aksiya يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 11:02 AM
چاتاق يوق ، ھازىر باراڭ پۇل ئەمەس قاپاق پۇل بولىدىغان ...
دىگىنىڭىزدەك بولسىغۇ ياخشىتى، قېرىندىشىم. ئامرىكىدا ئادەتتە SCI غا كىرمەيدىغان ژورناللار يوق دىيەرلىك، ھەم ئۇنداق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلمايمىز چۈنكى بۇ تەرەپتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەتقىقاتلار سۈپەتلىك ئىلمىي ماقالىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، شۇڭا جۇڭگودىكىدەك SCI دىگەن سۆز تىلىغىمۇ ئېلىنمايدۇ، پەقەت شۇ ساھەدىكى قانچىلىك ياخشى ژورنالغا ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارايدۇ.
چەتئەللەردە ياخشى ئوقۇپ «قاپاق»قا ئىگە بولۇپ قايتقانلارنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق خىزمەتلەرگە ئېرىشەلمىگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، گەرچە «قاپاق» خېلى ئوبدان بار بولسىمۇ جۇڭگودا «باراڭ» پۇل بوپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالىدىغان ئىشكەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا. ئامرىكىدا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتىدەك دۇنياۋى مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت تەكلىپىگە ئېرىشىپ كەسكىن رىقابەتكە تولغان ئامرىكا ئاكادىمىيە ساھەسىدە ئۈزۈپ چىقىۋاتقان يەردە، «قاپاق» يوق بولۇشتىن ئەنسىرىمەيمەن. مېنىڭ ېېيجىڭغا ئەمەس ئۈرۈمچىگە قايتقۇم بار. ئەگەر بېيجىڭغا قايتسام تەكلىپ قىلىدىغانلارنىڭ ھەر ۋاقىت چىقىدىغىنغا ئىشىنىمەن. پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
مەنمۇ ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ھايۋانلارنى قوغداش بىئولوگىيىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر يۆنىلىشىمنى ئۆزگەرتىپ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ قوغداش بىئولوگىيسى بىر قىزىقارلىق كەسىپ دەپ ئويلايمەن. پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرساق بولىدۇ. مەن تۆۋەنگە بىر قسىم ماقالىلىرىمنى يوللاپ قوياي، يىقىندا يەنە بىر پارچە ماقالەم(PNAS) تە ئېلان قىلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. كۆرۈپ بىقىڭ. خالىسىڭىز سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنىمۇ كۆرۈپ باقاي.
http://ajpendo.physiology.org/co ... /ajpendo.00117.2013
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3658881/
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3330774/
http://www.expert-reviews.com/doi/pdf/10.1586/eem.13.14