مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1630|ئىنكاس: 4

دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئاپتۇل كۈچەيتكۈچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

impiria سالونى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6585
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12387
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 07:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئاپتۇل كۈچەيتىش سۇيۇقلۇقى ياپونىيەدە

ياپونىيە دۇنيادىكى پەن -  تېخنىكا، سانائەت ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ياپونىيە بارلىق نىفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ئەشياسىنى باشقا دۆلەتلەردىن سىتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئىنىرگىيە تىجەشكە ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيەنىڭ زىمىنى كىچىىك، نوپوسى زىچ، ھاۋاسى زىيادە نەم بولغاچقا مۇھىتنى قوغداش تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك. ياپونىيە خىشى كاۋا شىركىتى 1972- يىلىدىن ئىتىبارەن موتور تازىلاش سۇيۇقلۇقى ۋە ئاپتول كۈچەيتىش سۇيۇقلۇقى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقاتنى باشلىغان. بۇ جەرياندا national chemsearch corp شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈپ، بۇ مەھسۇلات تەتقىقاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1983- يىلى ئىنىرگىيە تىجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان ئاپتۇل كۈچەيتىش سۇيۇقلۇقى  GOLD PUNCH @ 3000 نى كەشپ قىلغان. 1984- يىلى خىشى كاۋا ئاپتۇل كۈچەيتىش  سۇيۇقلۇقى نامى بىلەن ياپونىيەدە رەسمى ئىشلەپچىرىلىشقا باشلىغان. شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلىدىغان نوقتىلىق مەھسۇلات قىلىپ بىكىتىلگەن.
1997- يىلى ياپونىيەنىڭ كىيوتو شەھىرىدە بۇ مەھسۇلات توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەھسۇلاتقا دۆلەت گۆھىرى دەپ نام بەردى.
2001- يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەھسۇلاتنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغاندا ياپونىيە نىسسان شىركىتى تۇنجى بولۇپ بۇ مەھسۇلاتنى ئومومىيۈزلۈك ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن ئاپتوموبىلنىڭ 200 مىڭ كىلومىتىرغىچە ئاپتۇل ئالماشتۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ بىر يىل ئىچىدە 1 مىليۇندىن ئاپتوموبىلغا بۇ مەھسۇلات ئىشلىتىلىپ، ياپونىيە جەمئىيىتىدە ھەقىقى ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشتى.
بۇ مەھسۇلاتنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:
سىڭىپ كىرىش جەھەتتە: مولىكولا قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى ئاپتۇلنىڭ %3 ~ %5 ىگىچە توغرا كىلىدۇ. موتورنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى ھەرىكەتچان بۆلەكلەردىن تارتىپ، مېتال قىسىملىرىنىڭ مىكرو ھالەتتىكى تۆشۈكلىرىگىچە سىڭىپ كىرىپ، يىپىشقاقلىقى يۇقىرى سىلىقلاش پەردىسى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ سىلىقلاش قەۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم، ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدۇ.
يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بىرىش جەھەتتە: يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا ئۇزاققىچە بەرداشلىق بىرىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. بۇ بىر ئىشقارلىق ماددا، شۇڭا قىزىش سەۋەبىدىن ئاپتۇلنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئاپتۇل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، ئاپتۇلنىڭ ئۆمرىنى ھەسسىلەپ ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
داتلىشىشقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە: سىلىقلاش قەۋىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، داتلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ. گاز، سۇ، تۇز قاتارلىق چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددىلارنىڭ مېتال يۈزىنى بۇزۇۋىتىشىدىن ساقلايدۇ.
تازىلاش جەھەتتە: موتورنىڭ مېتال يۈزىدىكى قالدۇق كاربون، ئاپتۇلدىن ھاسىل بولغان ئەخلەتلەر ۋە كىرەكسىز چۆكمە ماددىلارنى تولۇق تازىلاپ، موتورنى  ھەر ۋاقىت پاكىز ساقلىيالايدۇ.
سۈركىلىشكە چىدامچانلىق جەھەتتە: ھاسىل قىلغان سىلىقلاش قەۋىتى موتورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرىكەتچان دىتاللارنىڭ سۈركىلىشىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئۇپراشتىن ساقلايدۇ. موتورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.
بىخەتەرلىك جەھەتتە: 270 سىلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، نۆلدىن تۆۋەن 45 سىلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تىمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بىرىپ، ھەرىكەتچانلىقنى ساقلايدۇ. ئۇ ئىنتايىن ساپ، تەبىئىي بولۇپ، ھىچقانداق زىيانلىق ماددا ۋە خۇرۇچ ئىشلىتىلمىگەن.
بۇلغىمىلارنى ئازايتىش جەھەتتە: يىقىلغۇ كۆيگەندە چىقىدىغان كىرەكسىز گازنى كىمەيتىش رولى كۆرۈنەرلىك. كاربون 4 ئوكسىدنى %20، كاربون چالا ئوكسىدنى %52.1 ، NOX نى %9.5 كىمەيتىدۇ.
ماي تىجەش جەھەتتە: ئاپتۇل ئالماشتۇرۇش مۇددىتىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتىدۇ. بۇ مەھسۇلات ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل 160 مىڭ كىلومىتىر يول يۈرگىچە ئاپتۇل ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىلىقلاش قەۋىتىنىڭ ھىملاش ئىقتىدارى پىرىسلاش بىسىمىنى ئاشۇرۇپ، يىقىىلغۇنى تىجەيدۇ. ئادەتتە يىقىلغۇ چىقىمىنى %1.8 تىن %15 كىچە تىجىگىلى بولىدۇ.
قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش جەھەتتە: موتورنىڭ ئىچكى سۈركىلىش بىسىمى ئازىيىدىغان بولغاچقا موتورنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. ئاپتوموبىل ۋە پاراخوتنىڭ سۈرئىتىنى ئەسلىدىكىدىن %10 تىن %20 كىچە ئاشۇرىدۇ. موتورنىڭ ئاۋازىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى 2013- يىلى 23- ئۆكتەبىر پەن ۋە تۇرمۇش سەھىپىسى ( ئەسلى مەنبە: ياپونىيە سەھەر گىزىتى )

impiria سالونىغا قوشۇلۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئەمەلىي بىلىملەر ئىمپېرىيە سالونىدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 06:07:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يوققۇ  ..........................مەن  ئشلىتىپ باقسام بولغۇدەك  تۇلپارىمغا.............

بۇ ئۆمۈرنىڭ خوشلىقى،چىن يۈرەكن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1243
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10288
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 07:41:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئىنتايىن ساپ، تەبىئىي بولۇپ، ھىچقانداق زىيانلىق ماددا ۋە خۇرۇچ ئىشلىتىلمىگەن.
ئۇنى ئىچىۋەتسىڭىزمۇ ھىچنىمە بولمايسىز دەپ ئىلان سۆزى يازسا بولغۇدەك.

ئۆلۈمگە بىغەممەن،
كىسەلگە ھۇشيار.
قايغۇدىن بىزارمەن،
شادلىققا خۇشتار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86718
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 12:20:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپۇنيەدە ياسالغىنى بولسا ئىشلىـتىپ باقساق بولغۇدەك

impiria سالونى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6585
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12387
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 12:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بۇ مەھسۇلاتقا قىزىققۇچىلار بولسا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسى 104.7 نى ئاڭلىسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە 13999222193  13999149294 لارغا تىلفۇن قىلسىڭىزمۇ بۇ مەھسۇلات توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىرىشەلەيسىز.

impiria سالونىغا قوشۇلۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئەمەلىي بىلىملەر ئىمپېرىيە سالونىدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش