kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 12:40 PM
زورو،تور موللىسى، قالاق، ھورۇن
بۇ تۆز سۆزنىڭ ۋەزىنى ...
... پوپلارنىڭ يانتاياقچىللىرىغا، ئاشۇنداق يېنىك بىلىنىدۇ،،..
1»ئۇيغۇرلار چوقۇم يېرىم-يالىڭاچ ناسارادەك كىيىنىشى كېرەكما؟
2› سىلەردەك توردا مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىدىغانلارنى پوپ دىمەي نىمە دەيمىز؟
3›نۇرغۇن دەھرىلەر،ئاللانىڭ كامالىنى تۇتقانلارنى خوراپى دەيدۇ، مەكتەپتە ئوقۇتتۇق دەپ، ھەممە ئىشلىرىنى«توغرا» چۈشۈنۈپدۇ....قىز-ئوغۇل بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ، تولۇقنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە ، تاس قالىدۇ، بالىسىنى يېتىلەپ، ئاتا- ئانىللىرىنى«نەۋرىلىك »قىلغىلى تاس قالىدۇ، بۇنداقلارنى پوپ دىمەي نىمە دەيمىز؟ قۇرئاننى يادلىغانلارنى قارى دەيمىز، ۋەز خالىق قىلالايدىغانلارنى موللار دەيمىز، ئاغزىدىن شالىك چاچرىتىپ، مۇسۇلماننى، دىننى سۆككەنلەر پوپ دىمەي نىمە دەيمىز؟
4›......تىرىشقاچقا، 1400 يىل بۇرۇن ئاسمانغا چىقىپ بولغان، پوپلار ئەمدى ئاسمان جىسىملىرىن تەتقىق قىلغان بولسا، ۋە بۇ يېڭىلىق دەپ قارىغان بولسا، ئىسلام بۇندىن 1400 يىل بۇرۇن بىلىپ بولغان .پەن تېخنىكا ئالىملىرى يېڭىلىق دەپ بىلگەن نەرسىنى« بىز بۇ ئىشنى 1400يىل بۇۇرن بايقاپ بولغان ۋە قۇرئاندىمۇ تىلغا ئېلىنغان» دەپ دەككىسىنى بېرىپ بولدى ! ھورۇن بولسا، يېڭىلىقنى، پەن ئالىملىرىدىن بۇرۇن بىلەلەمتى؟
سىز دىگەندەك« پۇت قولى ئىشلىمەس» بولغان بولسا، رىم ئىمپىريىسىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىسلام بايرىغىنى پۈتۈن دۇنياغا تىكلىمىگەن بولاتتى! شۇنداق ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ، مۇشرىكلارنىڭ قوشۇنلىرىنى تاياق، توقماق بىلەن يەڭمىگەن بولاتتى...
«ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرغان بولسا، ئاتۇشتىكى قەشقەردىكى ... مۇسۇلمانلار بەش يۇلتۇزلۇق تاماقخانىلارنى ئېچىپ، مىليارت پۇل خەجلەپ مەسچىتنى يېڭىلىمىغان بولاتتى! مۇسۇلمان ،تىرىشچان، ئەقىللىق بولغاچقا، ھەممە يەرنى قىزىل چىراق قاپلاپ كەتسىمۇ، ئەقلىغە تايىنىپ كۈچىگە تايىنىپ بېيىمىغان بولاتتى....
مۇسۇلماننىڭ كۈچىگە سەل قارىماڭ! خوتەندىكى، قەشقەردىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايونىنى شۇ مۇسۇلمانلار مونىپول قىلىپ سېلىۋاتىدۇ، كورلىدىكى بوستان ئولتۇراق رايونى بولغان ئىگىز بىنالارنىمۇ شۇ سىز كۆزگە ئىلمىغان مۇسۇلمان ھاجى سېلىۋاتىدۇ....
مۇسۇلماننىڭئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىمەن دەپ بەك ئاۋارە بولۇپ كەتمەڭ!؟ ئاق دىگەن ھامىنى ئاق! قارا دىگەن ھامىنى قارا، سىز قارا دىسىڭىز ئاق نەرسە قارا بولۇپ قالمايدۇ! ھەقىقەت دىگەن ھامىنى ھەقىقەت! گەرچە قارا نىيەتلەر خالىمىغان تەقدىردىمۇ....
مۇنۇ شېئىرنى قالدۇراي چايناپ باقارسىز:
بەيگىدە تۇلپارنى باسالماس ئېشەك،
ماتانى بويىساڭ بولالماس، يىپەك.
ھەقىقەت سۇنمايدۇ ئىگىلگەن بىلەن،
قۇياشنىڭ نۇرىنى توسالماس ئېتەك!