拉依里 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 11:28 PM
ئاللاھىم سەبىر بەسۇن قىرىندىشىم.بۇ كۈن ھەممىمىزنىڭ ...
بۈگۈب 2013-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سەيشەنبە ، ئەتىگەن سائەت 9:00 بىلەن مىسرانىم تورىنى ئېچىپ ، مۇنبەرگە كىرىپ يىزىلغان تىمىغا كۆزۈمنى يۈگۈرتسەم ، سىزنىڭ (ئاپىڭىز تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن...... ) دىگەن تىمىڭىزگە ئىختىيارسىز كۆزۈم چۈشتى ، بۇ تىمىنى ئېچىپ 1-بۆلىكىنى ئۇقۇپ بولغىچە كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز ئىسسىق ياش تۈكۈلدى ، تىمىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئۇقۇپ بولغىچە كۆزلىرىمدىن ياش قۇرمىدى ، مىنىڭمۇ ئاپام 2011-يىل7-ئاينىڭ19-كۈنى تۈگەپ كەتكەن . شۇنداق ، ئاپىمىز تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ، تىمىڭىزدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندەك ئەھۋال يۈز بەردى ، مەنمۇ بالىنىڭ ئۈچۈنچىسى ئوغۇلنىڭ بىرىنچىسى بولغاچقا ، ئاپام قالغان باللارغا قارىغاندا ماڭا بەك كۆيۈنەتتى ، مەنمۇ ئاپامغا شۇنداق ئومراق ئىدىم ، تېلۋېزىيەدە ، گېزىت ، ژورنال ، تور بەتلىرىدە ئانا توغۇرلۇق پروگرامما ، ھېكايە ، پوۋېست بولسا شۇنداق كۈڭۈل قۇيۇپ كۆرىمەن ۋە ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ، شۇنداق جاپا چىكىپ يازغان تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، باشقىلارنىڭ يازغان گىپىگە قۇلاق سالماڭ ، ئۆزى تىما يوللىيالمايدۇ باشقىلار ئەجىر قىلىپ تىما يوللىسا ئىگىز-پەس سۆزلەيدۇ ، بۇنداق ئادەملەر جەميەتتە كۆپ ئۇچۇرايدۇ خاپا بولماڭ ، يازغان تىمىڭىزنى ئالدىراپ ئۈچۈرۋېتىشنى تەلەپ قىلماڭ ، بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .