uyol يوللىغان ۋاقتى 2013-11-6 09:33 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لوپنۇرى ئالدى بىلەن سىزگە مەندىن س ...
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز تەلپۈنىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىت جەمىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم تەرپىدىن يەكلەشكە ئۇچىرىغاندا مۇشۇنداق تۇيغۇغا كېلىشكە مەجبۇر بولىسىز ئەلۋەتتە. مىللەت ۋە ئانا تىل مۇھەببىتى ھەققىدە باش قاتۇرۋاتقان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ھەقتە ئويلىنىشىڭىزنىڭ ئۆزى مېنىڭچە بىر قەدەر ئازابلىق بولسىمۇ، يەنىلا قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ئاشۇنداق قىيلىنىش ۋە ئازابلىنىش بىزنى مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشقا ئۈندەيدۇ. بىز بىرلىكتە ئىزدىنەيلى، ئەڭ ئۈنۈملۈك يولنى تاپقۇچە توختاپ قالمايلى. دۇنيادا يېشىلمەيدىغان سىرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-7 05:19 PM