رەھبەرلەر كەلسە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
شىياۋ شىياڭجى
ئامىنتا بۇددا ئۈمەك تەشكىللەپ تاڭ راھىبىنىڭ نوم ئالغاندىن كېيىنىكى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ باقماقچى بۇلۇپتۇ. رەھبەرلەر كەلمەكچى ،قانداق قىلىش كېرەك؟تاڭسېڭ شاگىرتلىرىنى يىغىپ مۇنداق دەپتۇ: رەھبەرلەرنىڭ كېلىشى خىزمىتىمىزگە بولغان چەكسىز غەمخورلۇق ۋە يۈكسەك قوللىشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز غەرپكە نوم ئالغان ۋاقىتتىكى كوللىكتىزىملىق روھنى داۋاملىق جارى قىلىپ،بۇ قېتىمقى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسى بارلىق خىزمەتلەرنى بېسىپ چۇشىدۇ دىگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.
شاسېڭ:مەن ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇزۇتۇش ئىشلىرىنى تەشكىللەي.ئەرش ئەسكەرلىرىنى چاقىرىپ ساقچى ماشنىسىدا يوللارنى بوشاتقۇزاي.كۇچىدىكى كىشىلەرگە «بىر چەتكە تۇرۇڭلار، بىر چەتكە تۇرۇڭلار»دەپ ۋاقىراپ،رەھبەرلەرنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە مېھمانخانىغا ئارام ئېلىشىغا ئورۇنلاشتۇراي.رەھبەرلەرنىڭ ئەرىشتە ئۇياقتن بۇياققا ئۇچۇپ ،نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ رىيازەت چەككەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەن ئاق ئەجدەرھا ئاتنى ھەشەمەتلىك ئۇزۇن داڭلىق ماشنىغا ئايلىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئەل ئىچى زىيارىتىدە بۇلۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
باجىيې:مەن گاۋلاڭجۇاڭ كەنتىگە بېرىپ خانىمدىن بۇگۈنكى دەۋېردە ئەڭ يۈرۈشلەشكەن كۈڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتىدىن خەۋەردار بۇلۇپ كېلەي.گەرچە رەھبەرلەرنىڭ يېنىدا نازىنلار ئايلىنىپ تۇرسىمۇ،يەنىلا ھېرىپ چارچاشتىن خالى بۇلالمايدۇ.شۇڭا پاسىق سۈڭەك ئالۋاستى ،ئۆمۈچۈك ئالۋاستى قاتارلىق گۈزەللەر ھەمرا بولسۇنمىكىن.بىر تەرەپتىن زامانىۋى تولغىما ئۇسۇل ئورۇنلىسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن يەڭلىك ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ئۇسۇل ئويناپ ئۇلارنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەكسۇن.شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ھاردۇقىدىن چىقىدۇ.
تاڭ سېڭ:مەن بارلىق ئېرىشكەن نەتىنجىلەرنى تۇنۇشتۇرىمەن.ئاۋال جىن ئالۋاستىلارنى يۇقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇيۇننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ،ئۇنى ئاۋام پۇقراغا سىڭدۈرگەنلىگىمنى،ئۇلارنىڭ كوڭلىنى ئۇتقانلىغىمنى دوكلات قىلىمەن.ئاندىن بۇتخانىلارنى ئاۋۇتۇپ،كۆلىمىنى زورايتىپ،يەر شارىغا ئەڭ يىراق كەنت قۇرۇپ چىققانلىغىمنى دەپ ئۈتىمەن.ئۇندىن كېيىن ئەخلاقتا نەمۇنىلىك كەنىت قۇرۇپ چىقىپ،ھەممە كىشى بۇتساتىۋا دەيدىغان،كۇچا كويلاردا ئىستىدات ئىگىلىرى بولغان ھالەت شەكىللەندۈرگەنلىگىمگە ئىشەندۈرىمەن. خۇددى،شەرق شامىلى چىقتى،ئۇرۇش دۇمباقلىرى ياڭرىدى،راست نوم قولغا تىگىپ،ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى، دىگەندەك.
ۋۇكۇڭ:ئۇستاز،نومنى ئۇقۇۋېرىپ زىرىكمەمسىز؟
تاڭسىڭ:ۋالاقتەككۈر مايمۇنەك،تۇلا بىلجىرلىما!دىگىنىمدەك قىلساڭلا بولدى.
ۋۇكۇڭ:مەن ئەۋلىيا بولغاندىن كېيىن،كىنو ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىندىم،كەينىدىنلا ئېلان،ماركا ۋاكالەتچىسى بولدۇم. ساناپ تۈگەتكۈسىز كۈمۈشلەر يانچۇقۇمغا تۈكۈلۈش بىىلەن بىرگە يەنە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلالماي، چەمبىرەك ئەپسۇنى ئۇقۇمۇسىڭىزمۇ بېشىم ئاغرىپ يېرىلىپ كېتەي دەۋاتىدۇ. نىمىشقا دىسىڭىز مېنىڭ شەخسى تاپاۋېتىمنى تەقسىملەشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمەن. ئۇستازىم دەيدۇ:ئوبدان مايمۇن،ئەينى چاغدا سېنى شاگىرتلىققا قۇبۇل قىلىپ،72خىل ئۆزگىرەلەيدىغان ،بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ 18مىڭ چاقىرىم يۈرەلەيدىغان ماھارەتنى ئۈگەتكەن ئىدىم.ئەمدى بۇگۈنكى كۇنگە كەلگەندە يانچۇقلۇرۇڭ پۇلغا تۇلۇپ كەتتى،ئۇستازىڭنىڭ ساڭا قىلغان شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالساڭ بولماس.شەرقى دېڭىز ئەجدەرھا شاھى دەيدۇ:ئەۋلىيانى بېيىپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق،مېنىڭ سىلىگە سوۋغا قىلغان 13مىڭ جىڭلىق ئالتۇن گۈرزىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلا؟ئۇ بولسا دەريا تاشقىنىنى تىزگىنلەيدىغان خىسلەتلىك تۈمۈر قۇزۇق ئىدى.بۇنچىۋالا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز سېلىنمىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۈر پايدىسى يەتمىسە بولماس؟ ئەرش پىشۋاسى دەيدۇ:ئاقىللار «بىر ياخشىلىقنى ئۇنۇتما،بىر يامانلىقنى»دەپتىكەن،سىلىنىڭ ئۇچقۇنداپ تۇرىدىغان بىر جۇپ ئالتۇن كۆزلىرىنى مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈسكۈنۈم ــــ سەككىز قۇرلۇق ئۇچىغىمدا يەتتە يەردە يەتتە 49كۈندە ئاران تاۋلاپ چىققان ئىدىم، ھىچ بولمىسا ئۈسكۈنە ئىجارە ھەققى بىلەن ئۇچاقتىكى ئوتنى يەلپۈگەن بالىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بولسىمۇ بەرسىلە بوپتىكەن. ھەر يولدىكى ئەۋلىيا مۇھەككىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى «ئۇمۇمنىڭ مۈلكى» دىيىشىپ،تاپقان-تەرگىنىمىنى ئۈزىنىڭ قىلىۋالسا بولمايدۇ دىيىشىۋاتىدۇ.ھەي،مەن بۇ ئىشلاردىن بۇرۇقتۇم بۇلۇپ، ئىچىم بەك سىقىلىپ كېتىپ بارىدۇ. رەھبەرلەر كەلسە ئۇلاردىن قانداق قىلىش تۇغرۇلۇق بىر تەلىم ئالمىسام بولمىغۇدەك.
باجىيې:مايمۇن ئاغا،ئەجەپ ئەمىلىيەتچىل بۇلۇپ قاپسىزغۇ؟
شاسېڭ:رەھبەرلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويساق بولماس.
ۋۇكۇڭ:ئۇنداقتا رەھبەرلەرنىڭ كەلگىنىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟
تاڭسېڭ:ئەھمىيىتى دىدىڭما؟ئۇ سۇن ياۋا مايمۇن ئويلىشىدىغان ئىش ئەمەس.ھازىر مەن رەھبەرلەنى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپىسى قۇرۇلغانلىغىنى جاكارلايمەن:گۇرۇپا باشلىىقلىغىنى ئۈزەم ئۈستۈمگە ئالىمەن ھەم ھەقىقى نومنىنىڭ ئەمىلىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشقا مەسئۇل؛مۇئاۋىن گۇرۇپا باشلىغى باجىيې،تاماق،ياتاق ۋە كۈڭۈل ئېچىش ئىشلىرىغا مەسئۇل؛ئەزالاردىن شاسېڭ،كىلىپ كېتىشتىكى بىخەتەرلىك قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل.ۋۇكۇڭ،ئەرىشتىكى ھەر قايسى ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنى تەكلىپ قىلىپ بىرگە بۇلۇشقا مەسئۇل.شۇنداق بولسۇن،تارقىلىڭلار......
مەنبە:«فېليەتۇنلار»ژورنىلى 2013-يىلى 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yusuf5126212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-18 11:14 PM