XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 10:20 AM
بىزنىڭ بۇ يەردە ھېيىت پەتىسىگە چاقىرسا ئاندىن كىرىدۇ ، ...
ھېيت پەتىسىگە چاقىرسا كىرسە ياخشى ، بىزنىڭ مەھىلىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ .
بىر كۈندە بىر مۇسۇلمان يەنى بىر مۇسۇلمان بىلەن نەچچە قىتىم ئۇچرىشىپ قالسا زىرىكمەي سالام قىلىش كاتتا ساۋاپتۇر . چۈنكى بىر بىرىگە ئامانلىق تىلەيدۇ ، جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيدۇ ، نېمە دىگەن ياخشى تىلەك - ھە ؟! بۇنىڭدىن ھوزۇرلانماي زىرىككەن ئىنساننىڭ ، چارچىغان ئىنساننىڭ مۇسۇلمانلىق قەلبى ئويغاق ئەمەس !
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خۇشاللىقا چۆمۈپ، بۇ كاتتا بايرامدا بىر بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىپ ، قەلبىدىكى ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ، ئەڭ يىقىملىق ئىبارىلەر بىلەن بىر بىرسىگە ياخشى تىلەكلارنى تىلىشىپ ، بىر بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قەدىر قىممىتى قىلدىغان مۇشۇ خاسىيەلىك كۈنلەردە ھەر بىر قېرىندىشىمىزنى بىر ئەمەس نەچچە قىتىم تەكرار تەكرار مۇبارەك قوللىرىنى تۇتۇپ كۆرشۇۋالساق ، مۇڭدىشىۋالساق ،ھەم داستىخان بولۇپ سۆھبەتلىشىۋالساق ، نېمە دىگەن ياخشى - ھە ؟! مەن شۇنى ئارمان قىلىمەن !