aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 04:24 PM
ئەسلى يۇرتى قەيەر بۇخەقنىڭ ؟ قىزىغا قاراپ روسمىكىن دىگ ...
باشقىلارغا ئالدىراپ تىل تەككۈزمەيلى ئاپتاپجان.
مۇرات ئەخمىدىنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە ياپچان يېزىسىدىن.
مەن 1993-يىلى قەشقەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە ئۇيۇن قويغىلى كەلگەن مۇراد ئەخمىدى ئاكىنىڭ ئۇيۇنىنى كۆرگەن. ھەمدە تاساددىبى توغرا كېلىش بىلەن بىر ئاشخانا، بىر جوزىدا تاماق يىگەچ 15 مىنۇتچە ھەمسۆھبەتتە بولغان ئىدىم. ئۆزى ناھايىتى كىچىك پېئىل ئادەم ئىكەندۇق. گەپ- سۆزلىرىمۇ شۇنداق قايىل قىلارلىق. مۇراد ئەخمىدى قازاقىستان دۆلەتلىك ‹‹ئۇيغۇر ئانسامبىلى›› نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
قىزىنىڭ كىيىنىشى تەقى-تۇرقىغا كەلسەك مۇھىتنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. بۇنى دىمىسەممۇ ئوبدان بىلىسىلە. ئىچكىرىدە 20 يىلچە تۇرغان ئۇيغۇرنىڭ چىرايىدىن تارتىپ سۆزلىرىگىچە، كىيىنىشىگىچە باشقىلارغا ئوخشاپ كەتكىنىگە ئوخشاش، مۇراد ئەخمىدىنىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە روسلار كۆپ بولغان مۇھىتتا ياشىغاچ باشقىلارغا شۇنداق تەسىر بېرىپ قويۇشى تەبىئى. ئەمما ھېچقايسىمىزنىڭ بۇنى باھانا قىلىپ باشقىلارنى كەمسىتىش ھوقۇقىمىز يوق.