مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 439|ئىنكاس: 5

ئــۇنـتـۇلـمـاس خـاتـىـرە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11379
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 01:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئــۇنـتـۇلـمـاس خـاتـىـرە
ئابدۇللا مەتقۇربان



1987-يىلىنىڭ باھار پەسلى ئىدى.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە نەزەرىيە نوقتىسىدىن كۈچلۈك قىزىقىشىمدىن بولسا كېرەك بىر مەزگىللىك كۆزىتىش ئارقىلىق شۇ چاغلاردا مەتبۇئات يۈزىدە داۋاملىق شېئىر ئېلان قىلىپ تۇرغان شائىرلارنى ئۆزۈمچە پەيلاسوپ شائىرلار، لىرىك شائىرلار، تەشۋىقاتچى شائىرلار، كالىندارچى شائىرلار... دىگەندەك بىر قانچە تۈرگە بۆلمەكچى، ھەربىر تۈرگە تەۋە دەپ قارىغان شائىرلارنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە تۇتقان ئورنى، تەسىرى... ھەقىقدە بىر پارچە ماقالە يازماقچى بولدۇم. ھەدىگەندىلا مۇھىم بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدىم: پەيلاسوپ شائىر زادى قانداق بولۇشى كېرەك؟ قولۇمدىكى شۇ چاغدا بار ماتىرىياللاردىنمۇ بۇ مەسىلىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدىم.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئۆيىگە بىر ئىش بىلەن كىرىپ، ئۇ يەردە ئۇستاز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننى كۆردۈم. راست ، ھېلىقى مەسىلىنى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىمدىن سورايچۇ، دىگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلدىم.
- پەيلاسوپ شائىر قانداق بولۇشى كېرەك؟ - مەن گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇللا سورىدىم ۋە بۇ مەسىلىگە قانداق دۇچ كېلىپ قالغىنىمنى قىسقىلا ئەسكەرتتىم.
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىم مەخسىتىمنى دەرھال چۈشەندى ۋە كەڭ رامكىلىق كۆزئەينىكىنى سەل ئۈستۈن كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇرغىنىچە شۇنداق دىدى: - بۇرۇن مەلۇم بىر جايدا بىر گۈمبەز بولغانىكەن. گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە بىر قاغا قونىۋېلىپ تاڭدىن شامغىچە قىچقىرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھەركۈنى بىرخىلدا داۋاملىشىدىكەن. ھەرقانداق ۋاقىتتا بۇ قاغا گۈمبەزدىن ئايرىلمايدىكەن. بىر كىشى قاغىنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: ‹‹ ئەي قاغا ، ئەتىدىن كەچكىچە بۇ گۈمبەزگە قونىۋېلىپ قىچقىرىشىڭنىڭ ۋەجى نىمە؟ ›› . قاغا دەپتۇ: ‹‹ بۇ گۈمبەز - بىر قەبرە. ئۇنىڭغا مىنىڭ خەلقىم دەپنە قىلىنغان. مەن مۇشۇ خەلقنىڭ شائىرى، ئەسلى مىنىڭ پەيلىرىم ئاپئاق ئىدى، خەلقىمنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ سايراپ، مۇشۇنداق قارىيىپ كەتتى. مەن ئۆز ئاۋازىم بىلەن قابرىگە دەپنە قىلىنغان خەلقىمنى ئويغاتماقچى، خەلقىم ئويغانغىچە سايرايمەن. ››
ئۆي ئىچىدە ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىم، ئۆي ئىگىسى ۋە مەن بار ئىدۇق. ئۆينى بىردەملىك جىمجىتلىق قاپلىدى. مەن بۇ ھېكايىنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتاتتىم. ئەمما ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىم مىنىڭ سوئالىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئۆي ئىگىسى بىلەن باشقا پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. يۇقىرقى ھېكايىگە ئاساسلانغاندا پەيلاسوپ شائىر خەلقنىڭ ھەقىقى سادىق كۈيچىسى بولۇشى، ئۇنى ئويغاتقۇچى بولۇشى، خەلقنىڭ تەپەككۇر ئۇستازى، ئاڭ ۋە ئىدىلوگىيە ئۇستازى، مەرىپەت يېتەكچىسى، مەدەنىيەت تەشكىلاتچىسى بولۇشى، يۇقىرىقى ھەرقايسى جەھەتلەردە مىللەتنى قايتا قۇرۇپ چىققۇچى - يىڭىلىغۇچى بولۇشى، يەنە ھەقىقى مەنىدە خەلق روھىيىتىنى لاھىيىلىگۈچى ئىنژىنىر بولۇشى كېرەك ئىدى.
گەرچە، ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ھېلىقى ئىلمىي ماقالىنى يازالمىغان بولساممۇ، بۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن. چۈنكى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىمدىن ھېكمەت تۈسىنى ئالغان يۇقىرىقى ھېكايىنى ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولغانىدىم.


شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1996- يىللىق 4- سانىغا بېسىلغان ماقالە


ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.

ئىنساندەك ياشا!!!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8240
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5123
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2010-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 01:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ئەستە مەڭگۈ قالغۇدەك ئۇنتۇلماس خاتىرە ئىكەن...

كەڭ قۇرساقلىق،ت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7811
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5345
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2011-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 ئاللا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئاكىنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.
  ئۇ خەلقىمىز ئۈچۈن ياشىغان ئىدى.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3173
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7741
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 02:54:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ مەڭگۈلۈك   ئۇنتۇلماس خاتىرە

جىلىل  شاھ

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5694
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8336
تۆھپە نۇمۇرى: 326
توردا: 1467 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 03:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئاكىنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن  [s:79]

ياردەم مەزمۇنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5463
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7318
تۆھپە نۇمۇرى: 336
توردا: 1129 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2011-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-28 03:22:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايا قاشتېشىدا كۈرگەنتىم بۇتىمىنى رەھمەت جاپا تارتىپسىز قاشتېشىدا مىنى كۈرگەن بولىشىڭىزمۇمكىن بۇتىمىنى مەن بەكياقتۇردىم بولسا باشقىلارنىڭ ئىشلىرىدىن كۈپرەك خەۋەردار قىلغايسىز

بەختىمنى بىرئۇلۇغ ئالاھدىن تىلەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش