kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 08:41 PM
قانداق ئىسپاتلاپتۇ؟
قېنى شۇ ئىسپات؟
بىر تاغار قۇرۇق ...
زەم زەمنىڭ باشقا ئادەتتىكى سۇدىن پەرقى يوق دەپسىز ، ئۇنداقتا دۇنيادىكى مىليۇنلىغان مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن ئەتىۋارلاپ ئىچىدۇ ، بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟
بۇنداق ئوچۇقتىن ئوزۇق قارشى پىكىردە بولسىڭىز مۇنبەردە ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ قويىسىز .
تۈركىيە يازەتە ئاخبارات تورى خەۋىرى :
يازەتە تورى 17-ئىيۇل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، گېرمانىيە ۋە ياپپنىيە ئالىملىرى زەمزەم سۈيىنىڭ سىرىنى ئېنىقلىدى . " مۇقەددەس سۇ زەم زەم ۋە زۇبەيدە سۇ يولى " تېمىسىدىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە ۋە ياپونىيە ئالىملىرى ، زەمزەمنىڭ خاسىيىتى توغرىسىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەلۇماتلارنى بەردى . زەمزەم سۈيى ئەزان ئوقۇلغاندا نۇرلىنىپ كېتىدىكەن . قوڭغۇراق چېلىنغاندا بولسا ( ئىنسانلارنى بىزار قىلىدىغان ئاۋازلار ) خۈنۈكلىشىپ كېتىدىكەن .
2013-7-18 04:41:40 PM چىقىرىشچۈشۈرۈش (90.29 KB)
2013-7-18 04:43:04 PM چىقىرىشچۈشۈرۈش (136.14 KB)
ئۇزۇن يىلدىن بېرى زەمزەم سۈيى ۋە كىرىستالغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئالىملار ، ئۇلارنىڭ مەنبەسىنىڭ سىرىنى يەشتى . رەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ئادەمنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتە ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېرمانىيىلىك ئالىم ، دوكتۇر كىنۇت پىفىففىر سۇغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە بىر شەكىلدە زەمزەم سۈيى تېپىپ ئىچىپ 35 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ راھەتلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان .
2013-7-18 04:41:20 PM چىقىرىشچۈشۈرۈش (71.43 KB)
2013-7-18 04:43:10 PM چىقىرىشچۈشۈرۈش (89.11 KB)
http://www.nur.cn/news/2013/07/128378.shtml
جاۋابىنى << سۇ >> بىلىدۇ -
دۇنيادىكى بارلىق ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر .
ئىسىڭىزدە بولسۇن !!!سىز قانداق بولسىڭىز باشقىلارمۇ شۇنداق بولىدۇ ،سىز باشقىلارنىڭ قانداق بولىشىنى ئويلىسڭىز ، باشقىلارمۇ سىزنىڭ شۇنداق بولۇشىنى ئويلايدۇ .
غەزەپ ۋە نەپرەت----مېھرى - مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنى .
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... B%D8%B2%DB%95%D9%85
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار ھەيئىتى زەمزەم سۈيى ئۈستىدە ئۇزۇن مەزگىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە باشقا سۇلاردا تېپىلمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج تەتقىقات مەركىزى ھەم زەمزەم سۈيى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، زەمزەم سۈيىنىڭ باشقا سۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئاجايىب سۇ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ھەج تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىنژېنېر سامى ئەنقاۋى مۇنداق دەيدۇ: ھەرەم شېرىپنى يېڭىدىن كېڭەيتىش خىزمىتى جەريانىدا زەمزەم بۇلىقىنى قېزىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى تارتقانسىرى ئۇنىڭ سۈيى تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۇلىنى قۇيۇش ئاسان بولسۇن، دەپ ئۈچ دانە سۇ تارتىش ماشىنىسىنى ئىشقا سالغانىدۇق. ئاندىن ئەسلى مەنبەدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان زەمزەم سۈيىدىن ئېلىپ، ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مىكروب ۋە بۇلغىنىشلارنىڭ يوقلۇقىنى، بەلكى زەمزەم سۈيىدە باشقا سۇلاردا تېپىلمايدىغان سۈزۈكلۈك، پاكىزلىق ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى تاپتۇق. ئەگەر زەمزەم سۈيىدە بۇلغىنىش تېپىلسا چوقۇم ئۇنى قاچىلاش جەريانىدا تۇڭ ياكى تۇربىلارنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلمىغانلىقتىن بۇلغان بولىدۇ.
زەمزەم سۈيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يەنە بىرى ئۇنىڭ زامانىمىزغىچە ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىدۇر. زەمزەم بۇلىقىدىن باشقا بۇلاقلار قانچىلىك داۋام قىلار؟! ئەللىك يىل.. يۈز يىل.. زەمزەم بۇلىقىنىڭ سۈيى نېمە ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ؟ بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "زەمزەم سۈيى نېمە مەقسەتتە ئىچىلسە شۇ مەقسەت ھاسىل بولىدۇ". [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
شەيخ ئابدۇلمىجىت زىندانى مۇنداق دەيدۇ: يەمەندە ياشىنىپ قالغان بىر دوستۇم بار بولۇپ، ئۇ داۋاملىق كىچىك قۇرئانىنى يانچۇقىغا سېلىپ يۈرۈپ ئوقۇيتتى، كېيىن ئۇنىڭ كۆزى ئاجىز بولۇپ قېلىپ، يانچۇقىغا سېلىپ يۈرىدىغان بۇ كىچىك قۇرئاننى ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. كېيىن ئۇنى زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا ئۇ ھېلىقى كىچىك قۇرئانىنى ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن ھەيران قىلىپ ئۇنىڭدىن قانداق داۋالانغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ: مەن زەمزەم سۈيىنىڭ نېمە مەقسەتتە ئىچىلسە شۇ مەقسەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەرەم شېرىپكە بېرىپ، زەمزەم سۈيىدىن ئىچىپ، ئاللاھ تائالادىن كۆزۈمگە شىپالىق بېرىشنى تىلىگەنىدىم، ئاللاھ تائالا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.
قېرىنداشلار بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدۇر. دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشنىڭ بىر شەرتى دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا جىن ئىشىنىشدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا, مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)}. [بەقەرە سۈرىسى 186- ئايەت].
شەيخ ئابدۇلمىجىت زىندانىنىڭ " قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ھەققىدە سىز سوراڭ، شەيخ زىندانى جاۋاپ بېرىدۇ" دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
***
يۇسرىيە ئابدۇراخماننىڭ كۆزىنىڭ زەمزەم سۈيىنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن شىپا تاپقانلىقى
ھەرەمدىن پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ قايتقان قېرىنداشلارنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج مىنىستىرلىكىنىڭ مېھمىنى بولۇپ بىز بىلەن بىرگە ھەج قىلغان يۇسرىيە خانىم بىزگە، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سول كۆزىگە قىزىل چاقا پايدا بولۇش نەتىجىسىدە كېچە ۋە كۈندۈز بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى، ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنىڭمۇ كار قىلمىغانلىقىنى، نەتىجىدە كۆزىگە ئاق چۈشۈپ، كۆزىدىن تۇلۇق ئايرىلىشقا تاس قالغانلىقىنى، ئەڭ مەشھۇر كۆز دوختۇرلىرىنىڭمۇ بۇ كېسەلنى داۋالاشتىن ئاجىز كەلگەنلىكىنى ۋە دوختۇرلارنىڭ باش ئاغرىقىنى ئوكۇل ئۇرماي توختىتىش مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىكىنى، ئوكۇل سالغاندا يېرىم كۆرىدىغان بۇ كۆزىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن قورققانلىقىنى شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، ھەرەم بەيتۇللاھقا بېرىپ، ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تەلەپ قىلىشنى ئويلاپ، مەككە – مۇكەررەمەگە كېلىپ، كەبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىپ، ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈپ، ئاغرىق كۆزىنى ئۇنىڭغا سۈرتكەندىن كېيىن زەمزەم سۈيى بىلەن يۇغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن ساپا – مەرۋە ئارىسىدا سەيى قىلىپ، ئۆزى چۈشكەن مېھمان كۈتۈشكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ئاغرىق كۆزىنىڭ ساقىيىپ، قىزىل چاقىنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا كېچە ۋە كۈندۈز ئارام بەرمىگەن باش ئاغرىقىنىڭمۇ ئۈزۈل - كېسىل يوقالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
ئەڭ ئۇستا دوختۇرلارمۇ داۋالىيالمىغان بۇ كېسەل نەگە غايىب بولغاندۇ؟
بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان دوختۇرلار مۇنداق دېيىشتى: ئاللاھ ھەممىدىن كاتتىدۇر، دوختۇرلار داۋالاشتىن ئاجىز كەلگەن بۇ بىمارنى ئەڭ كاتتا دوختۇر بولغان ئاللاھ تائالا ئۆزى داۋالاپتۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: زەمزەم سۈيى نېمە مەقسەتتە ئېچىلسە، شۇ مەقسەت ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر سىز ئۇنى شىپالىق تىلەپ ئىچسىڭىز ئاللاھ سىزگە شىپالىق بېرىدۇ، قوساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسىڭىز ئاللاھ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىچسىڭىز، ئاللاھ ئۇسسىزلۇقىڭىزنى قاندۇرىدۇ، زەمزەم سۈيى ئاللاھ ھەزرىتى جىبرىئىل ئەلەيھسسالام ئارقىلىق ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى سۇغارغان مۇبارەك سۇدۇر" دېگەن. [ئىمام دارقۇتنى رىۋايىتى].
بۇ ھېكايە ۋە زەمزەم سۈيى ھەققىدە بىز ئاڭلاۋاتقان باشقا ھېكايىلەر ئەگەر بىر شەيئىگە دالالەت قىلىدىغان بولسا چوقۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك زەمزەم سۈيى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئاخىرىدا د. فارۇق ئەنتەرنىڭ ھېكايىسى بىلەن بۇ ھەقتىكى سۆزىمىزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر قانچە يىلدىن بىرى سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانىدىم، دوختۇرلار ئۇنى ئوپراتسىيسىز چىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاخىرى ئوپېراتسىيە قىلىشنى قارار قىلدى، مەن قەستەن ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش ۋاقىتىنى ئارقىغا سۈردۈم ۋە مەككە – مۇكەررەمەگە بېرىپ، ئۆمرە قىلىپ، ئاللا تائالادىن بۇ تاشنى ئوپېراتسىيە قىلماستىن چىقىرىپ بېرىشنى تىلەش نىيىتىگە كەلدىم.
مەن مەككە – مۇكەررەمەگە يىتىپ كېلىپ، ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، زەمزەم سۈيىدىن ئىچىپ، ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇ زاتتىن شىپالىق تىلىدىم. مەن تېخى ھەرەمدىن چىقماستا سۈيدۈك يولىدا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال تاھارەتخانىگە يۈگۈردۈم، ئۇشتۇمتۇت بىر مۆجىزە پەيدا بولدى، ئوپراتىسىيىخانىگە كىرمەستىن ھېلىقى يوغان تاش چىقىپ كەتتى!
ھەقىقەتەن بۇ تاشنىڭ ئوپراتسىيسىز چىقىپ كېتىشى د. فارۇق ئەنتەرنى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ، ئۇنى داۋالاۋاتقان دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى.
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.
مۇھەممەد كامىل ئابدۇسەمەتنىڭ "ئىسلام ۋە ھەدىس شېرىپلەردىكى ئىلمى مۆجىزىلەر" دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى
مەنبە : مۇسۇلمان بىز تورى
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... B%D8%B2%DB%95%D9%85