مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tasawwur138

پەلسەپىۋىي قائىدىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35372
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 07:12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەلسەپە شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.


______
پەن شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.
پەلسەپە شەيئىلەرنىڭ ئومۇمى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.
كونكىرت پەنلەر شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.

بىز تەبىئەت دۇنياسىنى ياكى ئىنسانلار تارىخىنى ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرگىنىمىزدە، تۈرلۈك باغلىنىشلارنىڭ ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشلەرنىڭ چەكسىز گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرىسى ئەڭ ئاۋال كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھەركەت قىلمايدىغان ۋە ئۆزگەرمەيدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق، ھەممە نەرسە ھەركەتلىنىپ، ئۆزگىرىپ، تۇغۇلۇپ ۋە يوقۇلۇپ تۇرىدۇ.  (پەلسەپە)
   بۇ، شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئومۇمى كۆرنىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى. ئەمما بۇ قاراشلار شەيئىلەر، ھادىسىلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئەمەس. تەپسىلاتنى ئىگەللەش-بىلىش ئۈچۈن شەيئى ياكى ھادىسىنى تەبىئى ياكى تارىخىي باغلىنىشلاردىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئالاھىدە سەۋەپلىرى، نەتىجىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار جەھەتتىن بىربىرلەپ تەتقىق قىلماي بولمايدۇ. نەتىجىدە،  كونكرت شەيئىلەر، ھادىسلەر توغرىسىدىكى   تەتقىقاتلار (كونكرىت پەنلەر) ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.


بىز تەبىئەت دۇنياسىنى ياكى ئىنسانلار تارىخىنى ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، مەنىۋى پائالىيەتلىرىمىز تەبىئى ۋە تارىخىي  جەرياننىڭ مېڭىمىزدىكى ئىنكاسى، دەپ  ئېتىراپ قىلساق، شۇنىڭدەك، كۈندىلىك تۇرمۇش مېڭىمىزدە ھاسىل قىلغان بىلىشلەرگە ئاساسەن ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەر، ھادىسىلەر، ۋەقەلەرگە تەسىر كۆرسەتسەك، ئەمەلىي ئىشلارنى ئېلىپ بارساق،   پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمىز. يەنى پەلسەپىدىكى  ماددا بىلەن ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتى قائىدىسىنى  يادىكەشلىكتىن قۇتۇلدۇرغان بولىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21373
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7724
تۆھپە نۇمۇرى: 602
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-12-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-8 07:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qilanqi8 يوللىغان ۋاقتى  2013-10-8 07:12 PM
پەلسەپە شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق ق ...

نەزەر دائىرىڭىز كەڭ ئىكەن.
كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت !

ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزمىغان ئادەم ھامان بىر كۈنى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش