ئاي530 يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 06:41 AM
كەچۈرۈڭ ئاكا ،ئۇلۇغ قۇربان ھىيتلىرىنىڭ ھارپا كۈنلىر ...
ھېچقىسى يوق . ئىككى قېتىم كەچۈرۈم سوراپسىز . سۈكۈتتە تۇرغىنىم
ھۆرمەتتە تۇرۇپ ، بۇ ئىشلارنى كۆڭلۈمگە ئالمىغىنىمنى بىلدۈرىدۇ .
ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم چاغلاردا باشقىلارغا ئاسانلا قۇپال
تېگىدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ كۆپىنچىمىزدە بار بولغان پىسخىكىلىق
كەمچىللىك .
كىمنىڭ دەردى يوق ، كىمنىڭ قىيىنچىلىق يوق ؟
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا كۆڭۈل خاپىلىقى بولىدۇ .
لىكىن بىز ھازىر قايغۇرىۋاتقان ، غەم يەۋاتقان ئىشلار كەلگۈسىدە يۈز
بەرمەسلىكى بىزنى ھازىر ئازابلاپ ، زەردىگۆش قىلىۋاتقان ئىشلارنى
نەچچە يىلدىن كىيىن ئويلىساق ئۆزىمىزنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق
ئىشلارغا بىھۈدە ئۆزىمىزنى ئۇپرىتىپ يۈرگىنىمىزگە ، ئەخمەقلىق قىلغىنىمىزغا
كۈلگۈمىز كېلىدۇ .
لىكىن ئۆزۈمنى ئەلانۇرغا قۇپال تېگىپ قويغاندەك ھىس قىلىپ بىئارام
بولدۇم . ئەسلىي سىيلىق گەپ قىلسام بوپتىكەن .
ياقۇپ ئەلەيھىساممۇ راھىلەگە ئاشىق بۇلۇپ ، ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن
يەتتە يىل يىل ئىشلەپ بەرگەنكەن . ئەمما ، بۇ يەتتە يىل ئۇنىڭغا
بىر كۈنچىلىك بىلىنگەن .
يۈسۈپ ئەلەيھىساممۇ زۇلەيخاغا ئاشىق ـ بىقارار بولمىغانمىدى ؟
ئەتراپىمىزدىكى مۇھەببەت پاجىئەلىرى ، مۇھەببەت شەرتى ئاستىدا ئېلىپ
بېرىلىۋاتقان بۇزۇقچىلىقلار بىزنى مۇھەببەت شۇنداق ئىكەن دېگەن
خىيالغا ئەكەلگەن بولۇشى مۇمكىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-18 06:35 PM