zapar يوللىغان ۋاقتى 2013-10-15 11:56 PM
يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىش سۈرئىتى ۋە ئانا مانىسنى كۈزىگە ك ...
مەنمۇ سىللىدەك ئويدا جۇمۇ !!!
مەن بەك دىققەت قىلدىم ، بىز مىللەت نىمە ئىش قىلمايلى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ بولدى قىلماستىن تىخىمۇ يۇقۇرغا چىقرىپ توختايمىزكەن .
ھاراق ئىچسەكمۇ تازا ئىچىدىكەنمىز تا يىقىلغۇچە . ئاشنا تۇتساقمۇ تازا تۇتىدىكەنمىز تۆت-بەشكىچە ، قاتناش ھەيدىسەكمۇ نىمە ئۇ ئەزىرائىل جاننى قايتۇرۇپ بىردىغاندەك تازا قوغلايدىكەنمىز . قىز دوست تۇتساقمۇ ماشىننىڭ چاقى ئىتىلىپ كەتسە ئورنىغا سەپلەرمەن دەپ زاپاس چاق ئىلۋالغاندەك بىر نەچچە قىزنى ئېھتىاتەن يوشۇرۇنچە تۇتقاچ تۇردىكەنمىز بىر ئىش قىززىق تىخى . ناماز ئوقۇساقمۇ سۇھەققى نامىزى ، شامال نامىزى ، ھاۋا نامازىلىرىنى كەشىپ قىلدىكەنمىز . جۇمە كۈنلىرى ئالىملىرىمىز توساپ تۇرسا ھە دەپ قويۇپ پەرىز نامازنى ئالتە ۋاق قىلىپ ئوقۇيدىكەنمىز . رامزان ئايغا ھەپتە قالغاندا بىكار تۇرغۇچە تۇتقاچ تۇرلى دەپ رامزان كۈنى كىلشتىن نەچچە كۈن بۇرۇن تۇتقاچ تۇردىكەنمىز . ئۆلۈكلەرگە
يەرلىك ئالساق. بىر بولسا تازا كولاپ 4~3 مىتىر قىلۋىتىكەنمىز بىر بولسا ئاپتاپ يەپ ياتارسىز دەپ يەرنىڭ يۈزىگە ياتقۇزۇپ ئۈستىگە تۇرپاننىڭ چۈنچە ئۆيىدەك كىچىك بىر بوتكىنى ياساپ قويدىكەنمىز . پەرزەنىت كۆرسەكمۇ بىر بولسا بىر بالىمىزمۇ يوق بىر بولسا 8~7 خۇددى يەسلى باللىرىدەك ......
ھەتتا جىدەل ماجىرادىمۇ شۇ . بىر بولسا تىللىىشپ چاچلىشىمىز ،بىر بولسا پىچاقلىشىپ توختايمىز .
تۇرمىغىمۇ پارچە-پۇرات كىرمەيدىكەنمىز بىر بولسا 15~10 يىللىق ،بىر بولسا مۇددەتسىز كىردىكەنمىز .
يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا مىللەتلەر ئىچىدە بىر ئىشلارغا بىز مىللەتتەك پۇختا، ئىھتىياتچان ، سەزگۈر ، پۇختا ، تىرىشچان ، بايراقتار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدىغان يەنە بىر مىللەت بولمىسا كىرەك .