توي ئىشىدا ئايالىڭىزنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ياخشى چىقماسلىق سەۋەبى بىلەن بىشىڭىزنى يەپ .جانلىرىڭىز سىقىلىپ ئۈسىدىغانغا جاي تاپالماي مۇنبەرگە مەسلەھەت سورسىڭىز بىرسى دىندىن ،بىرسى پەندىن ، بىرسى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەجىربىسىدىن مەسلەھەت بىرىپ سىزگە كۆيۈنۈپ يۈرەكلىرى << سەكپارە>> بوپ كىتىدۇ . بۇ نەسھەتلەرنى ئاڭلىسىڭىز ئاللىقان كىچىكەن بولدىڭىز .
مەن سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ھىچنىمە دىيەلمىگۈدەكمەن .لىكىن، ئەمما ، بىراق بۇندىن كىيىن مۇشۇ ۋاقىت مۇشۇ سائەتتىن كىيىن توي قىلىشنى ئويلىشۋاتقان ئوغۇللار ، ئەرلەر ،ئەركەكلەر بىر نەسىھەت توي قىلىپ 3 يىل ئىچىدا پەرزەنىت كۆردىغان ئىشنى قەتئىي قىلماسلىق كىرەك ئىكەن. ھەر قانچە پەرىزات قىياپىتىگە ئورۇنىۋالغان ھىلىگەر قۇۋ قىز-ئاياللار بولسىمۇ مۇشۇ ئىككى-ئۈچ يىل جەيراندا ئاشكارلىنىپ چىقىدىكەن ، ناۋادا توي قىلىپ بىزنىڭمۇ يوغان بىر نىمىز بار تۇرسا ئەخەت بىلەن ئايگۈلدىن قالامدۇق دەپ پەرزەنىت كۆرسەڭلەر ئەگەربۇ پەرزەنىتنىڭ ئانىسى يەنى سىللەرنىڭ مەھۇبىڭلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ھەقىقەتەن ناچار چىقىپ قالسا خىتىنى بىرۋىتىپ مىڭ ئۆلچەپ بىر كىسىپ ياخشى خوتۇندىن بىرنى ئالاي دىسە ، كۆز ئالدىمزىدا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ،كۆزى چاپاق سىرىق ئاسلاندەك بىر ئىككى بالا كۆزلىرىنى ياغ سالغان شورپىدەك پاقىرتىپ ،كۆزىمىزنىڭ بالىخانىسغا قاراپ كۆزىنى ياشلاپ مىقىراپ تۇرغان .شۇنىڭ بىلەن باش چوكا بىڭگۇردەك قاتقاندا مانا مۇشۇ ئاداشتەك دەرھاللا مۇنبەرگە، تۈردى چاققان ، قاۋۇل رىھىم، ئەلەم شاھ .....دىگەندەك ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپلا تۇماقنى ئالدىغا ئىلىپ قويۇپ مۇنبەردە بىزلەرگە ھىكايەت ئوقۇپ زىھنىمىزنى ئىچىپ قويۇسىلەر.
پەرزەنىتنى كىچىكىپ ئالساق مەيلى تويدىن كىيىنكى يۈز بىرىدىغان مەنىۋىي ۋە ئىقتىسادى تۇرمۇش ئىشلىرىمىزدا بولسۇن، مەيلى تېما ئىگىسىدەك بىشىمىزغا ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشىغا ئوخشاش مۇھىيتقا دۇچار بولغاندا مەسىلىنى رەتكە سىلىش شۇنداق ئاسان .
ئەسكەرتىش : ئەگەر ناچار ئايالنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئەمەس ھەتتا ياۋرۇغا ئالغان بولساڭلارمۇ ئىككىلنىپ تۇرماي كەشنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ يولغا سىلىپ قويۇڭلار . ياخشى چىقسا قەدىرىنى قىلىپ ئۆتۈڭلار .
دۇنيادا ئىنسانغا بىرىنچىسى ئىغىر كىسەل.
ئىككىنچىسى يوقسۇزلۇق .
ئۈچۈنجىسى تۈرمە ئازابىي
تۆتىنجىسى جانغا ئىكەك خوتۇن.
يۇقارقى تۆت ئىشتىن باشقىسى يوقلا ئىشقۇ دەپلا قارايمەن مەن .
ياخشى ئايال چىقسا توي قىلغۇلۇق ، بولمىسا ئەل-جامائەت ئالدىدا سەت تۇرامىكىن دەپ ئويلاپ ، زورى بىلەن ئىسمى خوتۇن ئايال بىلەن بىر ئائىلدە كۈندە كۆڭۈل ئازارى تارتقۇچە،ياغۇنچاتا زىغىر يىغى تارتقان ياخشى تۇرمۇشۇڭغا يەتكۈچە . دەپ جىجىپ قويغانمەن ھېكىمەت دەپتىرىمگە .