xajarim يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 12:47 PM
مومكىن بولسا تەرجىمھالىنى تولۇق يوللىسڭىز ، يەنى ...
پاتىگۈل مەسۇم كورلا شەھرىدىن ، 1973 - يىلى تۇغۇلغان ، ھەدەمنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن ساۋاقدىشى ۋە دوستى ، ھەدەم ئەينى ۋاقىتتا (ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا) پاتىگۈل ھەدىمىزنى ماختاپ ‹‹دىكتورلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1 - بولدى ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى 【ئۆلمەس ئاۋاز 】 دەپ بېكىتىپتۇ ، يەنى مەڭگۈ قېرىمايدىغان ئاۋازكەن ، مەكتەپ پۈتتۈرمەستىنلا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا ئىشقا چۈشۈپ كەتتى ، ئۇ ئەمدى ئۈرۈمچىلىك بوپ كېتىدۇ›› دىگەن ئىدى . ھازىر خىزمەت ، تۇرمۇش ۋە ئىككى شەھەردە بولۇش سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئالاقىسى خېلىلا ئۈزۈلۈپ قالدى ، باشقا تەپسىلاتلارنى تەپسىلى بىلىدىغانلار يوللاپ قويسۇن ، ئەگەر چىقمىسا مەن ھەدەمدىن سوراپ يوللاپ قوياي .