ماڭىمۇ نەچچە ئۇچۇردىكى نەق پۇللار بىراق 100 يۈۋەنلىك 10 يۈۋەنلىك دىگەندەك ئۇششاق پۇللار بولغاچ ئىگىسى چىققاندا ئىگىسىىگە بەردىم .ئىگىسى چىقمىغان پۇلنى قولى قىسقىلارغا بىرۋەتتىم .
لىكىن راسىت گەپ 3 مىلىيوندىن يۇقۇرى پۇل چىقسا تاپشۇرۇپ بىرشىم مۇمكىن ئەمەس .ئەگەر 3 مىلىيوندىن ئارتۇق پۇل تىپىۋالسام بۇ پۇلنى ئىككى-ئۈچ يىل مىدىراتماي ئىگىسىنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ ،ئاخبارات ۋاستىللىرىدە تەسىرى قالمىغاندا ياۋاش ساددا بىر نەچچە كىشىنىڭ نامىدا شەھەر-شەھەرلەردىن زىمىنلىق دۇكان سېتىۋىلىپ بىر ئىككى يىلدىن كىيىن بۇلارنىڭ قولدىن ئۆزۈم سېتىۋىلىپ يىللىق ئىجارىسىنى سېتىپ پۇلىسىنى ئايلاندۇرسام دەپ ئويلاپ قالىمەن .
ئىچكىردە ۋاقىتمدا تولا ھاللاردا ئىشتىن چۈشۈپ ئاخشاملىرى قىلغىلى قىلىق تاپالماي بىكار ياتقۇچە دەپمۇ ئىشقىلىپ يىرىم كىچىلەرگىچە كوچا-كويلارنى خىيالەن ئايلنىپ چىقاتتىم .مۇشۇ چاغلاردا كىتىۋاتقىنىمدا بىرەر شىركەتنىڭ ماشىنىسى يولدىكى سۈرئەتنى ئاستىلتىش قاپارتقۇ سۇلىياۋ كۆتەكتىن ئاتلاپ ئۆتىۋاتقاندا تاراققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن ماشىننىڭ قۇلىپى چىڭ ئىتىلمىگەن كەينى ساندۇقىدىكى يوغان ئادىداس بىر سومكا پۇل تاراققىدە چۈشۇپ قالسا بۇ ۋاقىتتا يولدا مەندىن باشقا پىيادا ئادەملەر يوق دىيەرلىك بولسا بۇ پۇلنى كۆتۈرۈپلا ماڭسام دەپ ئويلاپ قوياتتىم .لىكىن مۇشۇنداق ئىشقا ئاشمايدىغان خىياللارنى سۈرۈپ قويۇپ مۇشۇ خىيالىمغا يىقىنراق كىلدىغان بىر ئىشقا ھەقىقى يولۇقۇپ قالدىم .
بىراق بىر ئاغنىەم بار ئىدى بىر خەنزۇ قىز دوستى بار ئىدى .خەنزۇ دوستى بىيجىڭ خەيدىيەنچۇ رايۇندا ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئاچاتتىكەن بىر قىتىم ئۇ ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام كەپ قالدى بىر يەرگە بىرىپ ئويناپ كىلەيلى دەپ ئاغنەم ماشىننىڭ ئالدىغا چىقتى مەن كەينىگە چىقتىم كەينى تەرەپ ئورۇندۇق ئۈستىدە شۇنداق چوڭ بىر قارا سومكا بار ئىكەندۇق ماشىننىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولغان بۇ سومكىنىڭ ئىغىزنىڭ غۇۋا ئوچۇق ئىكەنلىگىنى كۆردۇم .شۇ تەرىقىدە ئۇ خەنزۇ قىز بىر ئاز پۇل بار ئىدى ئاۋال پۇللارنى ئۆيگە ئەكىرۋىتىپ ئاندىن ماڭايلى دەپ 10 نەچچە مىنۇت بولغاندا ماشىنا بىر ئىدارنىڭ ئالدىدىكى سۈرئەت ئاستىلتىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان قاپارتقۇ توسۇقتىن يەڭگىل سىلكىنىپ ئۆتۈشىكە يىنىمدىكى ھىلىقى قارا سومكا تەۋىرنىپ ئالدى ئورۇندۇق بىلەن كەينى ئورۇندۇقنىڭ ئارلىغىدىكى بوشلۇققا ئۆرۈلۈش بلىەن تەڭ سومكىنىڭ ئىچىدىن شاررىدە قىلىپ بىلى باغلانغان بىر تالاي 100 يۈۋەنلىك پۇللار سورۈلۈپ كەتتى. بەزى بىلى باغلانغان پۇللارنىڭ باغىقى شۇ كۈنى يىڭى كەچتە يىڭى يەملەنگەن چىغى باغاق چۇۋلىپ كىتىپ ماشىننىڭ پولى پۇللار بىلەن توشۇپ كەتتى . خەنزۇ قىزغا سومكىدا پۇل باركەنتۇق ئۆرۈلۈپ كەتتى دىسەم، ئۇ خەنزۇ قىز ماڭا تۆكۈلگەن پۇللارنى خاپا بولماي سومكىغا سىلىپ سومكىنىڭ ئىغىزىنى ئىتىپ قويساڭ ،بايام سومكىنىڭ ئىغىزنى ئىتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگەندى، پۇللارنى پۇرلاپ-پۇرلاپ سومكىغا تىقىپ ئىغىزنى ئىتىپ جايىغا قويۇپ قوياي دەپ سومكىنى كۆتۈرسەم يامان ئىغىركەنتۇق خىلى كۈچەپ جايىغا قويۇپ قويدۇم .ئارىدا بۇ پۇلنى ئۆيىگە ئەكىرۋىتىپ چىقتى . ئويلاپ باقسام شۇ قىزنىڭ پۇلنى يىغۇرشتۇرۇپ سومكىغا سىىلىپ ئىغىزىنى ئىتىپ قويساڭ دىگەن گىپىدىن ئۆزۈمگە يەنە بىر قىتىم ئادىمىيلىك قىممەت تىپىۋالدىم .