مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

ئاشنا دىگەن ساقالدىكى ئاش ...(قاراخان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17776
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6840
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 06:07:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"ﺋﺎﺷﻨﺎﺟﺎﻥ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺴﺮﺍ ﺑﺎﺭ:

ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺴﺎﻡ ،
ﯞﺍﻱ ، ﺋﺎﺷﻨﺎﺟﺎﻥ .
ﺳﯘﻻﺭ ﺳﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ ،
ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﻪﻛﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺷﻨﺎﺟﺎﻥ
ﻣﻪﯕﺰﯨﯔ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
.........................
ﻗﯩﺶ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﻛﻜﯘﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻏﯧﺮﯨﺐ ،
ﻛﻪﻝ ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ ، ﺳﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ، ﻣﻪﻥ ﻏﯧﺮﯨﺐ .
........................................

ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ " ﺋﺎﺷﻨﺎ " ﺳﯚﺯﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ :

ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﮕﻪ ﻗﻮﻝ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ ،
ﻳﻮﻟﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ .
ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ،
ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﻧﯘﺭ ﺑﯧﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﺏ .

ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ " ﺋﺎﺷﻨﺎ " ﻳﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﻛﯚﻧﯜﻛﻤﻪﻙ ، ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ، ﻛﯚﯛﻧﻤﻪﻙ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﯩﯟﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ :

ﻗﻮﺷﺎﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺩﯗﯓ ﺋﺎﻏﯩﺰ ﻳﻪﻟﺪﻩ ،
ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﯩﺰ ﺯﻩﻛﻪﻳﮕﻪﻥ ﺋﯧﮕﯩﻨﯩﻢ ﺟﻪﻧﺪﻩ .
ﺑﯧﺮﻯ ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ﺋﯧﺠﯩﻠﯩﻢ ﻣﯘﯕﺪﯨﻐﺎﻳﻠﻰ ،
ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﺩﯨﻢ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺟﻪﻧﺪﻩ .

ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ << ﺋﯧﺠﯩﻞ >> ﺋﺎﺷﻨﺎ ، ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ، ﮬﻪﻣﺮﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ " ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ " ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺕ ﺑﺎﺭ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ "ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﯘﺭﯗﻕ " ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺋﺎﺷﻨﺎ " ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻗﻰ ﭘﻪﺭﻗﻰ ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻕ .


مەنبە: ﺗﻮﺭ ﯞﻩ "ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ"ﺩﯨﻦ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97024
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-8-17
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 01:03:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارماي يېزىۋاتىسىز، مول يېزىۋاتىسىز، تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىلار ئۈستىدە بەدىئي ئىزدىنىشنى توختاتماسلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن، مۇمكىن بولسا تىلفون ياكى ئىلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشەيلى، سىزنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھېلىقىدەك ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز قىنى مەرھەمەت.www.pixwa.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 04:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش