راستىمنى ئېيتسام مەندىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. مەنمۇ چ چ ، ئۈندىداردا پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ پەيدا بولىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم، باشقا چاغلاردا تونۇمايدىغان ئادەملەر گەپ قىلىپ قالسا جاۋاپمۇ قايتۇرغۇم كەلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ بىز پاراڭلىشىش جەريانىدا بىر-بىرىمىز بىلەن كۈلكە-چاقچاق يۈرۈپ ..بىر-بىرىمىزگە كۆنۈپ قاپتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرى بىلەن كۆڭلۈم يېرىم چاغلاردىمۇ كۈلدۈرەتتى،ھەرخىل تېمىلار ئۈستىدە مەن بىلەن زېرىكمەي-تېرىكمەي ھەمسۆھبەتتە بولاتتى. قىسقىسى مەن، ئۇ بولمىسىلا ئىچىم سىقىلاتتى، ھېچ ئىش قىلغۇم كەلمەيتتى... بۇنىڭغىمۇ ئۇزۇن بولدى. بىز ھازىرتېخىمۇ ياخشى ، يېقىن دوست بولۇپ ئۆتىۋاتىمىز. ئۇ مېنىڭدىن بۇ دوستلۇقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى ھەم مەڭگۈ بىللە ئۆتەلەيدىغان-ئۆتەلمەيدىغانلىقىمىزنى سورىدى.شۇ پەيتتە مەن ئۇنىڭقا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ جۈرئەتتىن ھەم خۇشال بولدۇم ھەم ھەيران قالدىم.شۇنداق قىلىپ بىز ھازىرغىچە ئالاقىلىشىپ ئۆتىۋاتىمىز.يەنە كېلىپ مۇناسىۋىتىمىز شۇنداق ياخشى.ئۇ كۆڭلۈمگە قىلچىلىك ئازار بېرىشتىنمۇ شۇنداق ئېھتىيات قىلىدۇ.
بىراق،مەنمۇ بۇنىڭ مۇھەببەت ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيۋاتىمەن....بۇ كۆنۈكمۇ ياكى كۆيۈكمۇ؟ بۇ تېما خۇددى مەن ئۈچۈنلا يېزىلغاندەك ....
بۇنى ‹مۇھەببەت› دەپلا ئېتىراپ قىلىۋېتەي دېسە، بىرخىل ئەندىشە ، ئىككىلىنىش چىرمىۋالىدۇ. ناۋادا ‹ياق، بۇ ھەرگىز مۇھەببەت ئەمەس› دەپ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەسلى يار بەرمەيدۇ.
بىراق مېنىڭمۇ بىر دوستۇم بىر يىگىت بىلەن توردا تونۇشۇپ قېلىپ، بىر-ئىككى يىلدەك ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ كېيىن راستىنلا تويى بولدى.ھازىر ناھايىتى بەختلىك ئۆتىۋاتىدۇ ئۇ ئىككىسى. شۇنىڭغا قارىسىغۇ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلىغانسېرى بۇنداق تور ئالاقىسىنىڭ مۇھەببەتكە ئايلىنىپ قېلىش نىسبىتى 90% بولىدۇ.
مېنىڭچە.......سىز ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قاپسىز. بىراق، ھەرگىز ئالدىراپ بۇ گەپنى ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ قالماڭ، ھەم بىلدۈرۈپ قويغۇدەك گەپ-سۆزلەرنىمۇ قىلماي تۇرۇە. ئاۋال ئۇنىڭ سىزگە قانداق قارايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭدىمۇ سىزگە ئوخشاش يالغۇز سىزنى ئىزدەيدىغان ھەرىكەتلەت ۋە باشقا ئالامەتلەر بارمۇ يوق ،شۇنىڭغا قاراپ ئاندىن ئۆز ھېسىياتىڭىزنى ئىپادىلەڭ .
سىزگە ئامەت تىلەيمەن!