مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barnakiz886

تۇيۇق يولدىكى قىز [ھىكايە]   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2013-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 04:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى داۋاملىشۋاتاتتى،تۇگەپ كەتتى دېسە،قاچان يېزىپ بولاسىز؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 06:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاممەت ئاكام ئەتىسى بىزنى بىر كۈن ئويناتتى،ئالدى بىلەن ئىسىل تاماقخانىدا غىزالاندۇق ،ئۇندىن كىيىن قار تېيىلىش مەيدانىغا باردۇق.... ئىشقىلىپ ناھايىتى خوشال ئوينىدۇق،بۇگۈنكى كۈننى مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ مەنىلىك ،ئەڭ خوشال كۈن دىسەم ئارتۇق كەتمەس،كىيىن كىتاپخانىغا بېرىپ رەيھان ئىككىمىزگە ئىرپان لوغىتىدىن بىر دانىدىن ئېلىپ بەردى.
كەچتە بىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ ئۆزى بولسا قەشقەردىكى ئۆيىگە كەتتى.
كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەپ كەلگەن بولغاچقا ئۆيدە تاماق ئەتمىسەكمۇ بولاتتى،بىر كۈن ئويناپ ھاردۇق يەتكەچكە دەرىس تەكرار قىلىشمۇ ھەر ئىككىلىمىزگە خوش ياقمىدى،شۇڭلاشقا بايا ئېلىپ كەلگەن مىۋە -چىۋە ،ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى چاي ئۇستىلىگە تىزىۋېلىپ تىلۋۇزۇر كۆرگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرماقچى بولدۇق.
ئۇ يەر ،بۇ يەرلەردىن پاراڭلاشقاچ ئولتۇردۇق،لىكىن ئىچىمنى تىنماي غاقىلاۋاتقان ،مەن تىگىەە يىتىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان ئۇ سىرلار توغۇرلۇق گەپ بولسىلا ھەرقاچان راھىلە ھەدەم گەپنى باشقا ياقلارغا بۇرىۋىتەتتى ،بۈگۈنمۇ ھەم شۇنداق قىلدى.
بىز تۇنۇشقىلى خېلى كۈنلەر بولدى،لىكىن بىر-بىرىمىزگە ئىچ سىرىمىزنى بەرمەپتۇق،بىر بىرىمىزنى تېخىمۇ چۈشۈنۈشسەك دەپ ئويلايمەن دىدىم مەن گەپ تەشمەكچى بولۇپ.
-چۈشۈنىمىزغۇ سىڭلىم،سىلەر ئىككىڭلار شۇنداق ياخشى ،تىرىشچان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،مىنى ئۆز ھەدەڭلەردەك كۆرىسىلەر ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۇرتلۇق....
-توختا ھەدە،توختا،دىدىم مەن جىددى تەلەپپۇزددا،ئۇنى دىمىسەڭمۇ بىلىمەن،سەن ھەقىقەتەن ياخشى بىر قىزسەن،بۇنى بىلىمەن،لىكىن نىمە ئۈچۈن شۇنداق پەرىلەردەك چىرايىڭ تۇرۇپ ئاتالمىش ئىككىنچى خوتۇن بولدۇڭ؟يەنە كىلىپ داڭدەك بىر ئادەمگە؟ئۇنىڭ پۇلىنى كۆزلىدىڭمۇ؟ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟؟؟
مەنچە پۇلنى كۆزلىمىگىنىڭ ئىنىق،بۇنىڭغا يۈرىگىم گۇۋاھ،لىكىن قەلبىمدىكى نۇرغۇن نىمە ئۈچۈنلەر سىنىڭدىن جاۋاپقا ئىرىشەلمەي تىنەپ يۇرىدۇ،بۇنىەڭغا جاۋاپ تاپقۇم بار جېنىم ھەدە...
شۇنداق ھەدە،مىنىڭمۇ بىلگۈم بار،بىزنى بۇنداق تىت-تىت قىلىپ ئۆزىڭىز بۇرۇختىمىلىق ئىچىدە يۈرگىچە كۆڭلىڭىزدىكىنى بىزگە تۆكىۋەتسىڭىز ،دەرتلىرىڭىزگە بىز ئورتاق بولساق،ئۆزىڭىزمۇ يىنىكلەپ قالار ئىدىڭىز.ئۆزىڭىزنى شۇنچە تەمكىن تۇتسىڭىزمۇ ھەر سەھەر  تۆكىدىغان ئازاپلىق ياشلىرىڭىز ھەممىنى ئىقرار قىلىەپ تۇرۇپتۇ،مەن تۇنۇشقاندىن بىرى سىزنىڭ ئىچىڭىزدىن چىقىرىپ كۈلگىنىڭزنى كۆرۈپ باقماپتىمەن،بىزگە تاشلىغان تېپىشماقلىرىڭىزنىڭ جاۋابىغا تەشنامىز تاتلىق ھەدە،دېدى رەيھانمۇ.
راھىلە ھەدەم بىردەم جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن،كەچمىشلىرىمگە بۇنچە قىزىقساڭلار بولدى سۆزلەپ بىرەي،بۇ سىلەر ئۈچۈنمۇ ھاياتتىكى بىر ئىبرەتلىك ساۋاق بولۇپ قالار ،ئەمىسە سۆزلىرىمگە قولاق سېلىڭلار!
مەن ئەسلى ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇلۇق بىر تاللا قىزى ئىدىم،ئانام تۇغماس بولغاچقا مىنى بېقىۋالغان ئىكەن،ئۆزۈمنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ دۇنيادا بارمۇ-يوقمۇ ئۇقمايمەن،ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايمەن،ئۇلار مىنى بېقىشنى ؟خالىمىدىمۇ،ياكى مىنى باققۇچىلىك شارائىتى يوق قىيىن ئەھۋالدا قالدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇلار مىنى ھازىرقى ئاتاد-ئانامغا بىرىۋېتىپتىكەن،ئۇنى تېخى مەن مۇھاممەت بىلەن توي قىلىدىغان چاغدا بىلدىم،ئۇلار گەرچە مىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانام بولمىسىمۇ مىنى ئۆز قىزىدىن چارە كۆرۈپ بېقىپ تەربىيەلىگەن ئىدى،ئائىلە شارائىتىمىز ئانچە باياشات بولمىسىمۇ لىكىن بەخىتلىك ئائىلە دىيىشكە تۇلۇق ھۇقۇقلۇق ئىدۇق،دادام بىلەن ئانام مائارىپچى بولۇپ مىنىمۇ شۇنداق ياخشى تەربىيەلىگەن ئىدى.
ھېلىمۇ ئىسىمدە ،ئالى مەكتەپ ئىمتاھان نۇمۇرى چىققان كۈنى دادام بىلەن ئانام ھاياجاندىن بىر كىچە ئۇخلىمىغان ئىكەن،سەھەردە كۆزۈمنى ئاچسام ،ئۇلار بېشىمدا باراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن،مىنىڭ ئويغانغانلىغىمنى كۆرۈپ ئەقىللىق قىزىم،دەپ چاچلىرىمنى سىلاپ قويغان ئىدى،چۈنكى مەن يېزىمىز بويىچە ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئالغان ئىدىم.
ئۇزۇنغا قالماي شىنجاڭ ئونۋىرستىتىنىڭ  ئاخباراتچىلىق كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم،خوشاللىقىمغا ھېچ نىمە توغرا كەلمەييتتى ،چۈنكى بۇ مەن ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان كەسسىپ ئىدى،شۇڭلاشقا مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقتىمنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۇتەتتىم ۋە چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيمەن دەپ ئۆز ئۆزۈمگە ۋەدە بىرەتتىم.
ئەپسۇس...مىڭلارچە ئەپسۇس...
ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ ئىسەدەپ يىغلىۋەتتى.
مەن بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم-دە،ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەندەك مورىلىرىنى چىڭ سىقتىم.
ئۇ چايدىن بىر ئوتلام ئىچكەندىن كىيىن تاراملاپ ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتمەيلا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.


داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-20 06:43 PM  


كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99338
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-11-7
ئاخىرقى: 2013-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 07:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ~~ئاخىرى قاچانمۇ چىقار ئەمدى؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 08:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تۇرمۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99474
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-11-12
ئاخىرقى: 2014-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 12:03:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى قاچان يازاسىز ؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39695
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3198
تۆھپە نۇمۇرى: 94
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 01:14:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم . تەسىراتىمنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ يازاي. اللە رازى بولسۇن ياخشى ئەسەر سۇنۇپسىز.

اللە  خالىسا بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77233
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 01:47:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  كۇنلەدە ئادەمنى تەقەززا قىلىپ  داۋامى بار ھېكايىلە كۆپۈيۈپ قالدى دېسە،شۇنداق قىززىقىپ ئوقۇۋاتاتتىم.تېزراق يوللاڭ ھە!؟

ئېھ ،گۈلۈم  ئاللاھ  سېنى ھەر جايدا ئامان قىلسۇن!.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 11:09:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا   ما  ئىشنى ..............

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1935 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 01:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ئۇ كۈنلەر ئاخىرى يىتىپ كەلدى،چەكسىز ئىپتىخار،ئالەمچە ئۈمۈد،يۈكسەك شىجائەت بىلەن ئالى مەكتەپنىڭ بۇسۇغۇسىدىن تۇنجى قەدەمنى ئالدىم،ئاتا-ئانام ماڭا ئىشەنىچ ۋە ئارزۇ -ئارمانلىرىنى قالدۇرۇپ يۇرتقا قاراپ يول ئالدى.
بارغان تۇنجى يىلى شۇنچىلىك ئىجدىھات بىلەن ئوقۇدۇمكى مىنىڭ تىرىشچانلىقىمغا ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيتتى،ساۋاقاشلىرىم بۇ چوڭ شەھەرنىڭ ئاجايىباتلىرىغا مەستانە بولۇپ باغچىلاردا،دىسكوخانىلاردا ،يەنە ئالىقانداقتۇر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا يايراۋاتقاندا بولسا ،مەن كۈتۈپخانىدا ،كىتاپخانىدا ،ياكى ياتىغىمدا ئىجدىھات بىلەن كىتاپ كۆرىۋاتقان بولاتتىم.
دەرىسلەردىكى تىرىشچانلىغىم،ئەستەيىدىل ئۈگۈنۈشلىرىم ھەرگىز زايا كەتمىگەن ئىدى،مەۋسۇم ئاخىرىدا بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئوبدانلا كۆردۇم،ھەممە پەنلەردىن نەتىجەم مەن مەمنۇن بولغۇدەك چىققان ئىدى،پاكولتىتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتىم ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئۆلگىسىگە ئايلندىم،تېخى مەخسۇس تەجىربە سۆزلەش يېغىنى ئېچىلىپ مەن قاتارلىق بەش نەپەر ساۋاقداش ئۆزىمىزنىڭ ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىمىزنى تۇنۇشتۇردۇق،بۇ خەۋەرلەرنى تېلىفۇن ئارقىلىق ئىسىدەپ تۇرۇپ دادام-ئاناملارغا يەتكۈزگۈنۈمددە بولسا ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئاققان ئىدى،بۇ خوشاللىق يېشى....بەخىت يېشى ئىدى،ئىشىنىمەنكى ئۇلارمۇ چوقۇم كۆز يېشى قىلدى،ئەمدى ئويلاپ باقسام بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياش تۆكىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان ئىكەن،شۇندىڭدىن كىيىن تالاي قېتىم ياش تۆكتۈم لىكىن ئۇ پۇشايمان يېشى،ئازاپ يېشى،ھەسرەت يېشى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپتە خېلى نامى چىققان شەخىسلەردىن بولۇپ قالدىم ،مىنى قوغلىشىدىغان يىگىتلەرمۇ خېلى كۆپ ئدى ،ئۇلارغا كۆز قىرىمنىمۇ سالمايتتىم ،بارلىق ئارمانىم ياخشى ئوقۇپ ئاتا-ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاش،ۋە كەلگۈسىدە غايەمدىكىگە ئوخشاش قابىل بىر مۇخبىر بولۇپ يىتىشىپ چىقىش ئىدى.ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىممۇ مىنى قابىلىيەتلىك قىز  دەپ ئىتىراپ قىلاتتى.
يىگىتلەرنىڭ ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشلىرىغا،خوشامەت قىلىشلىرىغا ئىچىمدە كۈلەتتىم،ئۇلارنى بىچارە بايقۇشلار دەپ قوياتتىم،شۇ ياشقا كەلگۈچىلىك تېخى قەلىپ قەسىرىمنى ئاچالىغۇدەك بىرەر يىگىتنى ئۇچراتمىغان ئىدىم،ھەممە ئىش شۇ قېتىمقى يېغىلىشتىن باشلاندى.
يېڭى يىلنى مەكتەپتىكى بىر قانچە يۇرتلىقلار بىللە ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق،ئارىمىزدىن ئىرشات ئىسىملىك بىر بالا ئۆزىنىڭ تىببى ئونۋىرستىتتا ئوقۇيدىغان خوتەنلىك ئۈچ دوستىنىمۇ بۇ يېغىلىشقا چاقىرغانلىغىنى ئېيتتى،بىزمۇ بىر يۇرتلۇق بولغاندىكىن ئارتۇقچە گەپ قىلمىدۇق،ئۇلار يېغىلىدىغان يەرگە بىزدىن ئاۋال كىلىپ بولغان ئىكەن،بىر قىز ئىككى  ئوغۇل بىزگە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن بىز كۆرۈشكەندىن كىيىن رىستۇراننىڭ ئاۋات يىرىدىن ئورۇن ئالدۇق،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر يىگىت ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى،ئىگىز بويلۇق بۇ يىگىت تولىمۇ سالاپەتلىك ئىدى،قاپ-قارا توم قاشلار ،كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئوتلۇق كۆزلەر ئاققا مايىل چىرايىغا شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى،كىيىۋالغان پادىچىلار شىمى بىلەن كۆك مامۇق چاپىنى ئۇنى تېخىمۇ تىتىك كۆرسەتكەن ئىدى.
كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىرشات ھەممىمىزنى بىر بىرلەپ تۇتۇشتۇردى،تۇنۇشۇش نوۋىتى ماڭا كەلگەندە ئۇ يىگىتنىڭمۇ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرغىنىنى سىزىپ چۈچۈپ كەتتىم،تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇ يىگىتنىڭ ئىسمىنىڭ پەرھات ئىكەنلىگىنى ئوقۇشقا كەلگىلى ئۈچ يىل بولغانلىغىنى بىلدىم .
تۇنجى قېتىم سىھىرلەنگەندەك بولۇپ قالدىم سورۇندىكى ھېچ قانداق ئادەمنىڭ سۆزى قولۇغۇمغا كىرمەيتتى،تاماقىمۇ قولۇم بارمايتتى،پەقەت قولۇمغا ئىستىكاننى ئېلىپلا چاي ئىچكەن بولىۋېلىپ ئولتۇراتتىم،ئۇنىڭغا قارىمىغاندەك قىلغىنىم بىلەن ئەمما كۆزىمنىڭ قىرىدا ئۇنى كۈزىتىپ ئولتىراتتىم،دوستۇم مەرھابا مىنىڭ شۇكلەپ كەتكىنىمگە دىققەت قىلدى بولغاي،نەچچە قېتىم نىمە بولغۇنىمنى سورىدى،مەن ئازراق زۇكام تەككەن ئوخشايدۇ ،مىجەزىم يوقلا تۇرىدۇ دەپ قۇتۇلدۇم.تاماقلار يىيىلىپ باشقىلار ئۇسۇل تانسىلارغا چۈشۈپ كەتتى،مىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق سورۇنلار بىلەن خوشۇم يوقلىقىنى باشقىلا بىلگەچكە ئاۋارە قىلىشمىدى،ئوستەلدە پەرھات ئىككىمىزلا يالغۇز قالدۇق،بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ ساپتىمەن،ئۇ مۇ ماڭا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى.
ئۇچرىشىپ قالدىيۇ توك تەپكەندەك ئاجايىپ بىر ئېقىم پۇتۇن بەدىنىمگە تارىدى،لىكىن ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۇمسىرەپ قويدى...
بىر قانچە قېتىم تانسا باشلاندى لىكىن يا ئۇ، مەن بىرەر قېتىم ئورنىمىزدىن قوپمىدۇق،بىر ئېغىز پاراڭمۇ سېلىشمىدۇق،مىنىڭ كۆزۈم باشقا جايلاردا بولسىمۇ لىكىن خىيالىم ئۇنىڭدا ئىدى،ئۇ ئاخىر  ئېغىز ئاچتى،سىز بىرەر قولمۇ ئوينىمىدىىڭىزغۇ؟
مەن...مەن...ئويناشنى بىلمەيمەن،
ئۇنداقتا ئۈگۈتۈپ قويسامغۇ بولار؟
مەن ئاستا بېشىمنى لىڭشىتتىم.
ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتقا ۋاقتىمدا بەدەنلىرىمگە سۇس تىترەك ئولاشتى،تانسىنى قانداق ئوينىدىمكى بىلمەيمەن،ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارالغان سۇس ئەتتىر پۇرىغىغا بىرلىشىپ كەتكەن ئەركەكلەرگە خاس پۇراقتىن مەس بولۇپ كەتكەن ئىدىم،تانسا تۈگۈگىچە بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدۇق.

داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-21 04:46 PM  


كىيىشىمىز ئەرەپچە،ئوينىشىمىز غەرىپچە،يىيىشىمىز...چە،بىز ئۇيغۇرما،گۈمان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 02:43:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، داۋامىغا ئىنتىزارمەن ، مەن سەل جىدىلىشىپ  قالدىممۇ نىمە ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش