ئىلاۋە :
<<مىكروسوفىتنىڭ Windows 8.1 رەسمى تۈردە ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ مەزكۇر سېستىما قاچىلانغان قاتتىق دېتال مەھسۇلاتلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى، 8 نىڭ يېڭىلىنىشى تاختا كومپىيوتېر مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەللىككە قاراپ ئىلگىرلىشىگە يەنە بىر قەدەم ئاساس سالدى ۋە كىچىك دىئۇملۇق تاختا كومپىيوتېرنىڭ قوللىنىشى، ئومۇملىشىشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر تۈردىكى يېڭىلىڭلار مىنىڭچە دىققەت قىلىپ قويىشىمىزغا تامامەن ئەرزىيدۇ .>>
دۆلەت سىرتىدىكى تېخنىكا مىدىياسى phonearena يېقىندا 8.1 سېستىمىلىق 10 دانە تاختا كومپىيوتېر مەھسۇلاتىنى تاللاپ چىققان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتىلنىڭ Haswell ياكى Bay Trail مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، ئەمىلىي ئىشىلتىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك.قېنى بىز بىرلىكتە بۇلارنى كۆرۈپ باقايلى.
1.لىيەن شىياڭ ـــــ Yoga Pro 2 ماتىرىياللاردىكى بازار باھاسى : 6097
لىيەن شىياڭ Yoga Pro 2 كىلاستىك ئۇسلۇپتىكى سىرتقى لاھىلىنىشنى ساقلاپ قالغان ئاساستا لاھىلەنگەن بولۇپ ،ئەمىلىيەتتە ئۇنى بىر دەرىجىدىن تاشقىرى تاختا كومپىيوتېر دەپ ئاتاشقا تامامەن بولىدۇھەمدە 360 گىرادۇس ئايلاندۇرۇپ ئىشلەتكىنى بولىدۇ. Haswell بىر تەرەپ قىلغۇچ،13.3 دىئۇملۇق 3200x1800 پېكسىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈك ئېكىرانلىق سەپلىمىسى بىلەن 8.1 سېستىمىلىق Pro مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇ گەرچە ھەقىقى تاختا كومپىيوتېر قاتارىدىن ھىساپلانمىسىمۇ مول بولغان ئىشىلتىش شەكلى چوقۇم سىزنىڭ كۆپ خىل نۇقتىدىكى تەلىۋىڭىزدىن چىقالايدۇ.
2. لىيەن شىياڭ ـــ Miix 2 ئەڭ تۆۋەن بازار باھاسى : 1823 يۈئەن خەلىق پۇلى
لىيەن شىياڭنىڭ يەنە بىر مەھسۇلاتى Miix 2 باھاسى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەپچىل، ئخچام دائىم بىللە ئېلىپ يۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. سەككىز دىئۇملۇق 1200x800 پېكسىللىق ئېكىران كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشىلتىش تەلىۋىدىن تولۇق چىقالايدۇ. Bay Trail Atom بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشىلتىلگەن ،2GB RAM+32GB ROM لىق سىغىم سىزنىڭ راۋان ھالەتتە سېستىما ئىشىلتىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېزىمچان قول قەلەم ، سىرتقى قاپ تىرىگۈچ قاتارلىق قوشۇمچە سەپلەنگەن كىچىك قوراللار بىلەن سىزنى تەمىنلەيدۇ. 3. سونى ـــ Vaio Tap 11 ئەڭ تۆۋەن بازار باھاسى : 4871 يۈئەن خەلىق پۇلى
سونى شىركىتى بازارغا سالغان ئەڭ يېڭى تىپتىكى Vaio Tap 11 ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېنىك، ئەڭ نىپىز 8.1 سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتىر كىشىدە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا 1080 پېكسىللىق پۈتۈن سۈزۈكلۈكتىكى riluminous ئېكىرانى،Haswell بىر تەرەپ قىلغۇچ،يەنە تاختىدىكى ئۇلاش ئېغىزلىرى ئىنتايىن تولۇق، يەنە ئورالما قېپىدا ماگىنىتلىق كومپىيوتىر تاختىسى قوشۇلغان بولۇپ ئۇلاش ئىنتايىن قولايلىق ھەم ئاسان. ئىشلەتكۈچى سېزىمچان قەلەم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنالايدۇ. 4. خۇيپۇ ــــ Spectre 13 X2 بازار باھاسى : 6707 يۈئەن خەلىق پۇلى
خۇيپۇ شىركىتىنىڭ بازارغا سالغان Spectre 13 X2 تىپتىكى تۇنجى شامالدۇرغۇچسىز لاھىلەنگەن Haswell تاختا كومپىيوتىرى ئۇنىڭ ئالاھىدە يىنىك، نىپىز لاھىلىنىشىگە ئاساس بولغان. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىردىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنە 13.3 دىئۇملۇق يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ئېكىرانى ، كومپىيوتېر تاختىسىنى چېتىپ ئىشلەتكىنى بولىدىغان قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى قاتارلىق بىر قاتار ئۈنۈملەر بىلەن ئۇنىڭ ئەلا سۈپەتتىكى لاھىيەسى پۈتۈن ھالەتتىكى ۋىندوۋس 8.1 سېستىمىسىنى ئىشلەتكەن ھالەتتىمۇ قىزىماسلىقتەك ئۈنۈمى بىلەن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. 5. ASUS ــــــ Transformer Book T100 بازار باھاسى : 2128 يۈئەن
خۇۋا شوۇنىڭ <ئۆزگىرىشچان تاختا> قاتارىدىكى ئىزچىل ياخشى باھاغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان Transformer Book T100 تىپتىكى مەھسۇلاتى تاختا بازىرىدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. كونا ئۇسلۇپتىكى كومپىيوتېر تاختىسىنىڭ سىرتتىن ئۇلىنىش لاھىيەسى، Bay Trail Atom بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۇنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا كاپالەت قىلغان . باتارىيەنىڭ ئىقتىدارى 11 سائەت ئۇلاپ ئىشىلتىشكە يەتكۈزۈلگەن. گەرچە ئۇنىڭ باھاسى تۆۋەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئېكىرانى 1366x768 پېكسىللىق ئىشلىنىپ ھازىرقى بازار ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇلغان. 6. دېل ــــ Venue 11 Pro بازار باھاسى : 3048 يۈئەن خەلىق پۇلىدىن باشلانغان..
دېل شىركىتىنىڭ Venue 11 Pro نى مىكروسوفىتنىڭ Surface 2 مەھسۇلاتىنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىللىرىنىڭ بىرى دىيىشكە بولىدۇ،10.8 دىيۇمدىكى ئالاھىدە سۈزۈكلۈكتىكى ئېكىراندىن سىرت Bay Trai بىر تەرەپ قىلغۇچدىن تارتىپ يەنە Haswells گىچە تولۇق سەپلەنگەن، يەنە كېلىپ باھاسىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپپىق. 7. مىكروسوفىت ــــ Surface 2 Proبازار باھاسى : 6097 يۈئەن خەلىق پۇلى
مىنىڭچە كۆپ ساندىكىللىرىمىز مىكروسوفىتنىڭ Surface ناملىق بۇ ئەسكىرىنى بىلىمىز. مىكروسوفىتنىڭ تاختا كومپىيوتېر ساھەسىگە باسقان تۇنجى قەدىمى دىسەكمۇ بولىدۇ. Surface 2 Pro بىرىنجى ئەۋلاتنىڭ مۇكەممەللەشكەن نۇسقىسى ، ئارقا تېرىگۈچ قوشۇلغان، سەپلىمە جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن شۇنداقلا Haswell مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئېكىران پۈتۈن يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ئىشىلتىلگەن. ئىستىمالچىلارغا بىر خىل ھوزۇر ھېس قىلدۇرالايدۇ ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە مول قوشۇمچە قوراللارمۇ سەپلەنگەن. مىنىڭچە بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالغۇسى. 8. سونى ـــ Vaio Flip بازار باھاسى : 4573 يۈئەن خەلىق پۇلى
سونىنىڭ يەنە بىر ئۆزگىرىشچان تاختا مەھسۇلاتى، ئېكىراننىڭ گىرادۇسىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ،دىمەك بۇنى بىز تاختا كومپىيوتېر قىلىپ ئىشلەتكىنى بولىدۇ، باتارىيەنىڭ ئىشىلتىلىش ۋاقتى 7 سائەت،بۇنىڭدىن سىرىت ساقلاش ئىقتىدارى جەھەتتىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.14 دىئۇملۇق يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى ئېكىران،Haswell بىر تەرەپ قىلغۇچ، كۆپ خىللىق ئىشىلتىش شەكلى خىزمەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىۋىدىن تولۇق چىقالايدۇ. كومپىيوتېرنىڭ توكى تۈگەپ كەتتى، 9 بىلەن 10 نى ئىنكاس ئارقىلىق داۋاملىق يوللايمەن.. 2013-10-20 5:34 ئۆزۈم تەييارلىغان.
|