ئـانـار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ئانار دەرىخى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە مېتىرغا يېتىدۇ،ئانار يۇمىلاق، قىزىل مېۋە بولۇپ، تاتلىق، تەلۋە، ئاچچىق دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتى ۋە مەنزىرە قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
پىشقان ئانارنىڭ پوستى ئوچۇق قىزىل ياكى ھال رەڭدە بولۇپ، كۆپىنچە يېرىلىپ، قاشتېشىغا ئوخشاش جىلۋېلىنىپ تۇرىدىغان ئانار دانىلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، گەرچە ئۇنى يېيىش ئاۋارىچىلىق بولىسىمۇ، ئەمما تەمى ئېغىزدا قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، دانىلىرى كۆپ ۋە تولغان بولغانلىقتىن، ھەمىشە تەبرىكلەشكە ئىشلىتىلدىغان مېۋە دەپ قارىلىپ، بەخىتلىك بولۇش، گۈللەپ ياشناشقا سىموۋىل قىلىندۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەدىمكى دەۋىرلەردىكى كېنىزەكلەر ئانار شەربىتىنى ئەڭلىك ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئانار ئوزۇق بولۇش، قاننى كۆپەيتىش، ئورگانىزىمنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ توختىتىش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. تەلۋە ئانار تاتلىق ئانارغا ئاساسەن ئوخشايدۇ، لېكىن تەلۋە ئانارنىڭ تەمى سەل ئاچچىق- چۈچۈك كېلىدۇ.
ئاچچىق ئانار 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ھارارىتىنى، خاپىغاننى، مەستلىكنى پەسەيتىدۇ.
ئاچچىق ئانارنى تېشىپ، بىر كۈن سىركىگە چىلاپ، ئاندىن قاينىتىپ ئېلىپ، سوقۇپ خېمىر قىلىپ، كۇمىلاچ ياساپ يەپ بېرىش ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىشقا، ئۈچەي، مەقئەتلەرگە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. ئاچچىق ئانار سۈيىدە ئېغىز چايقاش ئېغىز پۇرىغانغا، ئېغىز جاراھەتلىرىگە پايدىلىق. ئاچچىق ئانار سۈيى ھەسەل بىلەن قاينىتىلىپ ئىچىلسە، بالىلاردىكى نوما كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ؛ قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتىلسا بۇرۇن، قۇلاقتىكى جاراھەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پوستىدىن ئايرىماي سىقىپ چىقىرىلغان ئاچچىق ئانار سۈيى بەدەنگە چىپىلسا، قىچىشقاققا پايدا قىلىدۇ، ھەرخىل ئىششقلارنى ياندۇرىدۇ.
ئاچچىق، تاتلىق ئانار سۈيى يەڭگىل (كۆيدۈرۈۋەتمەي) قاينىتىلىپ ئىچىلسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ، سۈيدۈك تېمىپ تۇرۇشقىمۇ پايدا قىلىدۇ.
ئانار يىلتىزىنىڭ قاينىتىلغان سۈيى چىش ئاغرىقى، چىش مىلىكلىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىككى گرام قاينىتىلغان ئانار سۈيى ئىككى گرام ۋاسالغۇ بىلەن ئىككى گرام زىرىگە قوشۇپ ئىچىلسە قەينى توختىتىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئانار يىلتىزى قاينىتىلىپ ئىچىلسە، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ. سوڭى چىقىدىغان كېسەلنى ئانار يىلتىزىنىڭ قاينىتىلغان سوۋۇتۇلغان سۈيىدە ئولتۇرغۇزغاندا، كېسەلنىڭ سوڭى كىرىپ كېتىدۇ.
ئانار يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ جاراھەت ئورنىدىكى داغلارغا چاپقاندا، داغ يوقىلىدۇ. ئانار يىلتىزىنىڭ كۈلى ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىنىپ، كۆكرەك ھەم ئاشقازان ئۈستىگە چېپىلسا، ئۆپكە ھەم ئاشقازاندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
ئانار سۈيى دىئابىت كېسەللىكلىرىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئانار دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنى سىركىگە ياكى سۇغا چىلاپ قويۇپ چىقىرىلغان روببە بىلەن ھەرخىل مەددىلەرنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.
ئانار پوستى سۆڭەك، پەيلەرنىڭ ئاغرىشى، بەل، پۇت ئاغرىقى، مەقئەت چىقىپ قېلىش، ئىچ سۈرۈش، قان تولغاق، مەنى ئېقىپ تۇتۇش، خۇن كېتىش، ئاق خۇن كېسەللىكى، كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. ئانار پوستى كۆز ياشاڭغۇراشقا سىقىپ ئىشلىتىلىدۇ، باشقا كېسەللىكلەرگە بولسا قاينىتىپ بېرىلىدۇ ياكى قۇرۇتۇپ سوقۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئانار گۈلىمۇ كىشىلەر ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق، ئادەتتە ئىچ توختىتىش، قان توختىتىش، بەدەن قۇرۇتۇش، قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.
ئانار تەركىبىدە ۋىتامىنC، فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئانارنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار بولۇپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كىلىدۇ.
ئانارنىڭ ئېنىق ھالدا قورۇش رولى بار بولۇپ، ئۈچەينى قورۇپ، قاننى توختىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ياخشى باكتىرىيە تېزگىنلەش رولى بولغانلىقتىن، ئىچ سۈرۈش، قاناشنى داۋالاشتىكى ئېسىل بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. ئانار جىگەر كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىشقا شىپا بولىدۇ.ئانارنىڭ شەربىتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرالايدۇ.
ئانارنىڭ ئۆزگىچە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار. ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر كۈنىگە 2 ~3 ئۇنسىيە (بىر ئۇنسىيە28.3495گرامغا تەڭ) ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرسە، بۇنى ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا، ئوكسىدلىنىش جەريانىنى %40 ئازايتقىلى ھەمدە چۆكمە ھاسىل قىلغان ئوكسدلانغان خولېستېرولنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. ئانار شەربىتى ئىچىش توختىتىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئاجايىپ ئۈنۈمى بىر ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئانار شەربىتى قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، راك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
ئىسپانىيەلىك مۇتەخەسىسلەر يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى؛ ھازىر ئانار پىشىدىغان ياخشى چاغ ، يېڭى ئانارنى داۋاملىق يەپ بەرگەندە ، قان تۇمۇرنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، يۈرەك ، مېڭە، ۋە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
بۇ تەتقىقاتنىڭ باشلامچىسى دوكتۇر لىنا .بادىرمان مۇنداق دېدى؛ ئانار بولسا كۆپ خىل مىنىرال ماددا بار ئىسىل مېۋە ، ئۇ قان تۇمۇرلا رئىچىكى دىۋارىنىڭ زەخمىلىنىشنى توسۇپ، تۇمۇر قېتىشىش ۋە مېڭە پالەچلىنىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا ئچىلگەن ئانار شەربىتى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ بەدەندىكى ناچار ھورمۇنلارنىڭ سۈپىتىنى نورماللاشتۇرۇپ ، قان نوكچىسى چۈشكەن ياكى قاندا ماي مىقدار ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرگە نىسپەتەن ئېيىتقاندا ، كۈندە بىر ئىستاكان ئانار شەربىتى ئىچىپ بىرىش قان تۇمۇرلارنى ئاچقان بىلەن باراۋەر.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئانارنى ھۆل پىتى ئىستېمال قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە ھاراق، ئاچچىقسۇ ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئىچىملىكلەرنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
ئانارنى كۆپ يېگەندە چىشنىڭ ئېمال قەۋىتىنى چىرىتىدۇ، ئانار شىرنىسى تەركىبىدىكى پىگمېنت چىشنى قارايتىپ قويىدۇ ھەمدە ئاسانلا ئىسسىقنى ئاشۇرۇپ، بەلغەم پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئانارنى كۆپ يېمەسلىك لازىم.
ئانار شېكىرىنىڭ كۆپىنچە قورۇش رولى بولىدۇ، زۇكامداپ قالغانلار ۋە ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشقا گىرىپتار بولغانلار، چوڭ تەرىتى قېتىپ قالىدىغانلار ئانار ئىستېمال قىلىشتا ئىھتېيات قىلىشى، دېئابىت كېسلىگە گىرىپتار بولغانلار ئانار ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ئانار شىرنىسىنىڭ كىيىمگە يۇقۇپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم، بولمىسا ئاسانلىقچە يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-19 09:49 PM