مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyol

ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 11:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىز بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

ئىز، ئىز------

  مەنمۇ بىر چاغلاردا شەپىرەڭ قوغلاپ،
   ئوينايدىغان بالا ئىدىم بالامدەك.
   ئەمدىلىكتە چاچ ئاقاردى ساقامۇ ھەم.
     ھەر نەپەستە  خىقىرايمەن دادامدەك

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94496
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 09:53:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىز دېگەن بۇ شئېرنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا يىڭىچە بىر خىل تۇيغۇ ، قەۋەتلا ياقتۇرمەن .

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق ،

تاپقۇسى ھىچ بولمىسا،بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز ،

                                                    يا ئەۋرىمىز.

مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا بولسا يۈركۈمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچشىپ كىتدۇ .ئەجداتلىرىم  بىزدىن نىملەرنىمۇ كۈتكەن بولغىيتى ھە ؟!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 12:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oyl يوللىغان ۋاقتى  2013-10-13 09:53 AM
ئىز دېگەن بۇ شئېرنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا يىڭىچە بىر خ ...

توغرا دەيسىز بۇرادەر !  بىزنىڭ خەلقىمىز مۇشۇنداق ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا ئارمانلىرىمىزنى كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇپ ، ئۆزىمىز قىلالمىغاننى  ئەۋلاتلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىپ ئۆتۈۋاتقىلى نەچچە ئەسر بولدى . بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مۇشۇنداق ئۆزۈڭ قىلالماي ياكى قىلشقا ئىنتىلمەي ئارمانلارنى ئوغۇلچاقلارغا ۋەسىيەت قالدۇرۇش  ئۆتۈپ كەتكەن  مەسئۇليەتسىزلىك ، بوشاڭلىق ئەمەسمىدۇ ؟ شۇنداق ئاتىلارغا  كېيىنكى ئەۋلاتلار   قانداق باھا بېرەر ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2450
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 02:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ياتقان يىرنى جەننەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98581
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 04:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
EM6KG3CASHWSFYCAM15NIPCASEY3ZDCAMNULNYCAYV3JA0CAQ24VSZCAX4MH17CA22GC5MCAB52Y8CCA.jpg


HA8WDHCAK2Y74VCA9KBF0YCATK7KFACAYRGP6ACAAG575PCATGU32CCAIIVSUMCAYJU2PGCANJKWG6CA.jpg


psb.jpg


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98581
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 08:24:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنۇ نەسىرى بەكمۇ يارايدۇ ماڭا
باش ئەگىم
(نەسىر)

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئەجەبمۇ ياراشقان بۇ ئىسمىڭ ساڭا، زاتىغا قاراپ ئېتى بولۇر دېگەندەك، زۆھرەنىڭ ئىشىكىدىن
كۈندە مىڭ ئەگىپ ئۆتكەن تاھىر كەبى ھەر دوقمۇشتا يۈز قېتىم ئەگىپ ئاقىسەن، خۇددى كىمنىڭدۇر
ئارقىسىدىن يەتمەك بولۇپ قوغلاشقاندەك تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ شىددەت بىلەن چاپىسەن....
نېمە بۇنچىۋالا تەشۋىشتە قالدىڭ؟؟
بىر قاراپلا بىلدىم، چېھرىڭدە چوڭقۇر بىر قايغۇنىڭ، ئاچچىق بىر ئەلەمنىڭ ئىزى بار، خۇددى
يىلاندەك تولغۇنۇشلىرىڭمۇ مەنىسىز ئەمەس، تاپتايىنلىق ئوبدان بىلىمەنكى ئۇ بىر جان
ئاچچىقىدۇر.....
ئايدىڭ كېچىلەردە بولسا مۇڭلىنىپ ئېيتقان قوشاقلىرىڭ خۇددى قاناتلانغان قۇشلاردەك ئۇچۇپ
بېرىپ ئالەمنى قاپلار، ئۇزاقلاردا تۇرۇپ بۇ مۇڭلۇق قوشاقلىرىڭنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرەك باغرى
خۇددى سىمابتەك تىتىرەر، ئۇ ئۆزىنى ئۇنتار، يېقىن كەلگەنسىرى ھېچ تاقىتى قالماس، چىداپ تۇرالماي
مۇڭلىرىڭغا قۇشۇلۇپ تاھىر ئاققان جىلغىلىرىڭدا كۆز ياشلىرى بىلەن ئاققۇسى كېلەر....
ھەي، باش ئەگىم! دىمىقىڭدىن ھامان بىر ھىجران پۇرىقى پۇرار، بۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۆز
ياشلىرىم بىلەن كۆمۈلۈپ قالىمەن . سەنچۇ؟ ھامان ئۆز غېمىڭ بىلەن . قىلچىلىكمۇ پەرۋا قىلمايسەن .
ئېيتقىنا! نېمە بۇنچىلا دەرتلىكسەن؟ قاچاندىن بىرى شۇنداق مۇڭلۇقسەن؟
ھەي مۇڭلۇق باشئەگىم، ئېيتمىساڭمۇ ئوبدان بىلىمەن نىچۈن غەمكىن نىچۈن
مۇڭلۇقلىقىڭنى... ئەگەر بىلمىسەم، دەردىڭگە ئورتاقلاشمىسام قاپقارا ۋاپاسىزلىق، ئۇياتسىزلىق
توغرىسى خائىنلىق قىلغان بولىمەن . چۈنكى سۆيگۈ، ۋاپا، نومۇس ۋە ئەزگۈلۈك سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭدىن،
يۈكسەكلىكىڭدىن يارقىن بىر نەمۇنە ئەمەسمىدى؟ سەن ئەزەلدىن بىزگە شۇنى _ سۆيگۈ، ۋا پا، نومۇس ۋە
ئەزگۈلۈكنى ئۆگەتمىگەنمىدىڭ؟
سۆيگۈ تۇتقىنى تاھىر تاغدىن تاشلانغاندا سېنىڭ سۈر لۈك، قاتتىق ۋە قىلىچتەك ئۆتكۈر
تاشلىرىڭ مامۇق بولۇپ قارشى ئالغان ئەمەسمىدى؟ تاھىرنىڭ ساندۇق بىلەن بىر ئەگىمدە ئۈچ كېچە -
كۈندۈز تۇرالىشى سېنىڭ ئەزگۈلۈك ۋە ۋاپادارلىقىڭ ئەمەسمۇ؟ كىم بىلمەيدۇ تاھىر ساندۇقىنىڭ
ئىسسىق قوينۇڭدا نەچچە يىللار كۆز قارچۇقىڭدەك ئاسرالغىنىنى! بۇ، كىمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان
لەرگە خاس ئەزگۈلۈك ۋە يۈكسەكلىكتۇر...... « پەرىشتە » ئەزگۈلۈك؟ بۇ ساڭا ۋە
ئەمدىلىكتە بولسا، دەردلىك كۆزلىرىڭ بىلەن ئېگىز تاغ بېشىغا قارايسەن، ياش ئۈنچىللىرى
بىلەن تولغان كۆزلىرىڭنى بىر نەپەسمۇ ئۈزەلمەيسەن.
نېمە كۆرۈنەر؟
تۇغ قادالغان كونا بىر مازار ... ئۇزاق ئەسىرلەرنىڭ، ئېغىر يىللارنىڭ، قاراكۈنلەرنىڭ قانلىق
يەكۈنى ...
نە سۆيگۈ، نە ھايات، نە تەنتەنە!
بىر جۈپ قىزىل گۈل ئارىسىدا ھامان بىر تال ياۋۇز تىكەننىڭ ئىپلاس ۋە تەكەببۇر گەۋدىسى
ياتار... مانا، سەن شۇنى كۆرىسەن. ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ئىپلاس، تەكەببۇر تىكەننىڭ يىرتقۇچلارچە
قىچقارغان ئۆلۈك كۈلكىسى قۇلىقىڭغا خۇددى نەشتەردەك سانچىلار ... قارا كۈنلەرنىڭ ئۇ بىر جۈپ
مەسۇم قۇربانى سېنى قانچە ئاچچىق ھەسرەتكە، چوڭقۇر مەيۈسلۈككە، چەكسىز قايغۇغا سالسا، ئۇلارنىڭ
قاتىلى شۇ ئىپلاس تىكەن سې نى شۇنچە تىنىچسىزلاندۇرار، غەزەپلەندۈرەر، كايىتار ... ناھايەت، ئىنتىقام
ئۈچۈن قوزغار!
ھەممە دەردىڭ، ھەممە قايغۇڭ، ھەممە تەشۋىشىڭ، ھەممە ئاچچىقىڭ شۇنىڭ ئۈچۈندۇر.
ئەي، مەسۇم قۇربانلار مازىرى، سۆيگۈ دەرياسى ھەسرەتلىك باش ئەگىم ! ھامان سېنىڭ ئۈستۈڭنى
بىر قارا ھ ىجران تۇمانى باسقان، سەن شۇنىڭ ئۈچۈن دەرتلىنىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇڭلىنسەن، شۇنىڭ
ئۈچۈن ئاچچىقلىنىسەن، غەزەپلىنىسەن، ئاچچىقىڭدىن تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ، ئاپئاق كۆپۈكلەر
چاچرىتىسەن، جان ئاچچىقىڭدىن دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ، شىردەك ھۇۋلايسەن.
ھەققىڭ بار!
ھەر نېمە قىلماققا ھەققىڭ بار!
يەنە دەرتلەن، يەنە مۇڭلان، يەنە ئاچچىقلان!
تاشتىن - تاشقا ئۇرۇل، دولقۇنۇڭ بىلەن كۆتۈرۈل... يەنە تاش!
تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ ياناق كۆزلىرى ھامان ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا . سۆيگۈ، ۋاپا، نومۇس ۋە
ئەزگۈلۈك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روھىنى يادلان ! تا ھىر داستانى بىلەن دولقۇنلان !! ئۇنىڭ ئۈچۈن چەككەن
ئەللىمىڭ، تارتقان دەردىڭ، جاپا- ئەمگىگىڭ مەڭگۈلۈك راھەت، مەڭگۈلۈك سائادەت!
«بېشىمغا ھەر بالا كەلسە،
ئۆزۈڭنىڭ شورى دەڭلار! »

1948 -يىلى 27 - يانۋار ئۈرۈمچى
يازما يوللىغۇچى: ئەرتىل
  
         

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش