sewdaye1 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 09:12 PM
دوسلار، ئامرىكىدا ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپ، تاشپ ...
رەھمەت قېرىندىشىم، بەك ئاشۇرىۋىتىپسىز. مەن تېخى ئەمدى ئىلىم ساھەسىگە كىرىپ كىلىۋاتقان بىر ياش، بۇنداق تۆھپىكار ئالىملار بىلەن بىر قاتارغا قويسىڭىز خىجىل بولىمەن.
ئېيتقىنىڭىز توغرا، ئامرىكىدا ھەقىقەتەن نەتىجىلىك، تۆھپىكار ئۇيغۇر ئالىملار ۋە يىڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ئۈمىدلىك ياش ئۇيغۇر ئالىملار خېلى كۆپ. پەقەت بۇ مۇنبەرگە قەدەم تەشىرىپ قىلىۋاتقان، سىز ئىسمىنى تىلغا ئالغان پەخرلىك ئالىملىرىمىزدىن باشقا، ئامرىكىدا ئويلىساملا دەماللىققا 30-40 تەبئىي پەن ئالىملىرى ۋە ئالىي ئېنژىنىرلار يادىمغا كىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە جامائەتكە چوقۇم كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇشقا تىگىشلىك مۇنەۋۋەر ئايال ئالىملاردىن ئامرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋىرىستىتنىڭ ئېلىكتىر ئېنژىنرلىق فاكۇلتىتى پىرافىسورى دوكتۇر رەيھان بەكتۇر، ئامرىكا بوستۇن شەھرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر تەبئىي پەن ئۇنىۋىرستىتى بولغان ماسساچۇسېتىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتىدا ئىشلەۋاتقان بىئولوگىيە ئالىمى، غول ھۆجەيرە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپ (دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆز سېڭلىسى)... قاتارلىقلار بار. يەنە دورىگەرلىك ئالىمى دوكتۇر رىشات ئابباس بۇرھان بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان، ئۇمۇ ئامرىكىدىكى ئەڭ چوڭ دورا شېركىتىنىڭ باش تەتقىقاتچى ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دەپ كەلسەك، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئامرىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ كومپىيۇتىر، ماتىماتىكا، فىزىكا، بىئولوگىيە، مىدىتسىنا... قاتارلىق پەنلەردە زور نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۋاتقان ياش ئالىملارمۇ خېلى كۆپ. دوكتۇرلۇقنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان بولغۇسى ئالىملار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ. مۇشۇنداق ئۈلگىلىك كىشىلىرىمىزنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ياشلارغا ئۈلگە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى ناھايتى زور، دەپ قارايمەن.