يېزىمىزنىڭ زەرەپشان دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان كۆلىمى نەچچە مىڭ
موغا يېتىدىغان مۇنبەت يايلاقلىرى بار ئىدى . مەن كىچىك چاغلاردا
دائىم دوسىتلىرىم ، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىلىق تۇتۇپ يەيتۇق .
سوغا چۆمۈلەتتۇق . يېزىمىزدىكى ھېچقانداق كىشى ئۇ يەردىن
بىرەر تال قۇرۇپ كەتكەن يۇلغۇن ياغىچى ، ئوتۇن ئېلىپ چىقالمايتتى.
ئەمدى قارىسام ‹‹ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ››
ئوتلاق ـ ئورمانلارنى بۇزۇپ ئوبدانلا يەر ئېچىپ ، دىيارىمىزدىكى
ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە خىزمەت تېپىپ بەردى .
لىكىن قاقشىماسلىقىمىز كېرەك . چۈشكۈنلۈك مەغلۇبىيەتنىڭ يېرىمى
قاقشاشتىن كىلىپ چىقىدۇ .
‹‹ ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار ›› .
بەزى سەۋەبلەرنى ئۆزىمىزدىن ، ئۆزىمىزنىڭ بۇشاڭلىقىدىن ئىزدەپ باقايلى !
پاكىت سۈپىتىدە مۇنۇ ئىشلارنى دىيىشنى لايىق تاپتىم .
ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر جاپادىن قورقۇپ خېنەندىن چىققانلارغا يەرلىرىنى
كۆتۈرە بېرىۋاتىدۇ . يەر بايلىق . يەرنى ساتمايلى .
ئۆزىمىزنىڭ قولىدىكى ھەر بىر مۆلۈكتىن ئەڭ يۇقرى چەكتە پايدىلنايلى .
ئۆز ئىشىمىزغا پۇختا بولايلى . خەنزۇلار تېرىغان يەر بىلەن ئۇيغۇر تېرىغان
يەردىن چىقىدىغان ھوسۇل ئوخشمايدۇ . بىر قارىماققا قايسى ئۇيغۇرنىڭ
قايسى خەننىڭ ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ . ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىپ يەرگە
ئىشلەيلى ! يەر ئىشلىگەننى بىلىدۇ .
ئازراق يەرگە پاختا تېرىپ قويغان . ( خۇدايىم بەرسە پاختىنى سېتىپ
خوتۇن ئېلىۋالارمەن دەپ ) .
ئالدىنقى كۈنى پاختا تەرگۈزگىلى
ئادەم ئىزلەپ كىرسەم ، ئەمگەكچىلەر بازىرىدا بىرەر ئۇيغۇر كۆرۈنمەيدۇ .
خەنزۇلار ناماز ئوقۇمىسىمۇ ئورنىدىن سەھەر تۇرىدىكەن .
دىيارىمىز پاختا ماكانى تۇرۇپ ، بىرەر تال پايپاق ـ كۇسار ياساپ
بازارغا يۈزلەندۈرەلمىگەندىكىن ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزنىڭ قالاقلىقىغا
گەپ كەتمەيدۇ .