بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى ئالغاچ كەلدىم، بۇ دېتاللار ئىقتىدار جەھەتتە ئوخشاش تۈردىكى دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ياخشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا كومپىيۇتېرىڭىزدا كەم بولسا بولمايدىغان دېتاللار ھېسابلىنىدۇ. دېتاللارنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇردۇم، چۈشۈرۈش قۇرالى ياكى مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ 目标另存为دېگەن كونۇپكا ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ۋىروس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بىخەتەر دېتاللار.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلان يوقىتىدىغان تور كۆرگۈ
بۇ تور كۆرگۈچنىڭ ئېلان سۈزۈش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى، تور بەتلەردە كۆرۈنىدىغان 90پىرسەنت ئېلاننى سۈزىۋىتەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز تور كۆرىۋاتقاندا سەكرەپ چىقىپ بىزار قىلىدىغان ئېلانلاردىن ۋە بەزى بېكەتلەردىكى ھاياسىز ئېلانلاردىن سىزنى قۇتۇلدۇرىدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تور كۆرگۈ
بۇ تور كۆرگۈنىڭ سۈرئىتى ئادەتتىكى سوگو، 360قاتارلىق تور كۆرگۈلەرگە قارىغاندا خېلىلا تېز ھېسابلىنىدۇ.
ھۆججەت پىرىسلاش دېتالى
دوستلىرىڭىز ئەۋەتكەن rar,zipفورماتىدىكى پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنى ئاچالمىغان ۋاقتىڭىزدا بۇ دېتال تازا ئەسقاتىدۇ، كۆپخىل فورماتتىكى پىرىس ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ، پىرىسلاش نىسبىتى يۇقىرى، يەنى پىرىسلىغاندىن كېيىنكى ھۆججەتنىڭ سىغىمى ئەسلىدىكىدىن خېلىلا كىچىك چىقىدۇ.
رەسىم كۆرۈش دېتالى
كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يەنە يېڭىدىن نۇرغۇن رەسىم فورماتلىرى ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، كۆپلىرىنى كومپىيۇتېرلىرىمىزدا ئاچالماي قالغان ۋاقتىمىزدا مەزكۇر دېتال باش قېتىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلغۇسى. ئۆزى يېنىك، ئارتۇقچە مەنبە ئىگىلىمەيدۇ.
كۆپ مەنبەلىك كىنوخانا
توردا كىنو، تېلىۋىزىيە تىياتىرى، بىۋاستە بېرىلىدىغان تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرمەكچى بولسڭىز مەزكۇر دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قارا بوران فىلىم قويغۇچ
كۆپخىل ئۈن-سىن فورماتىنى قوللايدىغان، توردا فىلىم كۆرۈش ئىقتىدارى بولغان ئۇنىۋىرسال قويغۇچ، ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل.
مۇزىكا قويغۇچنەچچە مىليون ناخشا مۇزىكا ئامبىرىغا ئىگە مۇزىكا قويغۇچ، ياقتۇرغان ناخشىلىرىڭىزنى قۇتىڭىزغا ساقلىۋالالايسىز، ناخشا تېكىستلىرىنى ئىزدىيەلەيسىز ئۆزىڭىزدە بار ناخشىلارنى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز. ناھايىتى قولاي مۇزىكا قويغۇچ
يۇقارقىلار ئۆزۈم بىر مەزگىل ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن دېتاللار، ۋىروسخور ۋە بىخەتەرلىك قۇراللىرىدىن ھېچقايسىسىنى تەۋسىيە قىلالمايمەن، چۈنكى يېقىندىن بېرى بۇ تۈردىكى دېتاللارنىڭ ئابونتلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوغۇرلايدىغانلىقى ھەققىدىكى سەتچىلىكلەر كۆپىيىپ قالدى، مەنمۇ ھازىر ۋىندوۋسنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن قوغداش قۇرالى ئارقىلىق كومپىيۇتېرىمنى بىخەتەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.