yaziman يوللىغان ۋاقتى 2013-11-5 11:54 AM
پاھ، پاھ، مۇشۇ سىزدىكى ساپاما؟ سىز قېلىپقا سېلىۋالغا ...
كەچۈرسىز ئەپەندى.سىزگە جاۋابىم شۇكى:
1. تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدا دەل مەن ۋە ماڭا ئوخشاش تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ مەسئۇلىيتى يوقمدۇ؟ مىنىڭچە ئەلۋەتتە بار، شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ۋە تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئۆتۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئەمما ھازىرقى يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى تەلىپى بويچە تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرىسىنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن لاياقەتلىك چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى بىلەن پۇختا تەربىيلىمەيۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىرىمىدىن كۆپرەكىنى بۇ جەھەتتە ساپاسىز دىدىم، مەنمۇ بۇ ساپاسىزلارنىڭ بىرىنچىسى، ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى ساپالىق دەۋالمىدىم.
2. سىز يەرشارىنىڭ قانداق يېرىدە تۇرىۋاتىسىزكىن مەن تۇرىۋاتقان جاينىڭ يېزىق ۋە ئىملاغا تۇتقان ئەھمىيەت بىرىش پوزىتسىيمىز مۇشۇنداق سۇس بولىۋاتىدۇ، مەن شۇ ئەھۋالدىن ئازراق ئىچىم پۇشقانلىقىنى ئىپادىلىدىم خالاس، ھەرگىزمۇ نوچىلىق قىلىپ بىرنى ئىككى كۆرسەتمىدىم، ئاغزىمدا شەھەر ئالمىدىم.
3.ئاۋال ئوقۇش تارىخىمنى سوراپسىز، ئارقىدىن مېنىڭ نۇمۇس قىلىدىغانلىقىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپسىز، شۇنىڭغا قارىغاندا يۇقىرى مەلۇماتلىق، خىلى داڭلىق ئەرباپ بولسىڭىز كىرەك، لىكىن مەن ئەزەلدىن نوپۇزغا باش ئەگمەيمەن، مەن مۇشۇ ئاددى ئوقۇش تارىخىم، چەكلىك بىلىمىم بىلەن، تىرىشىۋاتىمەن،سىزدەك مەن خەۋەرسىز قالغان كاتتا تۆھپىلەرنى قوشالمىساممۇ، بىر كىشىلىك ئاددى خىزمىتىمنى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىمەن، جاھانغا داڭلىق ئىغىر يۈك بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن، شۇڭا يول بەرسىڭىز ئۆز خىزمىتىمنى ئىشلەۋىرەي.
ئېملا توغرىسىدا ساۋادىم كەمچىل، ئۆگىنىۋاتىمەن، ئۇستازلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇپ كىتىشىنى سورايمەن.