karlik يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 02:48 PM
بۇ دەرسلىكلەرنى ئەمدى تەشۋىق قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ،off ...
ھە شۇنداقمۇ؟
تىل بولاق ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسىلا ھەممە ئادەم office2013 نى سېتىۋېلىپ، بىراقلا كۆچۈپ كىتەرمۇ؟ مەكتەپلەردىكى كومپيۇتېرلارغا بىزنىڭ مائارىپ تارماقلىرىمىز بىر بۇيرۇق بىلەنلا office2013 نى سېتىۋېلىپ قاچىلاپ بىرەرمۇ؟ ئىمتىھان ئېلىنىدىغان مەكتەپلەر تېخىچە office2007 ياكى office2010 غا كۆچمەيۋاتقان ۋاقىتلاردا بىراقلا office2013 نى سېتىۋېلىپ كۆچۈپ كىتەرمۇ؟
ئانا تىلنى مەن سىزدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيمەن ھەم سۆيىمەن ئەمما بىز رىئاللىقنى بىلىشىمىز ، ئەمەلىي تۇرمۇشتىن سۆز ئېچىشىمىز كېرەك، مەن windows 8 نى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى، تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا windows 8.1 غىمۇ كۆتۈرۈپ بولدۇم، ئۇنداقتا سىز windows 8نى سېتىۋېلىپ ئشىلىتىۋاتامسىز، office2013 نىچۇ؟
مەن پەقەت بىر نەچچە ئادەمنى ئەمەس، تۈمەنلىگەن ئادەمنى ئويلاپ بۇ دەرسلىكنى تۈزىگەن.
مەن تەشۋىق قىلپ، بۇنى پۇلغا سېتىۋاتمايمەن، بەلكى خەلقىمىزگە ھەقسىز سۇنىۋاتىمەن.
سىز office2013 تىن ياكى office2010 دىن راۋرۇس بىر دەرسلىك ئىشلەپ سۇنىڭە مەن سېتىۋالاي دەرسىڭىزنى ، ھەقسىز تارقىتىڭ دېمەيمەن.