kamalkam يوللىغان ۋاقتى 2013-10-29 11:26 AM
بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئابدۇسالام دىگەن ئۇ ئالىمنىڭ «دوختۇ ...
ئالدىنقى قېتىم ئىنكاس يازسام تەستىقلانماپتۇ قايتىدىن يەنە يېزىشىم . تېما ئىگىسى سىزنىڭ دىنىمىزدىكى بەزىبىر ھالال ھارام ھۆكۈملىرىگە ھەقىقەتەن ئېترازىڭىز باركەن .سىز ناخشا -مۇزىكىنى تىلغا ئاپسىز 12 مۇقامنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈپ ئەلشىر ناۋايى ۋە ئەھمەد يۈكنەكىدەك ئالىملىرىمىزنى بۇنىڭغا گۇۋالىققا تارتىپسىز تېخى كەسكىنلىك بىلەن ئەلشىر ناۋايى ۋە ئەھمەد يۈكنەكىدەك ئەدىب ، شائىر ، مۇتەپەككۈر ئالىملىرىمىزنى ھىچ ھىيىقماي ئىسلام ئالىمى دەپسىز بىلىپ قويۇڭ ئەلشىر ناۋايى بىلەن ئەھمەد يۈكنەكى ئىسلام ئالىمى ئەمەس بەلكى مۇسۇلمان ئالىمىلىرىمىزدۇر .ئەگەر سىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولسىڭىز بىر نەرسىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىغا كىشلەرنىڭ سۆزىگە قاراپ ئەمەس بەلكى بەلكى ئايەت -ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاراپ ھۆكۈم ئالسىڭىز بولىدۇ . سىز ناخشا -مۇزىكىنى ھالال دەپسىز ۋاھالەنكى ئاللا سۈرە لوقماننىڭ 6- ئايىتىدە :‹‹بەزى كىشلەر بىلىمسىزلىكتىن كىشلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھودە سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ ››دېگەن.
مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قاراپ بېقىڭ ئالىملىرىمىز ‹‹بىھودە سۆزلەرنى››دېگەنى قانداق تەپسىرلەيدىكىن
بۇ بىزنىڭ ئايەتتىن بولغان دەلىلىمىز .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخاراىنىڭ رىۋايىتىدە :‹ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك كىشلەر زىنانى ، يىپەكنى ، ھاراقنى ۋە ناخشا -مۇزىكىلارنى ھالال سانايدۇ › دېگەن . بۇ بىزنىڭ ھەدىستىن كەلتۈرگەن دەلىلىمىز .خوش سىزنىڭ ئايەت -ھەدىستىن قانداق دەلىلىڭىز باركىن؟ كەلتۈرۈڭ قۇلاق سىزدە.
سىز يەنە دوپپا بىلەن ئۆرۈم چاچنى مىسالغا ئاپسىز بۇنىڭدىن سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇسۇلمانچە جىلباب كىيگىنىدىن چېچىنى ئۆرۈپ بېشىغا ئۇيغۇرچە دوپپىسىنى كىيىپ يۈرۈشىنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ ، سىز دىنىمىزدا دەپ سۆزلەپ دىنىمىزنى شىپى كەلتۈرۈش ئارقىلىق بەزىبىر رەزىل مەخسەتلىرىڭزگە يەتمەكچى بولغاندەك تۇرىسز .
خوش بىزگە ئورتاق بولغان دىنىمىزنىڭ دەلىل پاكىتى بولغان قۇرئان -ھەدىسنىڭ قەيىرىدە ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئوراپ يۈرمەسىتن ئوچۇق قويۇشىغا رۇخسەت قىلغان قېنى دەلىلىڭىزنى كەلتۇرۇڭ قۇلاق سىزدە ،
ئاللا سۈرە ئەھقابنىڭ 59-ئايىتىدە :‹‹ئى پەيغەمبەر ئاياللىرىڭغا ،قىزلىرىڭغا ۋە مۆئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتىپ قويغىنكى جىلباب(پۈركەنجە ) بىلەن بەدەنلىرىنى ئورۇۋالسۇن››دېگەن.
مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ يات كىشلەرنىڭ ئالدىدا قولى بىلەن يۈزىدىن باشقا ھەممە يەرلىرىنى ئورىۋىلىشى پەرىز دۇر . بۇ ئىش سىز تېمىڭىز ئارقىلق يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان خۇراپاتلىق بولماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ مۇقەددەس پەرمانىدۇر .
سىز يەنە ئىمام ئەئزەم شافىئى قاتارلىق داڭدار ئۆلىمالىرىمىزنى ھاقارەت قىلىپ ئۇلار مەزھەب ئايرىشنىلا بىلىدۇ دەپسىز سىزچە بولغاندە دىنى ئالىم بولماي پەقەتلا پەن-تېخنىكا ئالىمى بولسا يىتەرلىكمۇ ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس شۇنى بىلىڭكى دىنىىمىز ئىلىم -پەن بىلەن ھەرگىز زىت كەلمەيدۇ دىنىمىزدا ھەممە كىشلەرنىڭ بىر ساھە ئىلىمگىلا كۈچ چىقىرىپ (يەنى ئۈگۈنۈپ) باشقا ئىلىملارغا سەل قارايدىغان ئىش يوق.
شۇڭا بىر تۈركۈملىرىمىز دىنى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈپ يەنە بىر تۈركۈملىرىمىز ئىلىم -پەننى ئۈگۈنىشىمىز كېرەك چۈنكى بىز مۇسۇلمانلارغا دىنى بىلىملەرنىمۇ ئۈگۈنۈش پەرىز كۇپايە ۋە پەننى بىلىملەرنىمۇ ئۈگۈنۈش پەرىز كۇپايە . ئەگەر ھەممىمىز دىنى بىلىملەرنىلا ئۈگۈنۈپ پەننى ئىلىمگە سەل قارىساق گۇناھكار بولىمىز ھەم شۇنداقلا پەننى بىلىملەرنىلا ئۈگۈنۈپ دىننى بىلىمگە سۇس قارىساق ھەم گۇناھكار بولىمىز چۈنكى بىز مۇسۇلمانلارغا ھەر ساھە كىشلىرى كېرەك . مەسلەن:دوختۇر ، مۇئەللىم ، ئىنژىنىر ........دېگەندەك.
چۈنكى ئاللا سۈرە تەۋبىنىڭ 122- ئايىتىدە :‹‹مۆئمىنلەر ھەممىڭلارنىڭ جىھادقا چىقىش لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۇركىمى جىھادقا چىقتى)ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر جامائەدىن يەنە بىر تۇركۇمى دىنى ئالىم بولۇپ ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن قەۋمىنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەخسىتىدە نېمىشقا ( ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى›› دېگەن.
دېمەك مانا بۇ ئايەتىتىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى چوقۇم مۇسۇلمانلاردىن بىرتۇركۇم كىشلەر دىندا ئالىم بولۇش ئۈچۈن دىنى بىلىملەرنى ئۈگۈنىشى كېرەك.
سىز يۇقىردا چىشلەپ تاتقان ئىمام ئەئزەم ۋە شافىئى قاتارلىق ئالىملىرىمىز ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ دىندا ئالىم بولۇپ ئۆز مەسئوليىتىنى ئادا قىلغان كىشلەردۇر ئۇلار ئالامنىڭ تارتىش قانۇنيىتىنى بىلمىگەن بىلەن (بۇنى بىلىش ئۇلارنىڭ مەسئوليەت دائىرسىدىكى ئىش ئەمەس) سىز بىلەن بىزگە قۇرئان -ھەدىسكە تايىنىپ تۇرۇپ يول كۆرسىتىشنى ئوبدان بىلىدۇ . بۇ ئالىملىرىمىز پاكىستانلىق پەخىرلىك ئالىمىمىز دوكتۇر ئابدۇسالامنىڭ بىلگەنلىرىنى بىلمىگەن بىلەن دوكتۇر ئابدۇسالاممۇ ئىمام ئەئزەم ۋە شافىئىيلاردەك ئالىملىرىمىزنىڭ بىلگەنلىرىنى ئەسلا بىلمەيدۇ . دىنىمىز مانا مۇشۇنداق ھەر ساھە كىشلىرىگە مۇھتاج. مۇشۇنداق ھەر ساھەدىكى ئالىملىرىمىز بولغاندىلا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقباللىق بولىدۇ. بىرسى بولۇپ يەنە بىرسى بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ چۈنكى بۇلار بىرىككەندە پۈتۈن بىر گەۋدە ھاسىل بولىدۇ.