تەۋەرۈك كىتاب سودىسىغا قىزىقامسىز؟
تەۋەرۈك كىتاب - ساقلاش قىممىتى يۇقىرى ۋە كونا كىتابلارنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت تەرەققى قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىتاب ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايرىلماس دوستىغا ئايلانماقتا.ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق ھازىرقى دەۋىر رىقابەت ئۇچۇر دەۋرى.ئىلىم-پەن ئۇچقانداق تەرەققىي قىلۋاتقان بۇگۈنكى بۇ كۈندە گەرچە تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن قۇلايلىقلار بولغان بولسىمۇ،تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانا تىلىمىزغا بولغان بېسىم بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.قوشتىلنىڭ يەنە بىر پاسسىپ تەرىپى بولسا ئانا تىلىمىزنىڭ ئەۋلاتلار بالىلار قەلبىدىكى ئورنى باسغانسېرى سۇسلىىپ بارماقتا.كىشىنى ئىچىنى ئېچىشتۇردىغىنى بەزى بالىلار ھەتتا ئانا تىلىدا ئۆزئىسمىنى يازالمايدۇ.بۇ بىرمىللەت ئۈچۈن ئېچىشىنىش.مۇشۇنداق تۇرغان يەردە كەلگۈسىدە ئۇلار توم-توم ئاناتىل رومانلىرىنى قانداق ئۇقۇيالىسۇن؟ شۇڭا بەزىلەر كىتاب ئېلىپ سېتىۋىلىپ قانداق قىلىمىز دەپ ئويلاپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن.
مېنىڭچە بۇنداق ئويلاش خاتا.مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن بالىلىرىمىزنى ساۋادلىق قىلىشىمىز،ئۇلارغا مىللەتنىڭ بەلگىسى بولغان ئانا تىلنى پۇختا ئىگەللىتىتىشىمىز،ئۇلارغا كۆپرەك كىتاب ئېلىپ بىرىشىمىز،ئۆزىمىزمۇ كۆپرەك كىتاب ئېلىپ ساقلىشىمىز كېرەك.كىتاب ساقلاش تۇلىمۇ ئۇلۇغ ۋە ياخشى بىر ئىش.مەنمۇ كىتاب ساقلاش ھەۋەسكارى.مەن ئۇزۇندىن بىر كىتاب ساقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقتىم.ئاساسلىق كىتاب ساقلىغۇچىلار كىتابنىڭ قىممىتىنى بىلىپ ئەسلى نەشىردىكى ياخشى كىتابلارنى ساقلىسا يەنە بەزى كىشىلەر ئەزان دەپ ناچار كۆپەيتىلمە كىتابلارنى سېتىۋالماقتا. باشقىلار ھەقىقىي تۇنجى نەشىردىكى كىتاب ساتسا ئۇنى قىممەت كۆرىدۇ.مېنىڭچە بۇلار ھەقىقىي ئەخمەق كىشىلەردۇر.كىتاب ساقلاشتا چۇقۇم ياخشى تۇنجى نەشىردىكى كىتابلارنى ساقلاش كېرەك.
كىتاب ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلىق خەزىنىسى.كىتاب ئۇ مەڭگۈ يۇقالماس ئەڭگۈشتەر. كىتاب ئۇ تارىخنىڭ ئىزناسى،شاھىدى،كىتاب ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن جۇلاسى. كىتاب گەرچە قۇرۇق قەغەز بولسىمۇ،ئۇنىڭغا غايەت زور بايلىق ۋە بىلىم يۇشۇرۇنغان. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى:< كىتاب قىممەتلىك يۈكنى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈدىغان كېمە> دەپ تۇلىمۇ توغرا ئېيتىقان. بىر مىللەت كىشىللىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئۇلارنىڭ كەيگەن كىيىملىرى ۋە مال دۇنياسى بىلەن ئەمەس بەلكى دەل شۇ مىللەت كىشىللىرى ئۇقىغان كىتابنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. كىتاب ئىنسانىيەت ئۆز قۇلى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام. ئۇ ھەممىنى،پۈتكۈل ماھىيەت ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان. كىتابقا تەڭ كىلدىغان ئىنسانىيەت جۇغلىغان ئىككىنجى بىر خەزىنە مەۋجۇت ئەمەس. بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىك كىشىلىك دۇنياسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇنداق كىتاب شۇنىلىك ۋە ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك. قېنى سىز تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى ھەرقانداق ئۇقۇمۇشلۇق زاتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بېقىڭ. قايسى بىرىنىڭ ئۆيىدە كىتاب ئىشكاۋى كىتاب يوق. ئۇلار كىتاب ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرگەن. ئۇلارنىڭ باللىرى دەل شۇنداق كىتاب مۇھىتىدا چوڭ بولغاچقا،چوڭدىن تارتىپ -كىچىكىچە كىتابنى شۇنچىلىك قەدىرلەيدۇ. كىتاب ساقلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىدۇ.
ئەمدى ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى،ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى تۈركى تىللار دىۋانى ۋە دىداكتىك داستان قۇتاتغۇبىلىك بۇندىن 10 نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا كىتاب شەكلىدە تۈپلىنىپ بولغان. دېمەك ئۇيغۇرلار كىتاب مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن مىللەت.يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر مارىپى خېلى تەرەققى قىلغان بولغاچقا بۇ دەۋىردە بىر تۈركۈم باسما زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇپ تالاي ياخشى ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. ئەپسۇس،ئۇزاق يىللىق خۇراپاتلىق ۋە شىڭشىسەينىڭ رەزىل ۋە قەبىي سىياسىتى تەسىرىدە تالاي ياخشى كىتابلار كۆيدۈرۋىتىلگەن. يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن گەرچە بىر تۈركۈم ياخشى ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،لېكىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى تەسىردە يەنلا كۆيدۈرلۈشتەك تەقدىردىن مۇستەسنا قالمىغان. 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايەت زور ئاپەت بولغان.مەدەنىيەتلىكلەر خارلىنىپ مەدەنىيەت مىراسلىرى،كىتاب ژورناللار كۆيۈرۋىتىلگەن. يۇقىتىۋىتىلگەن. ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۈرۈش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە 20-ئەسەرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر كىتابچىلىقىدا يىڭىچە ئۇتۇقلار بولغان. بۇرۇنقى كىتابلارۋە يىڭىدىن يېزىلغان كىتابار ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان.
مانا ئۇنىڭغىمۇ بىردەمدە 30-40 يىل بۇلۇپ قاپتۇ. گەرچە ھارىز كىتابلار بۇرۇنقىدىن سەرخىل ۋە ئالىي دەرىجىدە نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ،يەنىلا بۇرۇنقى رۇمانلار كىشىنى .ئۆزىگە باشقىچە تارتىدۇ. يەنە كىلىپ بىر قىسىم كىتابلارنى تېپىش ھازىر بەكمۇ تەس. شۇڭا بىر قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر ئەينى ۋاقتىدا ساقلاپ قويغان كىتابلىرنى ئەسلىرى باھاسىدىن قىممەت ھالدا سېتىپ،كونا كىتاب بازىرىنى قايتىدىن جانلارندۇردى. بۇنداق كىتابلار ھەرقانداق بىر كىتابخانىلاردا بار ئەلۋەتتە. لېكىن بەك تۇلۇق ۋە مۇكەممەل ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دۇنياسىدا بۇ توغۇرلۇق مۇكەممەل تور بەتلىرى قۇرۇلغىنى يوق. شۇڭىلاشقا تور دۇنياسىدىكى مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن باغراش تورى بىلەن بىرلىشىپ باغراش تور كىتابخانىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. كىتابخانىمىز ئاساسلىقى كونا كىتابلارنى سېتىشىنى مەخسەت قىلغان. ھازىرچە كونا 50 كىتاب سېلىندى. كىتابخانا بارا-بارا رەتلىنىدۇ ،سەرخىللىشىدۇ.
ئەگەر كونا كىتاب سېتۋالماقچى بولسىڭىز كىتابخانىمىزغا كىلىڭ.
ئادرىسىمىز:
http://www.baghrax.com/kitab.php
ئالاقىلاشقۇچى : يارمۇھەممەت
چ چ : 1453835172
بانكا كارتىسى :
پوچتا - ئامانەت بانكا كارتىسى:6221888810014753714
يېزا - ئېگىلىك بانكا كارتىسى:6228480890916786712
سودا- سانائەت بانكا كارتىسى:6222023002014404613
يۇقارقى كارتا ئىگىسىنىڭ نامى بىردەك يارمۇھەممەت. خەنچە يېزىلىشى:
牙尔买买提。帕尔海提
ئەسكەرتىش: مۇلازىمەت مەركىزىمىز ھەرگىزمۇ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلمايمىز. قانۇنسىز نەشىرقىلىنغان ۋە چەكلەنگەن كىتابلارنى ساتمايمىز ۋە سېتىۋالمايمىز. ئەگەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بىردەك مەلۇم قىلنىدۇ.
شۇئارىمىز: سەمىمىي،ئادىل،ھالال سودا قىلىش. پۈتكۈل كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە بۇيىچە ئىستىمالچىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى ئۇرۇنداپ ئۇلارنى رازى قىلىش.
مال سېتۋىلىش شەكلى: پوچتا ۋە ماشىنا ئارقىلىق ئەۋەتىىش. رازى بولمىسا مالنى ياندۇرۇپ پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىش.