ئەسكەرتىش:
' f# h& J# e, `8 Hبۇ تېما ئۆتكەنكى ھاۋا ۋە سۇ ئېنىرگىيەلىك ماتۇرلارغا رەددىيە(1) دىگەن تېمامنىڭ ئاخىرى، شۇڭا ئۇ تېمىنى ئۇقۇمىغانلار تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئۇ تېمىنى ئوقۇپ ئاندىن بۇ تېمىنى كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-113432-1-1.html
1 s1 O1 M I; p B% d2 X) w5 L" L( g
خۇلاسە كالام، قىسقىسى مەيلى ھېلىقى ئىچكىرىدىكى ئونۋىرىسىتىتتا ئوقۇۋاتقان بالا بولسۇن، مەيلى قەشقەرلىك ئالىمجان مەيلى بۇ قېتىم چىققان خوتەنلىك ئالىمجانلار بولسۇن بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئېنىرگىىيە سەرپ قىلماي ئېنىرگىيە چىقىرىدىغان ياكى ئاز ئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ كۆپ ئېنرگىيەگە ئىرىشىدىغان مېخانىزىمغا چېتىلىدىكەن، بۇلارنىڭ قىلغىنى تەبىئەتنىڭ قانۇنىغىلا ئەمەس ھەرقايسى دۆلەتلەردە يولغا قۇيۇلىۋاتقان پاتىنىت قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ بىر قىلمىش ھىساپلىنىدۇ خالاس. چۈنكى ئېنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنىى يالغۇز فىزىكىدىكى ھەر خىل كۈچلەرنىڭ ئىش ئىشلىشى، مېخانىك ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى... قاتارلىك كۆپ لىنىيەلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى بىلەن تۇرغۇزىلىپلا قالماستىن بەلكى فىزىكىدىن ھالقىپ خىمىيە، بىيۇلوگىيە، تېخىمۇ مۇھىمى ماتىماتىكىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن، كۆپ يۆلىنىشلىك ئىسپاتلاردىن ئۆتكەن بىر ئوبىكتىپ قانۇنىيەتتۇر، گەپنى قىسقارىتساق بۇ قانۇننىڭ فورمۇلىسى " بىرگە بىرنى قوشسا ئىككىدىن چوڭ بولمايدۇ، كىچىكمۇ بولمايدۇ" دىگەندىن ئىبارەت. يەنى ئېنىرگيە يوقالمايدۇ، يوق جايدىن پەيدا بولمايدۇ، بىر خىل شەكىلدىن ئىككىنچى بىر خىل شەكىلگە ئايلىنىدۇ، بۇ جەرياندا ئومۇمى مىقدار ئۆزگەرمەيدۇ ، دىگەندىن ئىبارەت.
" n! ?- ]7 I7 H7 E5 G2 i- cئەمدى قەشقەرلىك ئالىمجانننىڭ گىپىگە كەلسەك، 2008-يىللىرى بىرنەچچەيلەن ئۇ كىشىنى بىر كۈرۈپ كىلىش نىيىتى بىلەن يۇپۇرغا ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىسىغا بارغان ئىدۇق، ئۇ كىشىنىڭ ئۆيى تىپىك ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ ئۆيى بولۇپ ھويلىسى ئۈزۈملۈك، ئايۋاندا ئاشلىقلىرى بېسىغلىق، ئۆزى ياغاچچى بولغانلىقتىن ياسىغا ئۇرۇندۇق ۋە باشقا نەرسىلىرىمۇ ئايۋانغىلا تىزىپ قويۇلغان ئىدى، بىز كىلىش مەخسىدىمىزنى ئېيىتقاندىن كىيىن ئۇ كىشى ئۇيغۇر قائىدىسى بويىچە داستىخانغا باشلاپ تاۋۇز نان كەلتۈردى، بىز بۇلاردىن ئېغىز تەككەچ پاراڭغا چۈشتۈق، ئۇ كىشىنىڭ دىيىشىچە ئۆزى ئوقۇمىغان بولۇپ باشلانغۇچتا بىرىنچى سىنىپتا ئۇقۇغانلىقتىن يېڭى يېزىقتىنلا ساۋادى باركەن، ئۇ كىىشنىڭ ياسىغان ھاۋا ئېنىرگىيەلىك ماتۇرى موتۇتسىكىلىت ماتۇرىدىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ ياغاچچىلارنىڭ يەل بولقىسىغا يەل بىرىدىغان يەل پومپىسى يەنى بىز دەيدىغان ھېلىقى چىباڭدىن چىققان يەلنىڭ بېسىم كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ ئىلگىرى تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن ھەتتا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ھاۋانىلا يېقىلغۇ قىلىپ ماڭىدىغان ماتۇر ئەمەسكەن، يەنى ھاۋانى يېقىلغۇ قىلمايدىكەن، بەلكى قىسىلغان ھاۋانىڭ كۈچى ئارقىلىق ماڭىدىكەن، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا توك كىتىدۇ دىگەن، گەپ. بۇنى ھازىر ماشىنا رىمۇنىت ئۇرۇنلىرىدا ئىشلىتىۋاتقان يەل بېسىملىك ئەتۋىركا، ماشىنىنىڭ يەل بېسىملىك ئىشىكى قاتارلىقلارغا ئوخشاتساق تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنەلەيمىز. بىراق ھازىرقى شارائىتتا بۇنىڭ قوللىنىشىدىن ئۈمۈت كۈتۈش بەك بالدۇر بولسا كىرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى كەشپىيات ئەمەس بەلكى ئەمىلى قوللىنىدىغان يېكى تىپ دىيىش كىرەك، يەنى تورلاردا داۋراڭ قىلىنغان ئارىمىزدىن ئېينىتىيىندىنمۇ ئەقىللىق كىشى چىقتى ... دىگەندەك مۇبالىغە قىلىنغان ئەھۋال ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسكەن.
$ `2 ?1 Z, X1 C& g% p0 r5 T6 |
ئۇ كىشى يەنە ئۆزى ياسىغان سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى تۇنۇشتۇردى، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ھىچقانداق بىر سىرىتقى كۈچنىڭ ياردىمىسىز تاكى ئۇپراپ كەتكىچە ماڭىدىكەن، ئۇ بۇ توغرىسدا مۇشۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قۇيۇپ ئىككى يۈز ئەللىك يىلدىن كىيىن ئاچساقمۇ يەنى ماڭىۋىرىدۇ، دىگەن گەپنى قىلىپ ئەينى ۋاقىتتا بىزنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان ئىدى، بىراق بۇ پەنگە خىلاپ بولغان مەڭگۈلۈك دىۋگاتىلنىڭ ئۆزى ئىدى خالاس، شۇڭا بۇ توغرىلىق ئۇنىڭدىن سورىغان سۇئاللىرىم ئۇ كىشىنىڭ "مەپىيەتلىكنى ساقلىشى" سەۋەبىدىن جاۋاپسىز قالغان ئىدى...
; g; n H9 X5 n/ d% Y! {مانا بۈگۈنگىچە بەش ئالتە يىل ئۆتۈپتۇ ،ئۇ كىشىنىڭ ئىشلىرىدىن ھىچبىر خەۋەر يوق، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئۇ كىشى ئۆلۈپ كىتىپتىمىش، لىكىن خەخ دىگەن نىمە گەپ تاپمايدۇ دەيسىلەر، ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ ئاغزىدا ئاللابۇرۇن ئۆلگەن چولپانلىرىمىز ھازىر كىچىلىكلەردە چاڭ چىقىرىپ يۈرۈشمەمدۇ ئەنە.
- A* |) l$ ^, `: z- N A. Q+ Z: Gئالىمجان توغرىلىق يېقىنقى بىر خەۋەر مىنى تېخىمۇ ئويغا سالدى، يەنى سىيەك يېزىدىن دائىملىق تەربىيەگە قەشقەرگە كەلگەن بىر مۇئەللىمنىڭ باشقا مۇئەللىملەرگە دىيىشىچە ئۇ كىشى ھازىرمۇ باركەن، لىكىن ئۇنىڭ قىلغانلىرى يالغان چىقىپ قالغانلىقتىن كىشىلەر بۇرۇنقىدەك ئۇنى يوقلىمايدىكەن...
- u# U$ m" m8 e# @ d
ئايلاپ باقايلى قېرىنداشلار ھازىر كىچىككىنە بىر ئىش قىلغان ئادەملەرنى دەرھال يەرلىك ۋە دۆلەتلىك تىلىۋىزىيەدە شۇنداق قاتتىق تەشۋىق قىلىدۇ، نىمىشقا ئالىمجان تەشۋىق قىلىنمايدۇ، ھىچبولمىسا رادىيۇ ياكى گىزىتتە بولسىمۇ ئۇ توغرىلىق خەۋەر يوق، پەقەت تورلاردىلا ئۇ توغرىلىق خەۋەر بار؟ چۈنكى تور نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى ئەمەستە...
% f, n0 z9 b: H/ ~
گەپنىڭ قىسقىسى ئاز ئىنىرگىيەدىن كۆپ ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىش پەنگە قارشى بىر زامانىۋى خۇراپاتلىق خالاس، چۈنكى ھىچكىممۇ تۆتكە تۆتنى قۇشۇپ توققۇز قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن ئېنرىگىيەنىڭ ئايلىنىش-ساقلىنىش قانۇنى توغرىلىق ماتىماتىلىك ، فىزىكىلىق، خمىيەلىك... ئىسپاتلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك، بىراق بۇ دۇنيانى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرگەن ئىلىم-پەننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ زاماننى ئوتتۇرا ئەسىرگە قايتۇرۇشتىن باشقا يەنە نىمىدىنمۇ دىرەك بىرەلەر؟...
7 X, ]3 p9 t) H' W) R- f6 a* V
كىيىنكى تېمامدا سۇ ئېنىرگىيەلىك ماتۇر توغرىلىق توختىلىمەن، مۈمكىن بولسا بۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارغا بۇنى ياسىغان خوتەنلىك ئالىمجاننىڭ ئالاقە تىلىفۇنىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار، تېما تېخىمۇ ئەمىلى ، ئەلگەنەپ بىرىدىغان بىر تېما بولغان بولاتتى...
3 P I, ?4 ?! \" I7 h8 w- ^
داۋامى بار.
4 o, n$ D; r+ X& D G
" Y3 b T: H( c' c' S" M; P, _1 } بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kamalkam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-12 09:09 PM
4 L; U) c Z7 d7 A
; W" L' q" f0 E( I( ?