qaraxani يوللىغان ۋاقتى 2013-10-26 07:12 PM
قۇرئان كەرىم سۈرە جۇمۇئەنىڭ 62-سۈرىسىدە جۇمە بىلەن پېش ...
باشتا يازغان ئىنكاسىم تەستىقلانماپتۇ بۇ ئىككىنچى قېتىم يېزىشىم بۇ قېتىم تەستىقلىنىپ قالار دېگەن ئۈمۈتتە.
جۈمەدىن كېىيىن پىشىن ئوقۇيدىغانلار جۈمە قوبۇل بولامدۇ بولمامدۇ شەك قىلىپ پىشىن نامىزى ئوقۇيدۇ چۈنكى دىيارىمىزدىكى بىز مۇسۇلمانلار كۆپرەك ھۆكۈملەردە ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەزھىپىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز ئەبۇ ھەنىيفە ۋە باشقا شافى ، مالىك ، ئەھمەت قاتارلىق مەزھەپ پىشۋالىرىنىڭ جۈمە نامىزى مەسىلىسى توغۇرسىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بار بۇ مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدا جۈمە نامىزىنىڭ ئادا بولىشى ئۈچۈن نۇرغۇن شەرىتلىرى بار شۇڭا بەزىبىر كىشلەر جۈمە ئادا بولماي قالسا دەپ پىشىن نامىزى ئوقۇيدۇ .
ئەمما ئەبۇ ھەنىيفنىڭ مۇھەممەد ۋە ئەبۇ يۈسۈپتىن ئىبارەت ئىككى شاگىرتى جۈمە نامىزى توغۇرسدا بىر قەدەر كەڭرەك ھەم ئاسان يولنى تۇتۇپ ماڭغان ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنىڭ كۆز قارىشى مۇھەممەد بىلەن ئەبۇ يۈسۈپنىڭكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ .
ئۇنداق بولغانىكەن دىيارىمىزدا شەكلەنمەي تۇرۇپ جۈمە نامىزى ئوقۇشىمىز كېرەك شۇڭا جۈمەدىن كېيىن پىشىن نامىزىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ چۈنكى دىنىمىزدا شەك نامىزى دەپ ناماز يوق .
سىز جۇمە بىلەن قوشۇپ پىشىن نامىزى ئوقۇش توغۇرلۇق ھەدىس ئاڭلىدىم دەپسىز بۇنداق ھەدىس قەتئىس مەۋجۈت ئەمەس .قالدىسىغا ئەرەپ تىلى بىلسىڭىز ئالاقىدار كىتاپلارغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز بولىدۇ چۈنكى مېنىڭچە ئۇيغۇر تىلىمىزغا تەرجىمە قىلغان جۈمە توغۇرسىدا تەپسىلىيرەك توختالغان تەرجىمە كىتاپ ھازىرچە يوق بولىشى مۇمكىن .
شۇڭا سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىڭىزنى سورايمەن. شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ھارمىغايسىز!