تۇغۇتلۇق ئاياللارنى پەرۋىش قىلىش
5 s- g$ q6 R, @2 T3 j" I- t3 x/ e% W/ j3 Y
گۈلنۇر ئابلىمىت (ئارچا)
6 C( n* |/ t6 a1 e0 k
% W. z: a- r8 d1 Z ھەممىمىزگە مەلۇم تۇغۇت دېگەن ناھايىتى شىددەتلىك بىر مەيدان جەڭ دىمەكتۇر. مەيلى نۇرمال تۇغۇت بولسۇن مەيلى ئوپراتسىيە قىلغان تۇغۇت بولسۇن، ياكى خەتەرلىك تۇغۇت بولسۇن ھەممىسىدە ئوخشاش ياخشى كۈتۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى نۇرمال تۇغۇتتا تولغاق باشلىنىپ بالا تۇغۇلغىچە بولغان ئارلىقتا ئايال كىشىنىڭ 206 پارچە ئۇستىخىنى ئاجراپ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، بارلىق مۇسكۇللىرى نەچچە ئون قېتىم قىسقىراپ - كىڭىيىدۇ، قان تومۇرلاردىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. شۇڭا ئەسلىگە كېلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئوپراتسىيە قىلغان بولسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە قان يوقىتىدۇ، بالياتقۇ ئوخشاشلا قىسقىرىمىسا بولمايدۇ. كونىلاردا <توغۇتلۇق ئاياللار 40 كۈندە ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ> دەيدىغان گەپ بار. دېمەك ماددا ئالمىشىش، قان تولۇقلىنىش، ئۇستىخانلار جايىغا چۈشۈش، بالياتقۇنىڭ قىسقىرىشى قاتارلىقلار ئەنە شۇنداق ئاستا بولىدۇ. شۇڭا مەن قەيسەر دەپ بىر نەچچە كۈن كۈتىنىپلا ئورنىدىن تۇرىۋالماسلىق كېرەك.
4 T, f2 q+ z/ g6 d) l" D; \ بىر مەزگىللەردە ‹ئامرىكىدا تۇغۇتلۇق ئايال بىر سوتكا يېتىپ تۇرۇپ كېتىدىكەن› دېگەن قاراش خېلى ئومۇملىشىپمۇ قالغان ئىدى، بەزىلەر ماتىريالدىن ئانچە مۇنچە ئوقۇغان بىلدۈرگىلەرگە ئاساسەن بېلىنى چىڭ تېڭىۋېلىپ مېڭىپ يۈرۈيدۇ، يەنە بەزىلەر بەدەن شەكلىم ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ دەپ ئانچە مۇقىم ياتمايدۇ، بۇ خىل قاراش خاتا، ئەگەر ئۇ قاراش توغرا بولىدىغان بولسا ئەجداتلىرىمىزمۇ شۇنداق قىلغان بولاتتى، بىز يەنىلا ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغىنىمىز تۈزۈك، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزگە قالدۇرغان نۇرغۇن ئەنئەنىلىرى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى ئۇزاق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدىكى توغرا يەكۈنلىرى ھازىرقى ئالىملارنىمۇ تاڭ قالدۇرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا تۇغۇتلۇق ئاياللارنى قانداق كۈتكەندە سالامەتلىكى تىز ئەسلىگە كېلىدۇ؟ مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتە كۆرسەتمە بېرەي:
7 S' @0 P% {" {/ M4 n 1. تۇغۇپ بىر سوتكىغىچە ئوڭدىسىغا تۈز يېتىش، ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماسلىق، يانتۇ يېتىۋالماسلىق لازىم. دىققەت قىلىنمىسا بالياتقۇ دۈم ياكى مايماق ئورۇنلىشىپ قالىدۇ، ھەم نۇرمال قىسقىرىشىغا تەسىر يېتىدۇ. يەنە كېلىپ تازىلىنىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا ئېھتىيات قىلىنمىسا چوڭ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بالياتقۇ بالا ئىزدەپ ئاغرىۋاتقاندا چىداشلىق بېرىش كېرەك، قانداقلا ئۇسۇل بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ئۇنداق قىلسىمۇ قان تومۇرلار كەڭرىپ قاننىڭ ئايلىنىشى تىزلىشىپ چوڭ قاناش يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولىدۇ. بىراق قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشقىمۇ بولمايدۇ. سوغۇق ئۆتسە قورساق تېخىمۇ ئاغرىپ بىئارام قىلىدۇ.
4 W2 T2 @0 ^1 x) o3 {$ Z# a
2. شامالىدىماسلىق، پۇت - قولىنىمۇ ئاچماي، بېشىغا باش كىيىمى كىيىپ يوتقانغا چۆمكىنىپ يېتىش، قۇلىقىغا قارا قوينىڭ يۇڭىدىن ئازراق تىقىپ قويۇش، شاۋقۇنلۇق قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلاتماسلىق لازىم.
! P6 C1 j" L8 K7 K 3. تۇغۇتلۇق ئايالنى ياتقۇزىدىغان ئۆي ھاۋا ئالماشتۇرۇش قولايلىق، پاكىز، ئازادە بولۇشى، بوۋاق بىلەن ئانىنىڭ ئارلىقى يىراق بولماسلىقى، بوۋاقنىڭ ئورۇنىنى ئايرىم سېلىپ ئانىسىغا يېقىنراق جايدا ياتقۇزۇشى،بوۋاقنى 72 سائەت ئىچىدە ئوغۇز سۈتىگە چوقۇم قاندۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئوغۇز سۈتى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك زۆرۈل ماددىلار بولغاندىن باشقا بالىنىڭ ئىممۇنىتىت سېستىمىسىغا زور پايدىلىق ئىلمىنتلار كۆپ. شۇڭا ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن، بويى پاكار، ۋىجىك، كىسەلچان كىشىلەرگە نىسبەتەن كونىلاردا ‹ئوغۇزىغا قانمىغان ئادەمكەن› دەيدىغان گەپ بار.
, V( a* e3 C+ [7 {
4. تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئالدىراپلا قوي گۆشىدە ئەتكەن كۈچلۈك تاماقلارنى بەرمەسلىك، ئاۋال ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئاشقازان - ئۈچەينى تازىلايدىغان ساغلاملىق تاماقلىرى (شوۋىگۈرۈچ، ئۈگرە، سەۋزە - چامغۇر شورپىسى) بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، 2-3 كۈندىن كېيىن سۈت كۆپەيتىدىغان تاماقلاردىن توخۇ شورپىسى، ئازراقلا قوي گۆشى توغراپ خام شويلا، خولۇپ ئاش قاتارلىقلارنى بېرىش، بىر ھەپتىدىن كېيىن كۈندە بىرەر ۋاخ قوي گۆشى شورپىسى (گۆشى يېرىم جىڭدىن ئاشمىسۇن)، ئەتتىگەندە ئىككىدىن ئىللىتىلغان تۇخۇم، شىكەر قوشۇلغان ئىسسىق سۈت قاتارلىق تاماقلارنى بېرىش، قورىغان ھوردا پىشقان تاماقنى ئامال بار يىگۈزمەسلىك لازىم.
1 R7 ]( V ?( T1 N5. ھەر كۈنى بىرەر قېتىم تەرلەندۈرۈش، تەرىنىشتىن ئىلگىرى يۈزىگە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ياكى كاۋاش ئۇپىسى سۈركەپ ئاندىن سۈيۈق تاماق ئىچكۈزۈپ ئىشىك - دەرىزىلەرنى ھىم ئېتىپ يوتقاننىڭ ھىچ يېرىنى ئاچماي چۆمكەپ قويۇش، يۈزى تەرلىگەندە خام ياكى پاختا يىپتا توقۇلغان داكا بىلەن يۈزىنى يان تەرەپكە قارىتىپ سۈرتۈپ بېرىش، تەرلەندۈرىۋاتقاندا يۈزىدىن باشقا ھېچيېرىنى ئاچماسلىق تەر پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولغۇچە شامالداتماسلىق لازىم. بۇنداق بولغاندا يۈزىدە ھامىلدارلىق دېغى ساقلىنىپ قالمايدۇ ۋە كېيىنچە ئۇستىخانلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالمايدۇ.
5 k) U: j3 y% H6. يېرىم ئاي بولغاندىن باشلاپ بەش كۈندە بىر قېتىم قوينىڭ باش گۆشىنى ئازراقتىن يىگۈزۈش ۋە سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ بىر پىيالە ئىچكۈزۈش، ئۇنىڭدىن باشقا سۆڭەك قايناتمىسىنىڭ ھورىدا تەرلەندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۇستىخان چىڭىتىشقا پايدىسى بولىدۇ.
* v: m9 L! Y: o. H, S' y7. بەل تېڭىش
6 p' b5 \8 q1 i2 q6 W* {6 c5 _& |تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بېلىنى 15 كۈندىن كېيىن تاڭغان ئەڭ مۇۋاپىق، بەزىلەر قورسىقى يەل قورساق بولۇپ قالمىسۇن دەپ بالدۇرلا تېڭىشقا باشلايدۇ، ئۇنداق قىلسا بالياتقۇنىڭ نۇرمال ئەسلىگە كېلىشىگە ۋە ئورنىغا قايلىشىشىغا تەسىر يېتىدۇ. بەل تاڭغاندا چوقۇم ياتقۇزۇپ تۇرۇپ چىڭ تۆۋەنكى قورساقتىن باشلاپ ئۈستۈنكى قورساققىچە تېڭىش، ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئۈستىدىن پەسكە قارىتىپ تاڭماسلىق لازىم، ئۇنداق قىل؛سا بالياتقۇ تۆۋەن ئورۇنلىشىپ قالىدۇ - دە قېيىنكى قېتىم ھامىلدار بولغاندا ھامىلە ئاسان چۈشۈپ كېتىش، ھامىلە ياخشى ئورۇنلىشالماسلىق قاتارلىق ئەھۋالللار يۈز بېرىدۇ.
# s5 D, B: @& m( l: Qبەل تاڭىدىغان ماتىريال ۋە تېڭىش ئۇسۇلى: بىر قېتىملىق بەل تېڭىشقا بىر يۆگەم خام، بەش دانە يەرلىك تۇخۇم(غاز تۇىۇمى ولسىمۇ بولىدۇ)، يۇمشاق سوقتۇرۇلغان خۇلىنجان، پىلپىل، قەلەمپۇر، قوۋزاق دارچىن قاتارلىقلاردىن 10گرام ئەتراپىدا، بىر ئاشقا سالغۇدەك تۇز كېتىدۇ. كېتەرلىك خۇرۇچلارنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ خامنىڭ بىر ئۇچىنى تەييارلانغان شىرنىگە چىلاپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىدىن باشلاپ تاڭىمىز، ھەر قەۋىتىگە شىرىدىن سۈركەپ تۇغۇتلۇق ئايالنى دومىلىتىپ چىڭ يۆگەيمىز، خامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچىنى تىكىپ قويساق بولىدۇ. ھەر قېتىملىق تېڭىشتا بىر سوتكا تۇرسا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى 5 كۈندە بىر قېتىم داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن بەل ئاغرىق تارتماسلىققا زور پايدىسى بار. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى؛ بالا تۇغۇلۇپ ئاز دېگەندىمۇ 10 كۈندىن كېيىن بەل تاڭسا بولىدۇ، مۇمكىن قەدەر نىپاستىن پاكلانغاندا تېڭىش، تۇغۇتلۇق ئايالنى تۈز يەردە ياتقۇزۇپ تېڭىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ياكى ئېگىزگە ئېسلدۇرۇپ تاڭماسلىق، بالىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئالغان بولسا يارا تولۇق ساقايمىغىچە بەل تاڭماسلىق لازىم.
: R6 V3 O( z: A1 {
8. كۈندىلىك پەرۋىش.
/ i: O. M: G! s c+ d1 v) e3 n. q
تۇغۇتلۇق ئاياللار قىرقى ئىچىدە (40 كۈنگىچە) سوغۇق سۇغا قولىنى سالماسلىق، كىتاپ ئوقۇماسلىق، كومپىيۇتىرغا يېقىن تۇرماسلىق، تېلىۋىزۇر كۆرمەسلىك، كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلانماسلىق، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى پات پات ئالماشتۇرۇپ بېرىش، ياتقان چاغدىمۇ پۇتىغا پايپاق ۋە بېشىغا باش كىيىم كىيىپ يېتىش، بالا ئىمىتكىلى ئولتۇرغاندا قېلىنراق كىيىنىپ ئولتۇرۇش، سوغۇق يىمەكلىك ۋە بەك سوغۇق يەل يىمىشلەرنى بىۋاستا يىمەسلىك، لازا - ئاچچىقسۇ قاتارلىق يەللىك يىمەكلىكلاردىن پەرھىز تۇتۇش، ھاياجانلانماسلىق، غەمكىن يۈرمەسلىك، تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىماسلىق، يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، يىغلاپ تۇرۇپ بالا ئىمىتمەسلىك، يالغۇز يېتىپ قارا بېسىپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. مۇمكىن قەدەر يانفۇننىڭ رادىئاتسىيىسىدىنمۇ ساقلىنىش كېرەك.
' Z, e5 d9 M% a0 s2013.10.8
7 f+ ` O3 j( @# i
ھەر قانداق يەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئىسمىمنى ئۆچۈرىۋەتمىگەيسىز!
' B) {9 }$ o" x* P& kتىما مەنبەسى:
http://xjarcha.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=545&page# k! c% S4 z- K" x" q