داۋامى ...
بۈگۈن بۇ ئىشەككە زادى نىمە بولغاندۇ ، نىمانداق ئاستا ، بوۋاي ئىشەك ئۈستىدە ئۇخلاپ قالاي دىدى . تۈرۈتۈپ باقتى يەنلا شۇ لۆم لۆم لۆم ...بوۋاي ئۈزى بىلدىغان ھەممە ناخشىلىرىغا غىڭىشىپ باقتى . تىكىسسىز ئاھاڭغا ناي نايلاپمۇ باقتى . ھەتتا تۈگمەس خىياللارمۇ تۈگەپ قالغان ئىدى . بازارغا ھىش كىلەي دىمەيتى . ئەمما يەنە بىر قەدىناسى
بولغان قەدىناس ئىشىكىگە ۋايسىمىدى <<تەڭ قېرىپتۇق>> دەپ قۇياتتى كۆڭلىدە ، شۇنداق ئۇزۇن مۇساپىدىن كىيىن يېزا بازىرىغا كىرىپ كەلدى . يول يول دوقمۇشىدا تىرىچى سودىگەرلەر توۋلايتى <<تىرە باما ؟ >> ، بوۋاي ئۈندىمىدى ، بۇ يوق دىگىنى ئىدى . بوۋاي ئىچىكىرلەپ كىرگەنسىرى يول قاسنىقىدىكى ۋىۋىسكا ئاسقان دۇكانلار ئاۋۇشقا باشلىدى. يولدا ماشىنلار بىر بىرگە سىگىنال چالاتى ، يۇلدا ماڭغانلار بۇ ئاۋازدىن بىزار بۇلۇشۇپ ئىچىلىردە قاغاپ كىتەتتى ، پەقەت بوۋاي بىلەن ئىشەكلا بۇ ئاۋازغا بىپەرۋا ئىدى . يول بۇيدىكى سىتولبىلارغا قىزىل رەڭلىك پىلاكاتلار ئېسىلغان بۇلۇپ ، ئىناق جەميەت تىما قىلغان ئىدى ، سىتولبىلارغا ئورنىتىلغان ياڭراتقۇدا يەنلا ئىناق جەميەت شۇئارى ياڭراپ تۇراتتى . رىستۇرانلاردىن چىقىۋاتقان ، ئۇداردىن چەتنەپ ئېيتىلغان ناخشىلار:
چېچى ئالا كۈزى كۆك ،قىزىل يۈزلۈك بودەك قىز،
تار ئىشتاننى كىيۋېلىپ يۈرەككە ئوتنى ياققان قىز .
بوۋاي ئىشىكىنىڭ بوينىنى سىلاپ قۇيۇپ ، سەنمۇ كىرىپ ھاڭراپ قۇيۇپ چىقامسەن ، ئىشەك قۇلقى تۈۋۈدىكى چىۋىندىن زىرىكىپ بىشنى يىنىك چايقاپ قويدى ، بۇ چاغدا بوۋاي << ھە مىنىڭمۇ خۇشۇم يوق ، سەنمۇ ئوخشاش ، مال ئىگىسنى دورمىسا ھارام ... ھاھا ... بىلمەن سىنىڭ ھاراملىقىڭىنى ، ئەمما كۈچۈڭ ماڭا ھالال جانۋاراىم ، خى ...>>
قاتار كەتكەن دەيچى دۇكانلاردىكى ، كىنو ، ئىتوت ، ناخشىلار ئەبجەش شاۋقۇن چىقراتى ، بىرى يىغلىسا كەينىدىن چاۋاك كۈلكە قىقاس چۇقان چىقىراتتى ، بومبا ئاۋازى ئارسىدىن ناخشىلار چىقىپ تۇراتتى ، بەلكىم بۇ يەر دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى بولسا كىرەك . ئەمما شۇ ئىنقكى بۇ بازار . شۇنداق بوۋاي بازارغا كەلدى . ئەمما بوۋاينىڭ بازار بىلەن خۇشى يوق . قېرىغاندا بازار دا نىمە بار ؟ ! بوۋاي ئايلىنىپ ئۈتۈپ بازارنىڭ ئۇ بېشىدىكى ئابلەت تاڭ تۇڭنىڭ دۇكىننى كۆزلەپ يۈرۈپ كەتتى . باشقا كۈنى يىراقتىن كەلگۈچە بۇ تاڭ تۇڭنىڭ دۇكىنى تاراڭلاپ بازانىڭ ئاۋاتلىقىغا ھەسسە قۇشاتتى ، بۈگۈن ھەجەب جىمجىتيا ، قېرىغان ئوخشايمەن قۇلقۇممۇ ئېغىرلاپ قاپتۇ مانا ، بوۋاي شۇنى خىيال قىلىپ ئىشىكنى تۈرتۈپ قويدى . تاڭ تۇڭنىڭ دۇكىنى ئاشمىغنى راس چىقتى . دۇكۇنىغا چوڭ ئۇرۇس قۇلپىسى سېلنىغان ئىدى. ئاپلا ماۋۇ ئىشنى ...ھەي جانۋارىم ئەتگەندە شۇڭا بۇ ياققا كۆڭلۈڭ تارتماپتۇدە ، يۈرە ساڭا ئىككى جىڭ قۇناق ئېلىپ قايتايلى شۇنى توۋراڭغا سەپ بىرەي قايتقاچ يەۋال ساڭا بەرگەن بازارلىقىم بوپ قالسۇن . بوۋاي ئىشىكنىڭ بېشىنى بۇردى ، شۇ ئەسنادا بىر دۇكاننىڭ ئالدىدىكى تۈمۈرگە ئېسىقىلىق بىر نەچچە خىل ئورغاققا كۈزى چۈشتى .
بوۋاي كۆڭلۈدە ، چاشقان پاساڭداپ قويغىچە مۇشۇنى بولسۇممۇ ئېلىپ تۇرۇپ ، قۇناقلىرىمىنى يىقىتۋالاي ، يەنە بىر بازا كەلگۈچە ، نىمە ئىشلار بۇلدۇ كىم بىلدۇ . بوۋاي ئورغاقلارنى ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ قويدى . بۇ ئورغاقلار باشقا ئورغاقلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتى ، ئادەتتە ئورغاق دىگەن ھىلال ئاي شەكىلدە بۇلاتتى ، شۇڭمۇ ئاينى ئوغاق ئايمۇ دەپ قۇياتتۇق ، ئەمما بۇ ئوغاق بولسا Lشەكىللدە ئىدى ، بۇنۇڭدا قانداقمۇ بىر نەرسە ئورغىلى بولسۇن . ھە ... بوپتۇ ھۆكمەتنىڭ يېڭىچە زامانۋى ياسىغان ئورغىقى بولسا كىرەك ، بوپتۇ ئەپ ئىشىلىتىپ سىناپ باقمامدىم ...
- سەندە بۇنى ئاسۇڭ ، ياخشىما خاۋ خاۋ دىما لودوڭ با - دۇكان خۇجايىننىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرڭنىڭ شىۋىسىدەك قىلىپ بۇزۇپ سۆزلىگەن چالا ئۇيغۇرچە سۈزى بوۋاينىڭ خىيالنى بۆلدى .
-ھە ئالدۇ ، ئالدۇ ، مەن ئاممىسا كىم ئالدۇ .جىڭ جىڭدىما نەچچە پۇل .
- ئوتۇزې بېشى كوۋىي ، بەسۇڭ .
-ھې ياڭگاڭزا ، 35 كويغا ئاۋۇ يەردە ما - بوۋاي ئابلەت تاڭتۇڭنىڭ دۇكىنى ئىما قىلدى -ئىككىنى ئالمەن مەن ، نىمە دەيدىغاندۇ - بوۋاي ئىككى بارمىقنى چىقىرىپ كۆرسەتتى .
-چۈ چۈ چۈ ، باسۇڭ باسۇڭ ، نېگې دىفاڭ ئاسۇڭ باسۇڭ -ئابلەت تاڭ تۇڭنىڭ دۇكىنى ئاچمىغنى ئۇ بوۋايدىن بۇرۇن بىلەتتى ، شۇڭا قورقماي شۇنداق دەۋاتتاتى ، ھەم ئورغاقىنى بوۋاينىڭ قۇلدىن تارتىۋالغان ئىدى .
-ھېي جىڭ جىڭدا قانچە دىمەمسە -بوۋاي ئايال خۇجايىننىىڭ قۇلدىن تارتىۋېلىپ ئوراغلىق سولۋاۋنى سۇيۇپ تىرنىقنى قىرىپ كۆردى بوۋاينىڭ ئېلىشى نىيىتى ئاشكارە بولغان ئىدى .
-جىڭ جىڭدىما ئۇتتۇزې كۇۋېي بەسۇڭ ، تاماشا مېيۇ.
-سەن دىمە مەن دىمەي 5 كوي چۈشۈپ بەر 25 كوي بىرەي -بوۋاينىڭ خىلى بۇرۇنلا مۇشۇ باھاغا كۈزى يەتكەن ئىدى .
-مىيو مىيو - بوۋايىڭ قۇلدىن تارتىۋالدى .
-بەمىسەڭ بەمە . ئوھوي - بوۋاي ئىشىكى تەرەپكە قاراپ ماڭدى ...
-كەلە كلە ، پۇر چىكا پۇر چىكار ، جىيەندەن گۇي ..- ئايال خۇجايىن يەنە نىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىدى بىلگىلى بولمايتى . مۇشۇ يىقىندا كۈچۈپ كەلگەن دوسلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق كىتىپ بارسا كەينىدىن چاقىرىش ئادىتى ئىدى . ئاندىن سەن ئەرزان ئالدىڭ توپ تارقىتىشتىنىمۇ ئەرزان ئالدىڭ ، ماڭا پايدا قالمىدى ، بۇ سۆزلەرگە بوۋاي تۈگۈل بازارىدىكى ھەممە كۈنۈك ئىدى . بوۋاي شۇلارنى شۇلارنى ئويلىغاچ مەيدە يانچۇقىغا قول ئۇزاتتى ، ئادەتتە پۇللارنى شۇ يەرگە سالاتتى . ئاخىردا ئىشتان يانچۇقلىرىغىچە قايتا قايتا ئاختۇرۇپ چىقتى .
-ياۋ بۇ ياۋ - بۇ قېتىم ئايال خۇجاينىڭ ئەلپازى ئوخشىمايتى .
-....-بوۋاي پۇل بىلەن قېلىپ ئۇنىڭ گىپىگە ئېرەن قىپ كەتمىدى . بوۋاي ئۈزىنىڭ ئۇنۇتقاقلىقىغا ئاچچىقى كىلىپ ، كەينىگە ئۆرلۈپ ئىشىكى تەرەپكە ماڭدى . مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇقىغا ھىچ نىمە كىرمەيتى ، ئۈزنىڭ قېرغانلىقىغا تەن بەرگۈسى كەلمىگەن بوۋاي ، پۈتۈن دېھقىتى بىلەن ئويلايتى ، <<ئۇنتۇپ قالدىممۇ يۈتۈرۈپ قويدۇممۇ >>....
-مېي چىيەن خەي لەي مەي دوڭشى .......- ئايال خۇجايىن غۇدۇڭشىدى ، بوۋاينىڭ پەرۋازىسىزلىقىغا تېخمۇ قورسىقى كۈپۈپ ، ئاڭلىسۇن دەپ ئۈنلۈك قىلىپ <<ئاناڭ سىگىي>> دەپ سالدى .
ساقالىرى ئاقارغان ، چىرايدىن نۇر يېغىپ تۇرغان ، ئاق گۈللۈك بادام دوپپا كىۋالغان ، ئۈسىتىگە خام خاتىدىن ئاق كۆينەك ئۇنىڭ ئۈسىتىگە جىگەر رەڭدە جىلتىكە ، ئاستىغا قارا رەڭلىك ئۈڭۈپ كەتكەن ئەمما پاكىزلقى چىقىپ تۇرغان ئىشتان كىۋالغان ، پۇتىدا يازلىق مەسە ئۈستىگە كىۋالغان كلاچلىرى پارقىرا تۇرغان ، قىسىقىسى چۇقىسىدىن پۇتىغىچە پاكىزلىق چىقىپ تۇرغان بۇ بوۋاي ئۈچۈن ئاۋۇ جادۇگەرنىڭ ئاخىرقى گىپى پىچاق سانجىغاندەك تۇيۇلدى . باياتتىن بىرى جىدىلىشىپ قالغان بوۋايغا ماۋۇ گەپ قېتىلىپ پۇت قوللىرنى باشقۇرالماي قالدى ، ئىشەك قېشىغا كەپ قالغان قەدەملەر كەينىگە قايتتتى ، ئاچچىقىدىن تىتىرگەن لەۋلەر قارداپ كەتكەن ئىدى . بوۋاينىڭ كۆزلىرى تۇرۇپ يۇمۇلۇپ قالاتتى ، باشلىرى قېيىپ كىتىپ باراتتى . بوۋاي ئىزىدا توختاپ قالدى . مڭىنسى بىرى تۇرمۇزلاپ قويغاندەكلا، قتىپ قالغان ئىدى. ئايال خۇجايىن شۇنى بىلگەندەكلا <<سالا>> دەپ ۋاقىرۋەتتى .يولدا ماڭغان كىشلەر بۇ ئەنسىز ئاۋازدىن توختاپ قېلشتى . سودىسى ئاقمايۋاتقان دۇكاندارلار دۇكاندىن چىقىشتى . كىشلەر توپىنى كۆرگەن بوۋاي سەل خىجىل بولدى بولغاي ، ئەتراپقا قاراپ قويدى ، ئۈزى بىلمەي قالدى بولغاي << بايا نىمە دىدىڭا ؟ >> دەپ سوراپ سالدى .ئىشنىڭ تۈگۈنى مۇشۇ ئىدى . بوپتۇ بوۋاي بىز مۆمىن بەندە بولغاندكىن ئىشىكىڭگە مىنىپ كىتىپ قالساڭچۇ دەيمەن ... شۇ ئەسنادا ئىشەك ئىگسىنى چاقىرغاندەك قىلىپ ھاڭراپ قويدى .
_ئاناڭ سىگىي _كۈتۈلمىگەن جاۋاپتىن بوۋاي تىخمۇ كونتىرولسىز قالدى . ئۇ كۆڭلىدە ئۇنى گىپىنى قايتا دىمەيدۇ ، ئۈزىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ دەپ بەك چوڭ يەردىن تاما قىلىپ قالغان ئىدى . خاتا ئويلۇدۇڭ بوۋاي ، ئۇلار سەندەك ئۇزۇن ساقال يانچۇقىدا پۇلى يوق قېرى بوۋايدىن كەچۈرۈم سورسۇنمۇ ؟
-نىمە قايتا دىگىنە ؟ - بۇ چاغدا بوۋاينىڭ ئاۋازى تېخمۇ قاتتىق چىقىپ كەتتى .
_ئاناڭ سىگىي - ئۇمۇ بوش كەلمىدى ، چىقىراق ئاۋازى تىخمۇ كۆپ تاماشىبىننى چىللاپ كەلگەن ئىدى ، يىقىن بىر يەردە تام ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىككى ئاق كەپتەر پۇر قىلىپ تىزلىكتە ئۇچۇپ كەتتى ...سىتولبىدىكى ياڭراتقۇدىن ئىناق جەميەت قۇرۇپ چىقىش توغۇرسىدىكى شۇئارلار ياڭرىماقتا ئىدى .
خاپا بولماڭلار ، ھازىر دەرسىم بارتى ... دەرستىن چۈشۈپ كەشتە ياكى ئەتىلەردە داۋامنى يازمەن ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-18 02:44 PM