ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2013-10-17 08:31 PM
شۇنداق ئىش بارمۇ؟... مەن باشتى-ئاخىر ئۇقۇغان ئىدىم، مە ...
بار،سىزمۇ قۇرئاننى ھاياجان بىلەن ئوقۇماي ئىلىم -پەن ۋە ھازىرقى زامانغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇڭ،مەن دەپ بىرەي:
‹‹قيامەت.قىيامەت نىمىدۇر.قىيامەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ.تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ.(قارىئە سۈرىسى 1-5ئايەتلەر)››
‹‹ئاسمان يېرىلغان چاغدا،يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،دېڭىزلار بىر-بىرىگە قوشۇلغان چاغدا... (ئىنتىفار سۈرىسى 1-3ئايەتلەر)››
بىز ئوت شارىنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىمىز،ئاتموسفىرانى شەكىللەندۈرگەن گازلار يەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن يەر شارىنى ئوراپ تۇرىدۇ.ئەگەر يەرشارى سىرتتىن كېلىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر تارتىش كۈچىگە ئۇچرىسا (قارا ئۆڭكۈرنىڭ)يەر شارىنىڭ ئاتموسفىراسىدىن بىرىنچى بولۇپ بىز نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا غايىپ بولىدۇ،بۇ ئەھۋالدا تاشقى بېسىممۇ يوق بولىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلاردا دىگۈدەك ئىچكى بېسىم ئېشىپ كىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن جانلىقلارنىڭ بەدىنى پارچە -پارچە بولۇپ كېتىدۇ...
بۇ ئەھۋال ئەجابا قۇرئان-كەرىمدىكى سۈپەتلەر بىلەن ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
‹‹شۈبھىسىزكى،بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ..،تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشىكىدىن ئۆتكىچە جەننەتكە كىرمەيدۇ...سۈرە ئەئراف 40-ئايەت››
بۇيەردىكى تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ تۆشىكىدىن ئۆتىشى بولسا قارا ئۆڭكۆرنىڭ قورقۇنۇچلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىردە ،قارا ئۆڭكۆرلەرنىڭ مەركىزىدىكى ‹‹بىرلىك››دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹يىڭنىنىڭ كۆزىچلىك ››نۇقتىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان ئالەم جىسىملىرىنى ئىسىمىزگە كەلتۈردۇ ،بۇ ئوخشىتىش ،قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش مەيدانىغا كىرىپ قالغان غايەت زور يۇلتۇزلارنىڭ ئىنىچكىلەپ خۇددى بىر يىپ ھالىغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سانانى خاتىرلىگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق ھەدىسى بار‹‹ماڭا كۈنلەر كۆرسىتىلدى.جۈمە كۈنىنى كۆردۈم،ئۇنىڭ نۇرى ۋە گۈزەللىكى مېنى خوشال قىلدى.ئۇ يەردە ‹‹قارا بىر نۇقتا››غا ئوخشاش بىر نەرسە كۆردۈم .ئۇ نىمە؟دەپ سورىدىم.ماڭا:قىيامەت ‹ئۇنىڭ ئىچىدە قوپىدۇ›دىدى.››بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر شەكلىدە ‹‹جۈمە كۈنى
بىر ئەينەكتە ماڭا كۆرسىتىلدى››دەپ رىۋايەت قىلىندۇ (ئابدۇررازاق سانانى ،مۇسەننەف3 .5560-5599)
بۇ ھەدىستە دىيىلگەن ۋە قىيامەتنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدە قوپىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىلگەن ‹قارا نۇقتا ›ئارقىلىق بىزگە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان نەرسە زادى نىمە؟
بىز ئۈگۈنىدىغان ئىسلام-پەن بىلىملىرى خىلى كۆپ...