەيدىغان گەپ شۇ تاپشۇرۇقلا.چوپ-چوڭ بولغان بالىلارنى ئورۇشنىڭ ئورنى يوق.كۆندە تىللاۋەرسە گەپ تەسىر  قىلماس بوپقالمىسۇن  دىگەن. زادى قانداق قىلساق بولىدۇ؟

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12425
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32495
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4487 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 10:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەش نەپەر ئەيدىز بىمارىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى  -مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىكى  تاپشۇرۇق ئىشلەش مەسىلىسى بىلەن مۇنەسىۋەتلىككەن...

ئارتۇق گەپ قىلغۇم كەلمىدى...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:12:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ ھىلى ئىت تۇتۇش ۋەزىپىسى ،ھىلى مۇشۇك تۈتۈش ۋەزىپىسى ھىلى ئۈجمە تىرىش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلىۋاتقان. تىخى بۇنداق  ئالۋاڭلار خەنزۇ تىلى دەرىس ۋاقتىدا ۋە ياكى تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا ئىلىپ بىرىلاتتى . ئىشقىلىپ مەكتەپ دەيدىغان بولسا تىنىم شۈركىنەتتى . تەڭتۇش ساۋاقتاشلىرىمنى دەيمەن. بىچارە ئىتلارنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ -سۈرۈپ ئۇرىۋاتقان قاپقان تور قۇيۇپ تۇتۋاتقان .شۇ ئىتلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگىننى ھەر بىر ئويلىسام بىر قەلبىمنى ۋەھمىيمە باسىدۇ ،بەزى چىشى ئىتلارنىڭ بىر نەچچە باللىرى سۈتتىن قىلىپ غىڭشىپ جان ئۈزىۋاتقان . مەن ئاشۇ ۋاقىتلاردا  شۇ ئىتلارغا ئىچىم ئاغىرىپ بىر ئىتمۇ تۇتمىغانتىم .ئوقۇتقۇچىنىڭ سەن ۋەزىپىنى ئورۇنلىماي نىمە قىلدىڭ دىگەن گىپىگە  شۇ ئىتلارغا ئىچىم ئاغىرىپ  شۇ ۋاقىتلاردىمۇ مىنڭى يۈزۈم ئاياغنىڭ چەمىدىنمۇ قىلىن بولسا كىرەك بىر بولسا گەپ قىلماي جىم تۇرۋالاتتىم بىر بولسا ئۇ ئىتلارمۇ جانغۇ ئۇ ئىتلار ھۆكۈمەتنى نىمە قىلدى يا ئۇلار تىرورچى بولمىسا دەپ تىركىشەتتىم ئىشقىلىپ  ئوقۇتقۇچى ئاشۇ ئىتلاردەك قاۋاۋارسە ،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باشقا بالىلاردەك ھۈرپىيىپ .ئوقۇتقۇچىغا ياندىغان ئىشنى قىلماستىن قائىيدە سۆزلەپ تۇرۋالاتتىم . بۇ ئازلىق قىلغاندەك يىزا كادىرلىرىنىڭ ئىش-ئەمگەكلىرىگە سىلىۋاتقان . نەدە ياردەم دەپ بارغان كۆك دىھقانلارنڭ ئۆيىگە بارساق ئۆي ئىگىللىرى  ۋاي باللىرىم ئىچىۋىلىڭلار ،يەۋىلىڭلار دەپ ھىلى مۇزدەك سۇ ،ھىلى قوغۇن-تاۋۇز ،نان-پان ئەكىلىۋاتقان .بىراق كادىرلارنىڭ ئىش-ئەمگىكىنى قىلدىڭمۇ شۇ كۈنى ھالىڭغا ھاي . تاماققا ئوقۇتقۇچىلارنى چىللايدۇ .بۇ گەدەنكەش ئوقۇتقۇچىلار شۇ ئىچكەن بىر قاچا يۈندە ئۈچۈن ئىش-ئەمگەك ئاخىرلاشقاندا ئۇ كادىرنىڭ ئۇرۇق-تۇققىننىڭ قونىقىنى ئۈزگىلى يا بولمىسا كىۋىزىنى تەرگىلى سىلىپ بىرۋاتقان .  
   بىر چاغدا بىر قىز ساۋاقتاش ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىپ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى . ئاڭىلساق ئەتتىگىنى ناشتىلىققا ئۈلگۈەلمەي مەكتەپكە كەپتۇ .مەكتەپ شۇ كۈنى بىزنى مەكتەپتىن تولىمۇ يىراق بىر يەرگە ئەمگەككە ئىلىپ بارغانتى . ئۇ قىزغا تاماق ئىلىپ كەلگەن ئاپىسى قىزنى مەكتەپتىن تاپالماي كىتىپ قاپتۇ . بىچارە قىز ئاچ قوساق كەچ ئەسسىرگىچە پىزغىرىم ئىسسىقتا بۇغداي ئورۇپ ئايلىنىپ قاپتىكەن .

ئىشقىلىپ بۇرۇنقى مائارىپ بىزلەرنى ئەمگەكچان روھلۇق قىلىپ يىتۇشتۇرگەن بولسا ھازىرقى مائارىپ يىرىم ھاياتىمىزنى نابۇت قىلۋاتىدۇ . بۇرۇن مەجبۇرى مائارىپ توققۇز يىللىق ئىدى ھازىر 11 يىلغا چىقتى بىراق خىزمەتكە ئىرشەلەيدىغانلار ئاز . كۆزىگە ،بەختىگە ،ئىستىقبالىغا ، ئۆمۈرىدە بىرلا كىلدىغان ئالتۇن پەسلىگە پالتا چاپتى . قىلىچ ئۈردى ،تۈكۈردى ،دەسسىدى .
ئاڭلىماققا چىرايلىق يىقىملىق شۇئار .نامراتلىقنىڭ يىلتىزى مائارىپتا . 100 يىللىق ئۇلۇغۋار مائارىپ .
بىر بالا ئانا سۈتىدىن ئايرىلا-ئايرىلماس يەسلىگە كىرىدۇ ،يەسلىدىن چىقسا توقۇز يىل مەجبۇرى ئوقۇيدۇ . توققۇز يىلدىن كىيىن يەنە ئۈچ يىل كەسپى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ...دىمەك 17 يىللىق ھاياتى ساۋادىنى چىقىرىش بىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ . ئارىدىن بىر نەچچە مىللىي بالا خىزمەتكە چىقىدۇ قالغىنى ساۋاتلىق مىللەت بولۇپ قالىدۇ . تور،مىدىيا، ئۇچۇر-تەشۋىقاتلارغا قارىساڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز دەيدۇ بارساڭ ساڭا سان ئاران يىتىدۇ . قالغىنىمىز ئامانلىق ساقلىغۇچى ،كۆتۈرە شوپۇر ، كوچا-كويلاردا تەشۋىقاتچى . يىزلاردا مىنبىڭ ....قاتارلىق شەرىپلىك خىزمەتلەرگە نائىل بولىمىز دىمەك ئىشسىز قالمايمىز . ئازاتلىقتىن ئىلگىرى بۇنداق ئىشلار يوق ئىدى مىللىتىمىز تولىمۇ نامرات بولغاچ رايۇنىمىز ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان ئىدى شىڭسىسەي كىلىپ يەلكىمىزنى بىسىپ تۇرغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ساندۇق-ساندۇقلارغا قاچىلاپ   كالۇن تەشكلىللەپ ئىلىپ كىتىپ  ئىغىر بىر يۈكتىن قۇتۇلدۇردى .  يىڭى دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىن رەھبەرلەر  بىزلەرگە   تىنىچ تۇرمۇش ،يىنىك خىزمەت يارتىپ بىرۋاتىدۇ كەلگۈسى تۇرمۇشىمىز تىخمۇ پارلاق بولغۇسى دەپ  ئولتۇرمەن ھەر كۈنى .     


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-30 01:13 AM  


ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 06:33:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    مىنىڭچە بۇ تاپشۇرۇق دىگەن نەرسىدىن تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس شۇ تاپشۇرۇقنى بەرگەن ئڭقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆلىرىمۇ بىزارمىكىن دەيمەن ، بىر دەرىسنى دىسەك بىر ئوقۇغۇچى شۇ بىر پەندىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقنى ئىشلىسە شۇ بىر دەرىسنى ئۆتكەن ئوقۇتقۇچى بىر سىنىپتىكى 40 - 50 ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرقىنى بىردىن - بىردىن كۆردۇ ئەمەسمۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش