America يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 02:37 PM
ئەڭ ئاددىي مىسال :سىزنىڭ يانچۇقىڭزدا پۇل توشاق بولسا ، ...
90 پىرسەنتنىڭ ئۈستىدىكى ئشىلارغا قادىر ؟ ئۇنچىلىك ئەمەستۇ ؟ پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم ،لېكىن سىز دىگەندەك 90 پىرسەنتىڭ ئۈستىدىكى ئشىلارغا قادىر دىسەك بەك بىر تەرەپلىمە بۇلۇپ قالدىغۇ دەيمەن .مەيلى بۈگۈنكى بولسۇن مەيلى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن پۇل ئۇنچىلىك كۆچ قودىرەتكە ئىگە ئەمەس ،خەلقارا ھەربى ئىشلارنى دىسەك ،ئامرىكىنىڭ ھەربى قۇراللىرى پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق ،مەسىلەن، ھۇجۇمچ ئايرۇپىلانلىرىدىن F14,F15,F17, ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان يۇشۇرۇن ئۇچىدىغان F117 ،F-22 ، يەنە تىكئۇچارغا ئوخشاش ئورنىدىنلا ئىگىزگە كۈتۈرىلىپ ئۇچالايدىغان F35 ،يەنە AK47 غا ئوخشاش داڭىق چىقارغان M16 ،مۇشۇ قۇراللارنى قايسى بىر دۆلەتنىڭ سېتىۋالغۇسى ،ھەممىسىنىڭ سېتىۋالغۇچى بار ھەم سېتىۋالغۇدەك پۇلى بار ؟ لېكىن ئامرىكا ئۇنداق خالىغانچە سېتىپ بەرمەيدۇ ، پەقەت بىر قانچە ئىتپاقداش دۆلەتلەرگە سېتىپ بېرىدۇ ،مەسىلەن ئەنگىلىيە ،فىرانسىيە،ياپۇنىيە،تۇركىيە قاتارلىقلار(يەنە بىرقانچە دۆلەتلەرگىمۇ سېتىپ بەرگەن ،لېكىن مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ ).يەنە نۇرغۇن تېخنىكىنىمۇ پۇل خەجلەپلا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ .بۇ قۇراللارغا قارشى بولغان بىزنىڭ ھاياتىمىزچۇ ؟ ھاياتلىقنىمۇ پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغۇ ؟سېتىۋالغىلى بولغان بولسىدى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنى سېتىۋېلىپ ئەكىلەتتى .ھەمدە مۇشۇ پۇل ھەممىگە قادىرمۇ ئەمەسمۇ دىگەن سۇئالغا نۇرغۇن ياخشى جاۋاپلارنى بېرەر بولغۇيىتتى .بىزنىڭ ھاياتىمىزغا تەھتىد سالىدىغان تەبى ئاپەتلەرنى پۇل بىلەن توسۇپ قالغىلى بۇلامدۇ ،ياق .مېنىڭچە ھەرقانچە پۇلغا ئامراق ،پۇلغا تويمىغان باي ئادەمگە سەن رازى بولغۇدەك پۇل بېرەي ئىككى پۇتۇڭنى كېسىۋالاي دىسە ،ئۇنىمايدىغۇ دەيمەن .مېنىڭچە دوختۇرلارمۇ نەچچە پۇل كەتسە كەتسۇن بالامنى قۇتقۇزۋېلىڭ ،دادامنى قۇتقۇزۋىلىڭ ،ئانامنى قۇتقۇزۋېلىڭ دىگەن گەپنى جىق ئاڭلىغاندۇ دەيمەن (ئاللاھ ھەممىمىزنى بالا-قازادىن يىراق قىلسۇن ).بەلكىم نۇرغۇن يىتىم بالىلارنىڭ پۇل خەجلەپ ئىللىق ئائىلىسىنى قايتۇرۇپ كەلگۈسى باردۇ .ئەمدى پۇلى بارلارغا كەلسەك دۆلىتىمىزنىڭ پۇلى ھەقىقەتەن كۆپ ،لېكىن پۇل جىق دەپلا پۇخرالارغا بىكارغىلا تارقىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ ،چۈنكى پەقەت پۇلغا تايىنىپلا ئىقتىسادنى سىلجىتقىلى بولمايدۇ ،ئامرىكىمۇ بەك باي ،لېكىن پۇلغا تايىنىپلا دوللارنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ ،دوللارنى ئۆستۈرىمەن دىسە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنى ياخشىلىشى ،غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئشىقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنى ئاشۇرىشى كېرەك ،بۇ ئىشلارنى پەقەت پۇلغا تايىنىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلامدۇ ،ئۇنداق ئەمەس .پۇلنىڭ رولى يوق دىگىنىم ئەمەس ،پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم ،لېكىن سىز دىگەندەك 90 پىرسەنىت ئىشقا قادىر دىسەك بەك بىرتەرەپلىمە قاراش بۇلۇپ قالىدۇ .