مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustam205

-تۈن كېچىدىكى بوۋاق ئاۋازى-(ۋەھىمىلىك ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2532 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 04:28:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى شۇنداق قورقۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇيمەن......
داۋامىغا بەك تەقەززا قىلماڭ ھە....

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 05:04:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگەپ قالدىغۇ .......

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 05:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كىرسەم بولغۇدەك بۇ يازمىغا، بىردەمدىلا ئوقۇپ بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىدىكەنمەن، ۋەقەلىكى قانچە قورقۇنۇچلۇق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، يېشىمىنى كۆڭۈللۈك، ياخشى ئاخىرلاشتۇراسىز ھە روستەم ئەپەندىم!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 08:54:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قورقۇنۇشلۇق ياخشى ئەسەر ئىكەن ،،  داۋامىنى ھەممنى بىر يېزۋەتسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتىكەن. بىردەم بىردەم كىرىپ بۇ تېمىغا ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44468
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 09:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى ئۇقۇشنى شۇنداق ياقتۇرىمەن.داۋامىغا تەقەززامەن دۇستۇم.تىزراق-يىزىڭ،تىزراق.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12725
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31729
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4657 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 09:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك ئامراق مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا....داۋامىغا تەشنامەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 09:58:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                تۈن كېچىدىكى بوۋاق ئاۋازى
                                                          (رۇستەم)
                                                              (3)

**********************************************
-رۇستەم! رۇستەم! مەن بۇ، زۇلپىقار،دېدى.
ئاندىن مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئۇمۇ ھەم موتسىكىلىتىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك نەق ئورنىنى كۆرسەتتى.  ئاندىن مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ:
-بۇنچە كەچتە بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسەن ئاداش؟ دەپ سورىدىم.
ئۇ ماۇا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا يان تەرەپتىكى بىنانى كۆرسىتىپ ئاستا ئىشارەت قىلدى.
***********************************************
مەن دەررۇ قارىدىم.چۈنكى ئۇ بىنانىڭ 3-قەۋىتىدە ئۇنىڭ قىز دوستى ئادىلەلەرنىڭ ئۆيى ئىدى.يەنى ئۇلار بىز ئولتۇرىدىغان بىنانىڭ ئۇدۇل بىناسىدا ئىدى.مېنىڭ قارىشىم بىلەن ئادىلە چىرىقى ئۆچۈرۈلگەن ياتاق ئۆيدىن ئېكىرانى يورۇق يانفۇننى سالام ئورنىدا ئوڭ-سولغا 4-5نى پولاڭلاتتى. مەنمۇ ھەم سالام قايتۇرغان ئورنىدا ئوڭ-سولغا نەچچىنى پولاڭلىتىپ قويدۇم. چۈنكى ئۇمۇ بايا زۇلپىقارنىڭ ئوچۇق يانفۇنىدىن مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى بىلگەن ئىدى.ئاندىن ئۇلار نەچچە مىنۇتلا قىسقىلا پاراڭلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتى.
بىز ئاندىن ئۇ ئېلىپ كېلىۋالغان قەلەي قۇتىلىق ئىچىملىكتىن بىرنى ئېچىپ ئىچكەچ پاراڭغا چۈشتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى مەسلىھەت چاي قىلىپ، ئاندىن مەسلىھەت چاي ئۆتۈپ 1 ھەپتىدىن كېيىن ئادىلە بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلىدىم ھەم مەڭگۈلۈك بەخىت تىلىدىم. ئۇ ئاندىن ئۇلاپلا:
-ئاداش يەر ئاستى ئۆيۈڭدە گىتتارىڭ بارمۇ؟ دەپ سورىدى.
-ئەلۋەتتە بار،قانداق دەيسەن؟دېدىم. ئۇ:
-چالغان مۇزىكىلىرىڭنى ھەم ناخشىلىرىڭنى ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ.ئاز-تولا ئاڭلىغان بىر-ئىككىدىن ناخشا ئېيتمامدۇق، ھەم يەنە موتۇرنىڭ ئارقا ساندۇقىدا بىر ئاز باغاقلار بار ئىدى،يازغىنىمىزچە 1 سائەتتەك مەسلىھەت چاي ھەم توينىڭ باغاقلىرىنى يېزىشىپ بەرگىن دېدى. مەنمۇ بۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىز، بىزنىڭ ئۆينىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق. بىز كىرىپ يېرىم سائەتلاردەك پاراڭلاشقاچ گىتتار چالدۇق. ئاندىن كومپيۇتېردا ناخشا قويۇپ قويۇپ باغاق يېزىشنى باشلاپ كەتتۇق. بىر چاغدا ئۇ :
-ئاداش قەلەي قۇتا تۈگەپ قالغىلىۋاتىدۇ، مەن يەنە بىر ئاز ئەپكېلەي دېدى. مەن:
-بولدى ئاداش مەن باراي دېسەم، ئۇ:
-بولدى ئاداش سەن يادىڭغا كەلگەن دوستلار ھەم ساۋاقداشلارنى باغاققا يازغاچ تۇرغىن، بۈگۈن ياخشى جەم بولۇپ قالدۇق،شۇڭا بىر ياردەم قىلىپ ئېسىڭگە كەلگەن دوستلارنى يېزىشىپ بەرگىن دېدى، ھەم مېنىڭ ھەي! دېگىنىمگىمۇ قارىماي تېزلىك بىلەن چىقىپ كەتتى.ئەمما دەل مۇشۇ چاغدا يانفۇنۇم ئەنسىز جىرىڭشىپ كەتتى.مەن تىزىملىكلەرگە قارىغاچ يانفۇننى قوبۇل قىلدىم :
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم......... ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.........، ئەمما ھېچقانداق سادا يوق،سىز كىم بولىسىز؟ گەپ قىلىڭ، يەنىلا ھېچقانداق سادا يوق،شۇنىڭ بىلەن تېلىفۇننى بېسىۋەتتىم.شۇنىڭ بىلەن باشتىكى ئويۇم ئېسىمگە كېلىپ زۇلپىقارغا تېلىفۇن قىلماقچى بولدۇم، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاچقۇچنى بەرسەم ئۇ قەلەي قۇتىلارنى مېنىڭ تاللا دۇكىنىمدىنلا ئېلىپ كەلسۇن دەپ ئۇنىڭ نومۇرىغا تېلېفۇن قىلسام ئەمما ئۇنىڭ تېلېفۇنى دەل مامۇق كارىۋاتنىڭ يان بۈرجىكىدىن سايراشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن تېلىفۇننى بېسىۋەتتىم ھەم سافادا ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى قەلەي قۇتىدىن بىرنى ئېچىپ ئىچكەچ يەنە باغاق يېزىشقا باشلىدىم. ئەمما ئەمدى بىر نەچچە باغاقنى يېزىپ بولۇشۇمغىلا يانفۇنۇم يەنە ئەنسىز سايراشقا باشلىدى....مەن يېزىپ بولغان باغاقلاردىكى ئىسىملىكلەرنى بىر قۇر كۆزدىن يۈگۈرتكەچ تېلىفۇننى ئالدىم:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،........ ئەسسالامۇئەلەيكۇم،........ئەمما يەنە سادا يوق،بۇ چاغدا ئاچچىقىم شۇنداق كەلدى،دە :ئادەمنى تولا ئەخمەق قىلماي، كىم بولساڭ ياكى بولسىڭىز ئۆزەڭ كىمۇ؟ دېگىنە بىر! بولمىسا تېلېفۇننى بېسىۋېتىپ ئەمدى ئالمايمەن دېدىم دە، بۇ كىمنىڭ نومۇرى بولغىيتتى دەپ ئويلاپ ئېۆىرانىغا قارىدىم. قارىدىم يۇ ئەمما كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم.چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەخسۇس تورغا چىقىدىغان يەنە بىر نومۇرلۇق تېلىفۇنۇم ئىدى.
بۇ چاغدا كاللام تورمۇزلىنىپ قالغاندەك كاللام گاڭگىراپلا قالغان ئىدى.چۈنكى ئۇ يانفۇنۇم پەقەت دۇكىنىمدىلا تۇراتتى. يەنە كېلىپ پەقەت باشقا شەھەرلەرگە بارغاندىلا ئاندىن ئېلىۋالاتتىم. بىردەملىك گاڭگىراشتىن كېيىن مەن يەنە گەپ قىلدىم:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟! سىز كىم بولىسىز؟ گەپ قىلسىڭىزچۇ؟ دەپ ئۆتۈندۈم. ئاندىن بىر 10 سېكونتلاردىن كېيىن جاۋاب كەلدى،لېكىن كەلگەن ئاۋاز شۇنداق ئاستا ھەم شۇنداق زەئىپ ئىدى. :
-سىز رۇستەمما؟ دەپ سورىدى.
- ھەئە شۇنداق، مەن رۇستەم، سىز كىم بولىسىز؟دەپ كەسكىن سورىدىم. ئۇ ئاندىن ئۇلاپلا يەنە:
- سىز رۇستەمما؟! دەپ ئۇرغۇلۇق سورىدى.
بۇ چاغدا سەل جىددىيلىشىپ يەنە قايتا جاۋاب قايتۇردۇم:
ھەئە مەن رۇستەم، سىز زادى كىمۇ؟دەپ سورىدىم. ئۇ:
مەن سىزنىڭ قوشنىڭىز، دەپلا جاۋاب بەردى.
- قوشنىڭىز؟ قايسى قوشنام؟ دەپ سوئال قويدۇم.  ئاندىن بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەمدى گەپ قىلاي دېگىچە تېلېفۇن ئۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن زۇلپىقار كېلىپ قالسا دەپ، ئىشىكنى سولىماي يېپىپلا قويۇپ دۇكانغا قاراپ ماڭدىم. باردىم دە ھەيران قالدىم. چۈنكى ئىشىك يېپىق بولغان بىلەن قۇلۇپنى سولاشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم. دۇكان ئىچى قاراڭغۇ، پەقەتلا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ چىرىقى بىلەن يانفۇنۇمنىڭ ئېكىرانىلا يېنىپ تۇراتتى. بۇنى ئەينەك ئىشىكتىن ئېنىق كۆرگىلى بۇلاتتى. مەن دەرھال ئىشىكتىن كىرىپ چىراقنىمۇ ياندۇرماستىن ئۇدۇل بېرىپ ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ، ئۈستەلدىكى يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بىردەم قارىغاندىن كېيىن يانفۇننىڭ ئېكىرانىنى ئۆچۈرۈپ قەلەي قۇتىدىن مەنمۇ نەچچىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن سول تەرىپىمگە بۇرۇلۇشۇمغا بىر قارا كۆلەڭگىنى كۆردۈم دە يۈرىكىم زاققىتەڭلا قىلىپ قالدى،:
كىم؟! سىز كىم؟! دەپ سورىدىم،ئەمما جاۋاب يوق.لېكىن ئۇ بۇ چاغدا ماڭا قاراپ ئاستا-ئاستا يېقىنلا كېلىۋاتاتتى.چىراق ياندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى چىراقنىڭ كونۇپكىسى ئۇ بار تەرەپتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمىز 3--4 مېتىر قالغاندا يانفۇنۇمنىڭ ئېكرانىنى يورۇتۇپ ئۇنىڭغا چاقتىم،.ئۇ دەل ھېلىقى قىز ئىدى.بۇ قېتىم ئۇ ئۇزۇن قارا رەڭلىك كۆڭلەك كىيىۋالغان ئىدى. مەن دەرھاللا :
-توختاڭ! دەپ بۇيرۇق قىلدىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكى قورقۇنچىم تېشىمدىنمۇ ئوبدانلا بىلىنىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنى ئەڭ زور چەكتە تۇتۇۋالدىم. ئۇمۇ توختىدى.:
-بۇ كەچتە نېمە قىلىسىز بۇ يەردە؟ دېدىم، ئۇ :
-شۇ قارىسام ئىشىكنى ياپقان بىلەن سولىماپسىز، ھەم نەچچە قېتىم ئۇ يانفۇنغا تېلېفۇن كەلدى. شيڭا كىرىپ سىزگە تېلېفۇن قىلغان،دردى ھەم ئۇلاپلا :
-ھە راست، بۇ قارا كۆڭلىكىم يارىشىپتىمۇ؟ دەپ سورىدى.
- ھەئە، بەك يارىشىپتۇ دېدىم. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ھەر قانداق ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يېگۈدەك شۇنداق تەنناز ھالەتتە ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى.قانداقتۇر بۇ ۋھقىتتا مېنىڭ بايامقى قورقۇنچىم بەڭباشلىق قىلىپ ئالىقاياقلارغا قانات قېقىپ ئۇچۇپ كەتكەندەكلا ئىدى. ھەم خىيالىمدا: بۇ كاساپەتنىڭ ئېرى 10-15 كۈن ھەتتا بەزىدە 1 ئايلاردەك سىرتلاردا ئىشلەپ بۇ تازا ئەر سېغىنىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ دەپ ئويلىدىم. ۋە بىر چاغدا تۇيۇقسىز قولۇمدىكى يانفۇنۇم قاتتىق سايراپ كەتتى دە،بىر چاغدا ئېسىمنى يىغىپ قارىسام ئۇنىڭ ئىككى قولى دەل كۆز ئالدىمغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپتۇ. مەن دەرھاللا:
-نېمە قىلماقچىسىز؟! دەپ ئۈنلۈكرەك سورىدىم.
-ياقىڭىزنى ئوڭشاپ قوياي دېگەن، دېدى.
قارىسام ياقامنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا بايا ئالدىراشچىلىقتا مايكامنى كەيگەندە ئىچىگە سەل قاتلىشىپ قاپتۇ.
- بولدى، ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت. ئۆزۈم ئوڭشىۋالاي دېسىم.
-دۇكىنىڭىزنى ئەتمەپسىز،دەپ قويسام خۇشال بولماقتا يوق تېخى...،، باتناش ئاھاڭىدا غۇدۇڭشىپ دەپ قويدى.
-ھەئە، سىزگە كۆپ رەھمەت، قوپال تېگىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ. دەپلا تېلېفۇننى ئالدىم.
-ھوي، ئاداش نېمانداق ئالالمايسەن تېلېفۇننى، دەپ سورىدى، زۇلپىقار.
-ھە، ئاغىنەم بايا سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم. مەن ھازىرلا بارىمەن دەپلا تېلېفۇننى قويۇۋەتتىم. ئاندىن توڭلاتقۇدىن قەلەي قۇتىدىن 4 نى ئېلىپ ، ئۇ قىزغا :
سىز نېمە ئىچىسىز؟ئاددى بولسىمۇ مېھمان قىلغىنىم بولۇپ قالسۇن، دەپ ئۇ قىزغا كۈلۈمسىرەپ قارىدىم. ئەمما ئۇ:
رەھمەت، بىر نەرسە ئىچكىم يوق، كېيىن ئىچەي،دەپ ئارقىغا ئاستا بۇرۇلۇپ دۇكاننىڭ ئالدىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ نەرسىلىرىمنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىغا قاراپ ماڭدىم، ئۇمۇ ئاستا ئۆزىن2- كورپۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىك ئالدىدا تۇردى. مەنمۇ ئىشىكنى سولىغاچ ، سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت دېدىم دە ئۇنىڭغا قارىغان ھالدا ئىنىڭ ئالدىدىن ئاستا مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتىم. لېكىن نېمىشقىكىن كۆڭلۈم بىر خىللا ئارامسىز ئىدى. مەن بىر ئازلا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئرقامغا ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۇ يوق ئىكەن. ئۇ قىز ماڭا ھەقىقەتەى بىر خىل سىرلىق بىلىندى.......
مەن كېتىۋاتقاندا ئارقامدا بىرسى ئەگىشىپ كېلىۋاتقاندەكلا بىلىنۋاتاتتى. ئىشقىلى كۆڭلۈمگە قانداقتۇر بىر خىل بىلگىلى بولمىغا سىرلىق بىر ۋەھىمىنىڭ ئەتىراپىمنى ئەگىپ ماڭا بارا-بارا يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى.............  مەن دەرھاللا ئارقامغا قارىدىم يەنىلا ھېچنىمە يوق...............

(داۋامى بار)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەلىكە + 50 داۋاملىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-13 11:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rustam205 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-13 09:58 PM
تۈن كېچىدىكى بوۋاق ئاۋازى
     ...

ئەجەپمۇ قىزىق يېرىگە كېلېپ  تۇگەپ قېلۋاتىدۇ بۇ ،،،  

http://barhan88.blogbus.com/

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5568
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9319
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 12:00:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىقىمدا ئوقۇمايمەن چالا نەرسىنى دىگەنتىم لىكىنزە…تىزراق يىزىۋىتەلا جىما!

سەن سەل قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن تىكەن چاتقال بولۇپ ئەۋلادلىرىڭنىڭ يولىنى توسىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44468
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3563
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-14 01:17:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دائىم شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇۋاتسام ھىكايە تۇگەپ كىتىدۇ دىسە.....
   

    ئاخىرىنى تەشنالىق بىلەن كۇتىمەن ئەمسە زۇلپىقار.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش