musilina يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 09:37 PM
ئىچكىرىدىكى ئوغرۇلۇققا سېلىنىۋاتقان،ئىنسابسىز،رەزىل ...
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئويلاپ قالدىم ، فىلىمدىكى قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىكەن ، ساتراچخانىغا كىرىپ چاچ ياساتقان كۆرىنىشىنى ، ھەمدە يىگىتى بىلەن ئۇچراشقاندىكى دىئالوگلىرىنى قويمىسا بولاپتىكەن دەپ قالدىم .
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى ساتراچخانىلارغا بېرىپ چاچ ياسىتىشى بىر ئاددىيلا ئىشتەك قىلغىنى بىلەن فىلىمدىكى قىزنىڭ بىر ئوقۇغۇچىدەك ئوبرازىغا يامان تەسىر بىرىپ قويۇپتۇ ، ئۇ كۆرىنىشنىڭ ئورنىغا بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدى ياكى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدەك مەكتەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرەر ئورۇن ئالماشتۇرۇلغان بولسا تېخىمۇ چىنلىقى ئاشاركەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىگىتى بىلەن ئۇچراشقاندىكى دىئالوگلاردا قىزنىڭ يىگىتىگە بەرگەن تەسەللى سۆزلىرى ماڭا ئەكىس تەسىر بىرىپ قويدى .
فىلىمنىڭ ئاخىرىدا قىز بىلەن يىگىت بىر ئۇچرىشۋىتىپ ئاندىن فىلىم ئاخىرلاشقان بولسا دەپمۇ قالدىم .