مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: an9385

پوۋېسىت :تاشقا ئايلانغان يۈرەك ( سەرسانى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2955
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 06:50:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا بىز

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 09:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yultuzay0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-21 06:50 PM
داۋامىغا تەشنا بىز

رەھمەت .

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4064
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 521 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 03:34:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۇۇۇۇۇ

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:35:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        تۆتىنچى باب                                          

                         تۆت يىللىق جاپالىق ئوقۇش ئاخىرلاشتى . ھېكمەت رازىيە سائادەتلەر يۇرتلىرىغا قايتتى ، ئىلھام يەنە ئازراق ئىشلار بىلەن بېيجىڭدا قېلىپ قالدى .  يۇرتا قايتقاندى كىيىن ھىكمەت ناھايىتى تىزلا ئۆز ناھىسىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا ئىشقا چۈشتى . بۇ خەۋەر رازىيەنى ئالەمچە خۇشال قىلدى . بىراق رازىيە تېخىچە بىرەر يەرگە ئۇرۇنلاشمىغان ئىدى . سائادەت ئالدىنقى كىلىشمەسلىكتىن كىيىن ئۆزى كىلىپ رازىيەنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن رازىيە ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالدى . بۇرۇنقىدەك بولمىسىمۇ ياىشى ئۆتتى . يۇرتقا قايتقاندىن كىيىنمۇ پات پات ئالاقە قىلىپ تۇردى . سائادەت ھىچقانداق بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىنتىھانىغا تىزىملاتمىدى . ئۇ ئىلھامغا ئىشىنىپ ئولتۇرۋاتاتتى ، ئىلھام ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كىتىدىغانلىقىنى شۇ يەردى خىزمەت تېپىپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتقاچقا يۇرتتىكى خىزمەتچى تولۇقلايدىغان ئىنتىھانلارنىڭ ھىچقايسىسى بىلەن كارى بولمىدى .
                   كۈزمۇ يىتىپ كەلدى . ھېكمەتنىڭ تەلىپى بىلەن مەرەمساخان بىلەن كىرىم ئاخۇن رازىيەلەرنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتتى . ھىكمەتنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئىللىق سىزىم تارالماقتا ئىدى . اللا خالىسا بۈگۈن ئەلچىلەر بىر خۈش خەۋەر ئېلىپ كەلسە . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى نەچچە يىللاپ يۇشۇرۇن سۆيۈپ كەلگەن قىز بىلەن توي قىلىپ مۇرادىغا يەتسە نىمە دىگەن ياخشى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر بەلەن خىزمىتى بار بولدى ...
ھىكمەت ئەلچىلەرنىڭ خەۋىرىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى . بۈگۈن خىزمىتىمۇ خىزمەت بولمىدى . بۇ ۋاقىتتا رازىيەنىڭ ئۆيىدە باشقىچە ئىشلار بۇلىۋاتاتتى .
                    ئەلچىلەر يىتىپ كىلىپ ھەممىسىنىڭ ئېغىزلىرى ئېچىلىپ قېلىشتى ، رازىيەنىڭ ئائىلىسى ھەقىقەتەن باي بۇلۇپ ئۆيلىرىنىڭ بىزىلىشلىرىدىن كىشى ئەيمىنىپ ھويلىغا كەشى بىلەن كىرەلمەيتى . ئەلچىلەرگە بىر قۇر چاي تارتىلغاندىن كىيىن مەخسەتلەر بايانقىلىنىپ ئۆتۈلدى . رازىيەنىڭ ئۈگەي ئانىسىنىڭ چىرايلىرى ئڭۈپ باشقىچە بىر تۈسكە كىرىپقالغان ئىدى . لېكىن نىمىلا بولمىسۇن ئەلچى دىگەن بەرىبىر ئەلچى ، ئۇلاردا ھىچقانداق گۇناھ يوق . ئاينۇرخان ناھايىتى سىلىق سۆزلەر ، ئۆزىرلەر بىلەن ئەلچىلەرنى قايتۇرۋەتتى . ئەلچىلەر يىگەن تاماقلىرىنىمۇ قانداق يىگىنىنى بىلەي قېلىشتى . ئامال يوق سالپىيىپ قەشقەرگە قايتىشتى .
ئەمدى رازىيەگە كەلسەك رازىيە ئۆز ھوجىرسىدا يىغلاپ كۆزلىرى ئىشىشىپ كەتكەن ئىدى . رازىيە ئۈگەي ئانىسىنىڭ دىگەنلىرىنى بىرنى قويماي ئاڭلاپ تۇردى . “ قىزىمىزنىڭ دىيىشىپ قويغان ئادىمى بار ئىدى “ رازىيە ئۈگەي ئانىسىنىڭ بۇنداق دىيىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەتتى . ئاينۇرخاننىڭ ئىنىسىنىڭ بىر ئوغلى بۇلۇپ ئائىلىسىنىڭ بايلىقىنى كۆز كۆز قىلىپ پۇل بۇزۇشتىن باشقىنى بىلەيدىغان بىر لۈكچەك ئىدى . نەچچە يىللاردىن بېرى شۇلار رازىيەگە ئىشتەي ساقلاۋاتقان بۇلۇپ گەرچە رازىيە نەچچە قېتىم ئوچۇقتىن ئوچۇق “ ئەگەر شۇ نەرسىگە تەگ دىسەڭلار بۇ دۇنيا ماڭا ھارام “ دىگەن بولسىمۇ ئاتا - ئانىسى ئىزچىل شۇلارغا مايىل ئىدى . ئاينۇرخاننىڭ ئىنىسى قاسىمباي رازىيەنىڭ دادىسى پولات بىلەن سودىدىكى شىرىكلەر بۇلۇپ ئىككى ئائىلىنىڭ بايلىقى بىر بىرىدىن قېلىشمايتى . ئاينۇرخاننىڭ بۇ توينى خالاپ قېلىشى ئىنىسىنىڭ بايلىقى ئۈچۈن ئىدى . جىيەنى ئىليار يالغۇز ئوغۇل بۇلۇپ كېيىن بارلىق نەرسىلەر شۇنىڭغا قالاتتى . ئاينۇرخاننىڭ خىيالى بۇيۇنچە بولسا بۇنداق بولغاندا ئاينۇرخان ئىككى ئائىلىنىڭ بايلىقىغا ئىگە بۇلالايتى . پولاتنىڭ خىيالىمۇ بۇنىڭدىن ئانچە قېلىشىپ كەتمەيتى . ئىككى ئائىلە قۇدا بولسا سودىدىكى ئىشلارغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىدى .
-نىمە بولدىڭىز رازىيە قىزىم ، ئەلچى كەپتۇ دەپ تە بۇلۇپ يىغلىغان ئوخشىمامسىز ؟ ئاينۇرىخان بۇرۇنقى ساختا مېھرىبانلىقى بىلەن كىرىپ كەلدى .
-ئۇنداق ئەمەس ئانا . مەن سىلىگە دىگەن ئىدىمغۇ ، نىمىشقا قايتۇرۋىتىلا ؟ رازىيە ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى .
ئاينۇرخاننىڭ چىرايى شۇ ھامان بۆرە تىرىسىنى كىيىپ ئۈلگۈردى .
- سىز دىگەچكە مەنمۇ ئادەم ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈردۈم ، ھېكمەت دىگەن ئوغلىنىڭ بىر خىزمىتى بولغاندىن باشقا ئاتا - ئانىسى قارا دېھقان ئىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە ئەھۋالى بىز بىلەن ئاسمان زىمىن پەرىق قىلىدىكەن ، شۇنداق بىر ئائىلىگە ماقۇل دىسەم بۇلامتى ئەمسە . ئوش ...
ئاينۇرخان دەيدىغىنىنى دىۋېلىپ چىقىپ كەتتى ، رازىيە تۆكۈلۈپ تۆكۈلۈپ يىغلىدى . يۈرىگى ئېچىشتى . ئۆمۈدسىزلەندى . ھىكىمەتكە نىمە دەپ جاۋاب بىرىدۇ ؟ ھىكىمەت نىمە دەپ ئولاپ قالىدۇ ؟ مۇشۇنىداق بولىشىدىن ئەنسىرەپ ئالدىنئالا ئاينۇرخانغا يىغلاپ يالۋۇرۇپ ئەلچى كەلسە ماقۇل بۇلىشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىغۇ . ئاينۇرخان نىمە دىگەن رەزىل ... رازىيە يىغىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى . دادىسى پولات كىرىپ كەلدى .
- ۋوي رازىيە ، نىمە بولدىڭىز قىزىم ؟ بىر يىرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ ؟ سىمىز ، قاۋۇل كەلگەن پولات ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
- مەن ، مەن ،،، ياق دادا  ، بىر يىرىم ئاغرىمايدۇ ...رازىيە ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ ئىشنى دادىسىغا دىيەلمەيتى .
- ئۇنداقتا نىمىگە يىغلايسىز قىزىم ؟ پولات يېقىنراق كىلىپ پەس ئاۋازدا سورىدى - ئاينۇر بىر نەرسە دىدىما بالام ؟ پولات قىزىغا بۇرۇندىنلا ناھايىتى كۆيىنىدىغان بۇلۇپ رازىيەنىڭ ئانىسى تۈگەپ كەتكەن چاغلاردا رازىيەنى ئۈگەي ئانىنىڭ قولىغا قويمايمەن دەپ نەچچە يىللارغىچە قايتا ئۆيلەنمىگەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن رازىيە دادىسىنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى . قىزلىق شەرمى ھايانىڭ كۈچىدىن رازىيە بولغان ئىشلارنى دىمىدى . “ خىزمەت ئىشىم بىر تەرەپ بولمايۋاتىدۇ “ دەپ باھانە كۆرسىتىپ قويدى .
- ھە  ، شۇنچىلىك ئىشمىدى قىزىم . بۇنىڭغىمۇ شۇنچىلىك يىغلاش كىتەمدۇ . سىزنى ئوقۇتۇشۇم خىزمەتچى بۇلۇپ پۇل تاپسۇن دىگەنلىك ئەمەس ، پەقەت چوڭ بۇلىۋالسۇن دەپ ئۇقۇتتۇق بالام . اللا نىسىپ قىلسا تويىڭزنى قىلساق سىز ئىشلىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ئەمسمۇ .
رازىيەنىڭ باشقا سۆز قىلىشىنىڭ ئورنى قالمىدى . نىمە دىيىشىنى بىلمىدى . يەرگە قاراپ ئولتۇردى . پولات يەنە بىرنەچچە ئېغىز تەسەللى قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .

                                                     *********************


- نىمە ؟ ئەلچىلەرنى قايتۇرۋىتىپتۇ ؟ خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن ئانا ؟ ھىكمەتنىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سوغاق سۇنىقۇيىۋەتكەندەك بۇلۇپ كەتتى .
- شۇنداق بالام . قايتۇرۋىتىپتۇ . قىزىمىزنىڭ كىلىشىپ قويغان ئادىمى بار ئىدى دىگۈدەك . مەرەمساخانمۇ بىر خىل سولغۇنلۇق بىلەن گەپ قىلىۋاتاتتى . ھېكمەت تېلفۇننى قويۇپلا ئاتۇشقا يۇرۇپ كەتتى .
- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . ھېكمەت رازىيەدىن ئاامانلىق سورىشىغا تىلاۇننىڭ قارشى تەرپىدىن كەلگەن يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى .
- نىمە بولدىڭىز رازىيە ، زادى نىمە ئىش بولدى ؟ھېكمەت ھازىر رازىيەدىن بەكرەك ئەنسىرەۋاتاتتى .
- ئۈگەي ئانام ... ئۈگەي ئانام ئۇ مىنى سىزگە بەرمەيمەن دەپ ...رازىيە گىپىنى قىلالماي يەنە يىغلاپ تاشلىدى . ھىكىمەتمۇ بىر دەقىت تۇرۇپ قالدى . ھىكىمەت كۈتمىگەن ئىش يۈز بەردى . خام خىياللىرى راستىنلا ئەمەلگە ئاشماسمۇ ...
-مەن ھازىر ئاتۇشتا ، چىقالامسز؟ ھىكىمەت رازىيەدىن  سورىدى .
-توختاپ تۇرۇڭ مەن بىر ئامال قىلىپ باقاي . چىقالىسام سىزگە تىلاۇن قىلىمەن . رازىيەنىڭ بۇرۇنقى يېقىملىق ئاۋازىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بۇلۇپ يىغلاپ ئۇنى پۈتۈپ گاراڭ گۇرۇڭ بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .
- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، ھىكمەت قەەردە سىز ؟ مەن چىققان ئىدىم .
-توختاڭ مەن ئالدىڭىزغا باراي . مىنى يول بويىدا ساقلاپ تۇرۇڭ . ھېكمەت ئاغىنىسىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەلگەن ئىدى ، شۇڭا ھېكمەت بارسا بىر ئاز قۇلايلىق ئىدى .
ھېكمەت ماشىنىنى توختاتتى . بايىدىن بېرى ھەر ئىككەيلەن بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىغان .ئىدى . رازىيە بىر كۈن ئىچىدىلا باشقىچە ياداپ كەنتكەندەك بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ كۆزلىرىمۇ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . ھىكمەت رازىيەگە تىكىلىپ قارىدى .
- نىمە ئۈچۈن ؟ ئۇ كىم ؟ ھىكمەت ئانى دىگەن ئۇ قىزنىڭ كىلىشىپ قويغان ئادىمى بار ئىكەن سۆزنى ئىسىگە ئالغان ئىدى .
- مىنىڭ ئۈگەي ئانام ئۇنىمىدى . مىنىڭ بىرەر كىشىم يوق ھىكمەت . ماڭا ئىشىنىڭ ...رازىيە ئىليارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەپسىلاتلارنى ئېيىتپ بەردى . ھېكمەتنىڭ يۈرگىدىكى ئېغىرلىق سەل يىنىكلىگەندەك بولدى . مەسىلە رازىيەدە بولمىغاندىكىن بىر ئامال بۇلۇپ قالار دەپ ئويلاپ قالدى . رازىيە بى قېتىم دادىسى بر ۋاقىتنى تاللاپ ئەلچى كىرەۈزۈشنى ئېيتتى ، بۇنى ھىكمەتمۇ توغرا تاپتى ، قانداقلا بولمىسۇن پولات ئاينۇرخانغا قارىغاندا قىزىنىڭ بەختىنى بەكرەك ئويلايتى .
مەسلىھەت پىشقاندىن كېيىن ھېكمەت رازىيەنىڭ قولىنى مىھىر بىلەن تۇتتى . رازىيە يەنە بىر قېتىم كۆزلىرىگە ياش ئىلىپ ھىكمەت بىلەن خوشلاشتى .

                                                       *****************


-خاپا بۇلۇشمىسىلا مەرەمساخان ، قىزىمىىنىڭ دىيىشكەن يىرى بار ئىدى . توغرا چۈشىنىشسىلە . ئوغۇللىرىغۇ شۇنچىلىك ئىسىل بالا بۇلۇپتىكەن . نىسىپ بۇيرۇق بولغان بولسا كۈيئوغول قىلىۋالغان بولساق بىزمۇ خۇش ئىدۇق . ئەمدى ، ماڭا قارسىلا ، ئادەم دىگەن شۇنداق ئىكەنمىز ، بۇرۇنراق بىلگەن بولساقمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن . ئەمدىلىكتە قىزىمىزنى دىيىشىپ بۇلۇپتىمىز . ئۆزىرلەر بولسۇن . خاپا بۇلۇشمىسىلا .
مەرەمساخان بۇ سۆزلەردىن تۇرۇپلا قالدى . دىمەك بىچارە ھىكمەتنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى بەربات بولغان ئىدى . مەرەمساخاننىڭ چىرايى شۇنچىلىك تاتارغان ئىدى . ئوغلىغا نىمە دەپ بارىدۇ ؟ ھىكمەت يەنە بىر قېتىم “بولمايدۇ “ جاۋابنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرنى بىلسە نىمە بۇلۇپ كىتەر ؟ ئالدىنقى قېتىملىق ئىشلار ھىكمەتكە قانچىلىك ئېغىر  كەلدى . بۇنى ياراتقان ئۇلۇغ اللا بىلەن بىر ھىكىمەت بىلىدۇ . باشقىلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت ھىكمەت بارغانچە ياداپ بر خىللا بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى .
پولات سۆز قاتتى .
- شۇنداق ، خاپا بۇلىشمىسىلا . ھەممىمىز بالىلار بەخىتلىك بولسا دەيمىز ئەمەسمۇ . بالىلارنىڭ رىسقى يوق ئوخشايدۇ .
مەرەمساخان پولاتنىڭ ھىكمەت بىلەن رازىيەنىڭ ئەھدىللىرىدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدى .
- مۇنداق بولسۇن پولات ئاكا ،  شەرئىتىمىزدە قىز قوبۇل كۆرمىسە نىكاھ ئوقۇشقا بولمايدۇ ئەمەسمۇ . رازىيە قىزنىڭ ئكزىدىن بىر سوراپ ئاندىن بىر نەرسە دىيىشكەن بولسىللىرى ... مەرەمساخان باشقىچە جاللاندى . ئەگەر رازىيەنىڭ رايىغا بارىدىغان بولسا رازىيە بۇ تويغا ئەلۋەتتە قۇشىلىدۇ دە .
ئاينۇرخان سىرىتقا چىقىپ كىتىپ خېلى ئۇزۇندا قايتىپ كىردى .
- پەقەت خاپا بۇلۇشمايلا . قىزىمىزنىڭ مەيلى يوقتەك تۇرىدۇ . مۇنداق بولسۇن . ئەگەر قىزىمىز نىيتىدىن يېنىپ قالسا بىر گەپ بولسۇن . ئاينۇرخاننىڭ چىرايى باشقىچە كۆرىنەتتى . شۇنداق دەپلا پولاتنى دۇئا قىلىشقا ئېيتتى. بۇنداق قىلىشى ھەم كەلگەن ئەلچىلەرگە “ خوش ، گەپ شۇ يەردە تۈگىدى ، يوللىرىغا مېڭىۋېلىشسىلا “ دىگەنلىك ئىدى . مەرەمساخان ئېغىر پۇتلىرىنى سۆرەپ دەرۋازىدىن چىقتى . ئۆيگە كەلگىچە ھىكىمەتكە نىمە دەرمەن دىگەن ئويلار بىلەن بېشى ئوچاق بۇلۇپ كەتتى . كەچلىكى ھىكمەت بارلىق بۇلۇنغان ئەھۋاللارنى بىلدى . ئاسماندىن تاشلىۋەتكەندەك بۇلۇپ كەتكەن ھىكمەت ئاتا - ئانىسى ئالدىدا جىق چاندۇرمىدى . ئىشىكتىن چىقىپلا كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكۈلدى . شۇ تەرىققىدە قانچىلىك ماڭغىنىنى بىلمىگەن ھىكمەت تېلفۇنىنىڭ سايرىشىدىن ئىسىگە كەلدى .
- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . كىم ئىكەنلىكىگىمۇ قارىمىغان ھىكمەن خۇش ياقمىغان تەلەپپۇزدا ئېيتتى .
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ...قارشى تەرەپتىن رازىيەنىڭ يىغىسى كەلدى .
- بۈگۈنكى نىمە ئىش رازىيە ، سىزدىن سورىسىمۇ ياق دىدىڭىزما ؟ ھىكمەتمۇ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى .

                                                    (داۋامى بار ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   an9385 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-22 10:37 AM  


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75725
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 06:20:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى....................

سەۋىرننىڭ تىگى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       داۋامى

- ياق ھىكمەت ، ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ . ئۈگەي ئانام نەدىمۇ مەندىن سورايدۇ . مەن ھىچنىمىنى بىلمىدىم . ئۆز ئىشلىرىم بىلەن بولدۇم . دادام بولغاندىكىن دەپ ئىشەنچ قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن . كىيىن ئۇقسام ئۈگەي ئانام ئويۇن ئويناپ سىلەر تەرەپتىن كەلگەن ئەلچىلەرنى قايتۇرۋىتىپتۇ ... يەنە ئىسەدەشلەرگە قوشۇنلغان يىغا ...ھىكمەتنىڭ ئىچى پۇچىلىنىپ كەتتى ، بۇ زادى نىمە ئىش ، نىمە قىلغان گۇناھىغا بۇ ئىككى ياش مۇرادىغا يىتەلمەيدۇ ، ھىكمەت نىمە گۇناھ قىلغان . نىمىشقا بىر بىرنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشكەنلەر ، گۇناھ ھاراملاردىن ئۆزىنى تارتقانلار ۋىسالغا يىتەلمەيدۇ ... ئۇلۇغ اللا ئۆزى بىلىدۇ ...

ھىكمەت قەتئى نىيەتكە كەلدى . چوڭقۇر چوڭقۇر تىنىق ئېلىپ ئۆزىنى سەل توختاتتى ، لېكىن يۈرەك سوقىشى يەنىلا شۇنچىلىك تىز ئىدى . دەرۋازا قىيا يېپىقلىق بۇلۇپ ھىكمەن ئاغىنىسى مۇرات بىلەن دەرۋازىنى قېقېشتى . دەرۋازىنى ئاچقىلى دىيىشىۋالغان بۇيىچە رازىيە چىققان ئىدى ،  - قېنى ئۆيگە كىرىڭلار ، دادام ئاۋۇ ئۆيدە . ھىكىمەتلەر رازىيە كۆرسەتكەن ئۆيگە قاراپ مېڭىشتى .
- دادا مېھمان كەلدى . رازىيەنىڭ گىپىنىڭ ئايىغى چۈشە چۈشمەي ھىكمەتلەر ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
- ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، پولات ئاكا . ھېكمەت قوش قوللاپ پولات بىلەن كۆرۈشتى .
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . قېنى ئولتۇرۇڭلار . پولات كۈتۈلمىگەن بۇ مېمانلاردىن ھەيراق قالغان بولسىمۇ ئەمما چاندۇرماي قىزغىن مۇئامىلە قىلدى . رازىيە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ دىگىدەك چاي قۇيدى . چاي ئىچىلىپ بۇلۇنغاندىن كىيىن ھىكمەتنىڭ ئاغىنىسى مۇرات سۆز باشلىدى .
- مۇنداق ئىش پولات ئاكا . منىڭ ئىسمىم مۇرات . ماۋۇ ھىكمەت . ھىكمەت سىلىگە كۈيئوغۇل بۇلۇش نىيىتىدە ئىككى قېتىم ئەلچى كىرگۈزسە قايتۇرۋىتىلدى . بۇ قېتىم ئالدىللىرىغا ئۆزىمىزلا كەلگەن ئىدۇق . پولات ئىشنىڭ تەكتىگە يەتتى ۋە سورىدى .
- شۇنداق قىلىپ سىز دەل رازىيەگە ئىككى قېتىم ئەلچى كىرگۈزگەن ھېكمەت بولامسىز ؟
ھىكمەت بېشىنى ئاستا كۆتۈردى .
- شۇنداق پولات ئاكا .
- رازىيە بىلەن تونىشامتىڭىز ياكى باشقا بىر ...
- بىز ئالى مەكتەپتە بىر مەكتەپتە ئوقۇغان . ھىكىمەت ئايغىنى دىمىدى ، دىيىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى . ھەم دىيەلمەيتى .
دەل شۇ پەيىتتە ئاينۇرخان سىرىتتىن كىرىپ كەلدى . رازىيە ھىكمەت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاينۇرخان يوق ۋاقىتنى تاللىغان ئىدى . كىم بىلسۇن كىرىپ قېلىشىنى . ئاينۇرخان تويغا بېرىپ تۇرشىغا بىر خوشنىسىنىڭ “ سىلەرنىڭ ئۆيگە ئىككى ياش بالا كىرىپ كىتىۋاتاتتى ، مېھمانلىرىڭىزنى قويۇپلا كەپسىزدە “ دىگىنىنى ئاڭلاپ ، بىر ئىشنى سەزگەندەك بۇلۇپ شۇ ھامان توي ئىگىسىگە ئۆزۈر قۇيۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى . بىر قۇر سالاملاشقاندىن كىيىن پولات ئاينۇرخانغا مېھمانلارنىڭ كىلىش مەخسىتىنى ئېيتىپ بەردى . ئاينۇرخانىىڭ چىرايى قارىداپ بىر نىمە بۇلۇپلا كەتتى . شۇنداق بولسىمۇ كۆپ ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ ھىيلگەر ئايال ناھايىتى سىلىق سىپايە گەپ قىلدى . شۇنداق قىلمايمۇ بولمايتى . پولاتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بۇزسا ھەممە پىلانلىرى سۇغا چىلىشاتتى .  
- ناھايىتى بەلەن كىلىپسىلەر باللىرىم . شۇنداق خۇشال بولدۇم . ئەمما بالام ، بىر گەپنى ئوچۇق دىمىسەم بولمايدۇ . توغرا ئالدى بىلەن سىزدىن بىر گەپنى سوراي بالام ھىكمەت . ئاينۇرخان ھىكمەتكە تىكىلدى . ھىكمەتمۇ ھەم “ قېنى نىمە سورىسىڭىز مەن تەييار” دىگەندەك قاراپ تۇردى .   
- سىز ھەم رازىيەنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىنى ئۆمۈد قىلامسىز ؟
- ئەلۋەتتە . اللا خالىسا ...ھىكمەتنىڭ گىپى تۇگىمەي تۇرۇپلا ئاينۇرخان سۆز ئالدى .
- ناھايىتى بەلەن گەپ قىلدىڭىز بالام . ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ، ھەممىمىز رازىيەنىڭ بەختىنى ئويلايمىز شۇنداققۇ ؟ ئاينۇرخان پولاتقا ھەم بىر قاراپ قويدى . گىپىنى داۋاملاشتۇردى .
- ئەمدى ، بىزنىڭ قىزىمىز ئائىلىدە ھىچ نەرسىدىن قىسىلماي ، ئېغىر يىنىك ئىش قىلماي ، يازنىڭ ئاپتىپىنى ، قىشنىڭ سوغقىنى كۆرمەي چوڭ بولغان . قىزىمىز توي قىلىپ چىقىسا ئۆي  ئىشلىرىنى قىلالمايدۇ ، ئىتىز ئېرىققا چىقالمايدى . بولسا يىنىك خىزمىتى بولسا ، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ ئىش قىلمىسا بۇلىدۇ . رازىيەنى ئەمرىڭىزگە ئالىمەن دىسىڭزى مەيلى بالام . قىز بالا دىگەننى بېسىپ ياتقىلى بولمايدۇ . بىر شەرت . ئاينۇرخان گىپىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ كۈچەپ ئېيتتى . ئاتۇشقا كۆچۈپ كىلىپ ياخشى ئۆيدىن بىرنى سېلىپ قىزىمىزغا لايىق قىلىپ تەييارلىسىڭىز مانا بىزنىڭ ئۆي سىزدەك كۈيئوغۇلغا ئوچۇق . پولات بىر نەرسە دەي دىگەن ئىدى ئاينۇرخان توسىۋالدى . ئاينۇرخان گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتتى .
- ئەمدى ، كونىلارنىڭ ھالىڭغا بېقىپ ھال تاپ دەيدىغان گىپى بار بالام . يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنغانمۇ بەك ياخشى ئىش . ئۆزىنى سورىغان ، شەھەر سوراپتۇ دەيدۇ ئەمەسمۇ كونىلار .
بۇ گەپلەر ھىكمەتنىڭ ئىچ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتتى ، باشقا سۆزگە ئورۇن قالمىدى . ھىكمەتلەر سولۇشۇپ قايتىپ چىقىشتى . پولاتنىڭمۇ گەپ قىلىمىغىنىدىن ھىكمەت ئۇنىمۇ پۇل بايلىققا دۇم چۈشكەن نىمىكەن دەپ تونىدى . ئىچى ئېچىشتى ، ئەجىبا يوقسۇزلۇق گۇناھمۇ ؟ ھىكمەت كىچىك ھېغىدىن باشلاپلا شۇ يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ كەلدى . مەكتەپلەردە نۇرغۇن كەمسىتىشلەرگە ئۇچىردى . بىر بەلەن خىزمەتكە ئىرىشكەن ھازىرقى پەيىتتە يەنە تۈگىمىدى . بىر ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم دەپ تاللىغان ، چىن دىلىدىن سۆيگەن قىزغا يەنە شۇ يوقسۇزلۇق سەۋەبىدىن ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ . ھىكمەتنىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇنچىلىكك يوقسۇز ئەمەس ئىدىغۇ ، بۇ بىر نەچچە يىلدا خېلى ھاللىنىپ قالغان ئىدىغۇ . ياق مەسىلە ھىكمەتنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئەمەس . ئاينۇرخاننىڭ ئويلايدىغىنى رازىيەنى تېخىمۇ باي ئائىلىگە بىرىش . “ پۇلى بارنىڭ گىپى ئوڭ “ بۇلىۋاتقان ھازىرقى جەمىيەتتە پۇل ئارقىلىق يۈز ئابروي تېپىش ... مۇرات ھىكمەتنى ناھىگىچە ئەكىلىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى ، ھىكمەت تۇگىمەس خىياللار ، غەملەر، ئازابلانىڭ مۇھاسىرسىدە كىتىۋاتاتتى كەينىدىن تەگگەن قاتتىق بىر نەرسىنى سەزدى ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھىچ نەرسىنى بىلمىدى .
ھېكمەتلەر ئۇزاو چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئاينۇرخان پولاتقا بىر توقاي ياخشى سۆزلەر بىلەن رازىيەنى ئىليارغا بالدۇرراق ياتلىق قىلىپ چىقىرۋىتىشنى ئېيتتى . پولاتمۇ بۇنىڭغا ماقۇلل بولدى . شۇنىڭ بىلەن رازىيەگە ئۇختۇرماي توي تەييارلىقى قىلىپ ئۇزۇنغا قالماي توينى قىلىۋىتىشكە پۈتۈشتى . ئاينۇرخان بۇ ئىشنى پۈتكۈزۈپ بۇلۇپ دەرھال ئىليارغا تىلفۇن قىلىپ بۈگۈن بولغان ئىشلارنى ، ھىكمەتنى بىر مەزگىل كۆزدىن يوقۇتۇپ تۇرۇپ توي قىلىۋېلىشنى ئېيتتى . ئىليار ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ئاغىنىسىدىن نەچچىنى ماشىنىغا چىقىرىپ ھىكمەتلەرنىڭ ناھىيسىگە يۈرۈپ كەتتى .
رازىيە ئۆزىنى ئۇرۇپ يىغلىدى . قاخشىدى . ھەممە ئەھۋالنى بىلگەن دادىسىنىڭ ئۆزى تەرەپتە تۇرماي ئۈگەي ئانىسىنىڭ ھەممە گىپىگە “ خوش “ دەپ تۇرىشى رازىيەنى تېخىمۇ بەك ئازابلىدى . “ جېنىم ئانا ، قەيەردە سىز ئانا ، قىزىڭىزنى بۇ رەزىل دۇنياغا تاشلاپ كەتكۈچە بىللە ئېلىپ كەتسىڭزى بولماسمىدى ئانا ، قىزىڭىزنى مۇشۇ كۈنلەرنى كۆرسۈن دەپ تۇغقان بولغىيمىدىڭىز ئانا ، قىزىڭىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئازابلىرنى كۆتۈرەلەيدۇ دىگەنمىدىڭىز ئانا ، جېنىم ئانا ، سىز ھايات بولسىڭزمۇ مىنى مۇرادىمغا يەتكىلى قويماسمىدىڭىز ئانا ، نىمىشقا مەندەك بىر ئاجىزنى ئۈگەينىڭ قولىغا تاشلاپ كەتكەن بولغىيدىڭىز ئانا ......” رازىيە ئۇخلاپ قالغۇچە يىغلىدى . كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار ياستۇقىنى ھۆل قىلدى ...

***************************************************************************
                                                                                                كىسەل كارۋىتىدا ياتقان ھىكمەت بىر تىرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ قارىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلاتىتى . مەرەمساخان كىرگەن چىققانلارغا شور پىشانە بالىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كىلىشمەسلىكتىن ھال ئېيتىپ يىغلايتى . ھىكمەتنىڭ سولغۇن چىرايىغا ، ياداپ كەتكەن ئەتلىرىگە قارىسا تېخىمۇ ئىزىلىپ كىتەتتى .
ئىليار لار ھىكمەتلەرنى ئىز قوغلاپ كىلىپ مۇرات ئۆز يولىغا كەتكەندىن كىيىن ئادەم يووق يەرگە كەلگەندە ھىكمەتنىڭ ئارقا مىڭىسىگە ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كىتىشتى ، چەت بىر يەرگە ئاپپىرىپ قاتتىق ئۇرۇپ ئوڭ پۇتىنى ئىككى يەردىن سول قولىنى بىر يەردىن سوندۇرۇپ ناھىيە ئىچىگە كەچلىكى ئەكىلىپ تاشلىۋەتتى . ھىكمەتنىڭ تەلىيگە بىرسى ھىكمەتنى كۆرۈپ قېلىپ ۋاختىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇپ قېلىدى . بىراق مانا ئىككى ئايدىن بېرى ھىكمەت تېخىچىلا ئىسىنى بىلمەي ياتماقتا ئىدى .
بۇ ھايات نىمىلەرنى ياراتمىغان ، قانداق ئىشلار يۈز بەرمىگەن ، ئاجىز بەندە قانداق قىسمەتلەرگە يولۇقمىغان . “ تەڭشەلمىگەن جاھان “ ئەمەسمۇ . بەش قول تەڭ ئەمەسدە . بىرلىرى كۈلىدىغان ، بەختكە چۈمىدىغان . بىر لىرى يىغلايدىغان ، ئۆمۈدسىزلىنىدىغان . ئارزۇ قىلغان نەرسىللىرىگە يىتەلمەيدىغان . بىرلىرى ئىرىشكەنلىرىگە قانائەت قىلمايدىغان ، قەدىرلىمەيدىغان . بىرلىرى ئەنە شۇ باشقىلار قەدىرىنى قىلمايۋاتقان نەرسىلەرنى قانچە ئارزۇلاپمۇ ئىرىشەلمەي يۈرۈيدىغان شۇنداق ھايات بۇ .
ئەمما ، كۈلگەنلەر مەڭگۈ كۈلمەيدۇ ، يىغلىغانلار مەڭگۈ يىغلىمايدۇ . بۇ ھايات ھىچچىكىمگە مەڭگۈلۈك ئەمەس ، شۇنىڭدەك ، مەيلى بەخىت ، ھوقۇق ، پۇل بايلىق ۋە ياكى كىلىشمەسلىك ، غۇربەتچىلىك ، يوسۇزلۇقلار ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس . بىر كۈنلەر كىلىدۇكى ، ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ، باشقىلارنى كۆزگە  ئىلمىغان بايلار ، گۇناھسىز خەلىقنى ئەزگەن ، خورلىغانلار . ئۆز جاجىسىنى تارتىدۇ ، نامراتلىق دەستىدىن يولغا چىقىپ تىلەمچى بولغۇدەك بۇلىدۇ . كىشلەرنىڭ بىر ئېغىز سالىمىغا ، كۈلۇپ بېقىشىغا ئۈچ ۋاخ تاماققا ئىھتىياجلىق بولغۇنىدەك تەشنا بۇلىدۇ . خەلىقنى خورلىغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرپىدىن خورلانمىسىمۇ روھى جەھەتتىن خورلىنىپ ، ئىتچىلىك نەزەرگە ئېلىنماي بۇ ئالەمدىن كىتىدۇ . شۇنداق جاھان بۇ ، “ تەڭشەلمىگەن “ بولغىنى بىلەن بىر كۈنلەر كەلسە جايى جايىدا تەڭشەپ قويىدىغان .


داۋامى بار
                                             

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 06:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئاخىرىنى تىزراق يوللاسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 07:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاشقا ئايلانغان يۈرەك

داۋامى

                    سائادەت شۇنداق كۈتۈپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىلھامدىن  تىلفۇن كەلدى . تىلفۇندا سائادەتنىڭ ئۈرۈمچىگە بىر كىلىشىنى ئېيتتى ، ئاندىن سائادەت بىلەن ئەلچىلەرنى بىللە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ، شۇنىڭدىن كىيىن توي قىلىپ سائادەتنى رەسمى ئېلىپ كىتىدەغانلىقىنى ئېيتتى. سائادەت ئالامچە خۇشال بۇلۇپ ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتى .
                 ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تىز پويىز چۈشكە ئۈلگۈرۈپ يىتىپ كەلدى . سائادەت ئالەمچە خۇشال ئىدى . مانا بۇ ئۇزۇنغا قالماي سائادەت ياشايدىغان شەھەر ئىدى . ۋوگىزالدىن چىقىشى بىلەن تەڭ سائادەت ئۆزىگە قاراپ قول پۇلاڭلىتىۋاتقان ئىلھامنى كۆردى .
- ئاخىرى يىتىپ كەلدىڭىز ، سىىزنى سېغىنىپ كۆزۈم تۆت بۇلۇپ كەتتى . ئىلھام شۇنداق دىدى دە ،كۆزلىرى ئۆيدە ياخشى يەپ بىر ئاز سەمرىپ قالغان سائادەتنىڭ تولغان كۆكسىگە قاراپ ئۈلگۈردى .
-مەنمۇ ھېرىپ ئۆلەي دىدىم دەڭە . دائادەتمۇ ئەركىلەپ دىدى .
- يۈرۈڭ مەن سىزگە ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدىم . ئىلھام شۇنداق دىدى دە سائادەتنىڭ چامدانىنى سۆرەپ ئالدىدا ماڭدى . ئېنىقى ئىلھامنىڭ شەھۋىتى ئېشىپ نەپىسى تاقىلداپ كىتىۋاتاتتى .  
ياتاق ئۆيىگە كىرىپلا ئىلھام ئىشىكنى مەھكەم تاقىدى. كەينىگە بۇرۇلۇپلا چاپىنىنى سېلىۋاتقان سائادەتكە ئېتىلدى .
-ساراڭ ، قۇپاللىق قىلمىڭە ، ھېرىپ ئاران كەلگەندە ....
ئىلھام سائادەت بىلەن تاماق يىگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ يەنە كىلىدىغانلىقىنى بىر يەرگە چىقىپ كەتمەسلىكىنى تاپىلاپ كىتىپ قالدى . سائادەت مېھمانخانىغا قايتىپ ئۇخلاپ قالدى .  
ئىلھام سايرىغان تېلفۇنىنى خۇش ياقماي ئالدى .
- ۋەي . كىمۇ ، نىمە كەچتىمۇ ئادەمىنى ئۇخلاتماي .
- گىپىڭ تۈگىدىمۇ ئىلھام بايۋەتچە . قارشى تەرەپتىن كەلگەن توم ئاۋاز ئىلھامنىڭ ئۇيقۇسىنى پۈتۈن ئاچتى .
- خاپا بولماڭ ئاكا . بىلمەي قاپتىمەن . كەچتە تىلفۇن قىلىپ قاپسىز ... ئىلھام خۇددى ئىت ئىگىسىگە قۇيرۇق شىپاڭشىتقاندەك گەپ قىلىپ ئۈلگۈر دى .
-ئىسىدە بولسا بۈگۈن مالنى تاپشۇرساڭ توغرا بۇلاتتىغۇ دەيمەن ئىلھام . قارشى تەرەپتىن تەھتىد ئارلاش ئاۋاز ئاڭلاندى . ئىلھامنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى قارا تەر باستى .
- شۇنداق ، شۇنداق . ئاكا ، مەن مالنى تەييار قىلىپ قويدۇم . قاچان لازىم دىسىڭىز شۇ ۋاقىتتا ئالدىڭىزغا تەييار قىلىمەن .
- مال ھازىرلا لازىم . مال قېنى ؟ قارشى تەرەپ ئاچچىق ئارلاش سۆزلىدى .
- “ قۇتيار “ مېھمانخانسىنىڭ  405- نۇمۇرلۇق ياتىقىدا . ئاكا ، مەن سىزگە ئاپپىرىپ بەرسەممۇ ... ئىلھامنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا تېلفۇن ئۈزۈلدى . ئىلھام پىشانىسىدىن ئاققان تەرنى ئېيتىپ ئۇھسۇنۇپ ئولتۇرۇپ قالدى . نىمىگە ئوينىغان بولاتى شۇ قىمار دىگەن نىجىسنى ، نىمىگە ئازغان بولغىيتى . بىر بەلەن خىزمىتى ، مۇقىم كىرىمى تۇرسا يەنە “ ئامەت كىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس “ دەپ شۇ كوچىغا كىرىپ قالغىنىغا قانچە قېتىملاپ پۇشايمان قىلدى ، سائادەتتەك ساددا قىزلاردىن نەچچىنى ئالداپ ھېلقى باتۇر دىگەن لۇكچەككە “ سولاپ “ بەرگىنىنىمۇ ئەسكە ئالالمايدۇ . ئۇنداق قىلمىسا ئەڭ ئالدى بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلىدۇ ، تۇرمىگە كىرىدۇ . ئېغىر بولغىنىدا جېنىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدىغىنى ئېنىق . شۇڭا ئىلھام باتۇرنىڭ قولىدىكى بىر لالما ئىتقا ئايلانغان . ۋاختى كەلگەندە كىمنى كۆرسىتىپ چىشلەشكە بۇيرىسا بىر ئېغىز “ ھاۋ! “ دەپ بېرىپ بوياندىن ئالمىسا جېنى يوق دىگەن گەپ .
                     سائادەت شۇ كىچە ئۆمرىدە كۆرمىگەننى كۆردى ، بىر ئۆمۈر يىتىپ ئاشقۇدەك خورلۇققا ئۇچىردى . “ قىز ئەمەسكەنسەنغۇ “ دەپ يىگەن تاياقلار بىلەن دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە ياتتى . كىسەلخانىدىكى ۋاقىتتا ئىلھام بىر قېتىم يوقلاپ كەلدى . لېكىن سائادەتنىڭ يۈزىگە قارىيالمىدى . ئادەم ھەر قانچە رەزىللىشىپ ، پەسكەشلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يەنە بىر يەرلىرىدە ئازراق بولسىمۇ ۋىجداننىڭ ئۇۋاقلىرى قېلىپ قالسا كىرەك . ياكى ئىلھام قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ قالدىمۇ ئىشقىلىپ سائادەتنىڭ داۋالىنىش پۇللىرىنى تۆلىگەندىن سىرت سائادەتكە ئۇختۇرماي ئۇنىڭ بانكا كارىغا يىگىرمە مىڭ يۇەن سېلىپ قويدى. سائادەتنىڭ ئىلھامنى كۆرە كۆزى يوق . ئۆزى شۇنچىلىك ئىشەنچ قىلغان ئادەمنىڭ بۇنچىلىك پسكەش ئىكەنلىكىنى ئەمدى رەسمى تونۇپ يەتكەن سائادەت كۆڭلىدە ئەگەر ئىلھامنى ھايۋان دەپ تىللىسا ھايۋانغا ئۇۋال قىلغان بۇلىدىغانلىقىنى ئويلىدى . ئۆلىۋېلىشنى ئويلىدى . يەنە تۇرۇپ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدى . سىستىرالارنىڭ “ شۇنچە قىينىغان بارمۇ ، شۇنداقلاردىن تازا بىر ئۆچ ئالسا “ دىگەن سۆزى بىلەن سائادەتنىڭ ھاياتلىقتا تارتۇشقۇدەك يەنە بىر ئىشى تۇغۇلدى .
                   ئىلھام شۇنىڭدىن كىيىن يوقالدى . سائادەت دوختۇرخانىدىن چىقىپ بارلىق ئالاقىلشىش نۇمۇرلىرىنى ئۆزگەرتتى . كىچىلىك بەزمەخانىلارغا كىردى . باشقىلارغا ھەمراھ بۇلىدىغان قىزلارنىڭ قىلىقلىرىنى كۈزىتىپ ئۈگەندى . كۈندۈزلىرى ئۈرۈمچىنى كىزىپ ئىلھامنى ئىزدىدى .
                  دەل شۇنداق كۈلەرنىڭ بىرىدە سائادەت ئىلھام ئىشلەيدىغان بانكىنى تېپىۋالدى . ئىلھام بىرەر قېتىممۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتى توغۇرلۇق گەپ قىلمىغان بۇلۇپ شۇنىڭ ئۈچۈن سائادەت ئىلھامنىڭ پەقەت بانكىدا ئىشلەيدىغانلىقىنىلا بىلەتتى . قىزىل رەڭلىك كىچىك ماشىنىدىكى قىز بىلەن ناھايىتى خۇشال خوشلۇشۇپ كىرىپ كەتكەن ئىلھامنى كۆرگەن سائادەت ئالدى بىلەن بۇ قىزىل رەڭلىك ماشىنىنىڭ كەينىگە چۈشتى .  تاكسى بىلەن ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا قىزىل ماشىنا توختىغان دۇككان ئالدىغا يىتىپ كەلگەن سائادەت ئەتراپىغا بىر قۇر قارىۋىتىپ ئاندىن ماشىنىدىن چۈشتى . ھلېقى سېرىق چاچلىق قىز دەل ئالدىدىكى “ پىسخىكىدىن مەسلەھەت بىرىش ئورنى “ دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان دۇكانغا كىرىپ كىتىۋاتاتتى . دۇكان سىرتىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈپ يۇرۇپ كۈزىتىش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ مۇشۇ دۇككاندىكى مەسلىھەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدى . كەچلىكى يەنە ئىزىغا چۈشۈپ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىنى بىلۋالدى . ئەسلى سائادەت مۇشۇ قىزمۇ ئىلھامنىڭ ئالدىغان بىرەر قىزى بولمىسۇن دەپ گۇمان بىلەن ئىز قوغلاپ يۈرگەن ئىدى . ئويلىمىغان يەردىن بىر ياشانغان ئايالنىڭ بۇ قىزغا “ ئاكاڭ ئىلھامچۇ ؟ تاماققا كەلمەمدىكەن ؟ “ دىگەن سۆزىدىن بۇ قىزنىڭ ئىلھامنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدى . “ تېخىمۇ ياخشى بولدى “ دەپ ئويلىدى ئىچىدە .
                   سائادەت كەچلىرىنى كىچىلىك بەزمەخانىلاردا ئۆتكۈزدى . سائادەتنىڭ قەلبىدە ئۆچ ئېلىشتىن باشقا نەرسە قالمىغان بۇلۇپ ، نە ئىزا ، نە غورۇر ... بۇنداق نەرسىلەرنى ئۇ ئۇنتۇشقا تىرشىۋاتاتتى . ئاشۇ باي غوجاملار نىمە قىل دىسە قىلىپ پۇلىنى ئېلىپ كۈنىنى ئۆتكۈزۋاتاتتى . سائادەت كىيىنكى كۈنلەردە ھېلقى دۇكانغا بىر قانچە قېتىم باردى .  قەدىريەنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغان بۇلۇپ كۆڭلىدە نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزدى . ئىككى ئايغا يېقىن باردى كەلدىدىن كىيىن ئىلھامنىڭ سىڭلىسى  قەدىريەمۇ سائادەتكە ئىچەكىشىپ قالدى . سائادەت ئۆزىنى مەلۇم رايۇندىكى باج ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى . ئارلىقتا بىر ئىككى قېتىم سائادەت ئىجارىگە ئالغان ئۆيگىمۇ كىلىپ مىھمان بۇلۇپ كەتتى . سائادەت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۇپ كىلىۋاتقىنىدىن ئازراق خاتىرجەم بولدى . بىراق يەنە بىر مەسىلە ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى . يەنى باتۇرنى قانداق تېپىش مەسلىسى ئىدى .
                      بەزمەخانىدىكى قىزلارنىڭ ياردىمىدە سائادەت ناھايىتى تىزلا باتۇرنىڭ ئىز دىرىكىنى قىلدى . باتۇر نامى چىققان لۈكچەك ، قىمارۋاز بۇلۇپ كۆپىنچىسى “ قاتىل “ بەزمەخانىسىدا بۇلىدىكەن . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان سائادەت بىر نەچچە كۈن شۇ بەزمەخانىغا بېرىپ باتۇرنى ئىزدىدى . ئۈچۈنچى كۈنى باتۇرنى كۆرگەن سائادەتنىڭ ئاشۇ كۈنى كىچىسىدىكى بارلىق ئىشلار يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىدىن ئۆتتى ، غەزەپ نەپرىتى ھەسسىلەپ تاشتى . چاچ پاسۇنىنى ئۆزگەرتىپ قېنىق گىرىم قىلىۋالغان سائادەت قەستەن بېرىپ باتۇرغا سوقالدى . باتۇرمۇ بىر ئىككى ئېغىز لاۋزا گەپ قىلىپ ئۈلگۈردى . بۇ دەل سائادەتنىڭ دىگەن يىرىدىن چىقىۋاتاتتى . ئۇلار بىللە ھاراق ئىچىشىپ بىر ۋاقىتلاردا باتۇر سائادەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
شۇ تەرىققىدە ئىككى ئاي ئۆتتى . سائادەت باتۇرنىڭ دائىملىق ئاشنىسغا ئايلاندى . سائادەتنىڭ كۈتكىنىمۇ دەل مۇشۇ نەتىجە ئىدى . سائادەت يەنە قەدىريە بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىدى . چۈنكى پىلانىنىڭ چوڭ بىر قىسمى دەل قەدىريە ھالقىلىق رول ئوينايتى .

                                                  ************
                     ھىكمەت دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن رازىيەنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا نەچچە كۈن سالاپ باقتى . رازىيە كۆرۈنمىدى . قوشنىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ رازىيەنىڭ تويى بولغانلقىنى ، بىر نەۋرە ئاكىسى ئىليارغا ياتلىق قىلىنغانلىقىنى . تويدىن كىيىن ئىليار بىلەن ئۆزبىكىستانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتى .  مانا شۇنىڭدىن كىيىن ھىكمەت باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندى . ئاتا - ئانىسىغا نەچچە قېتىم ئۆزىدىن رازى بۇلۇشنى ئۆتۈندى . ئۆيدىكىللىرىمۇ “ بالا تېخى راۋۇرۇس ساقىيىپ كەتمىدى “ دەپ رازىلىق بىرىپ تۇردى . شۇنداق كۈلەرنىڭ بىرىدە  ھىكمەت مائاشىدىن يىغقان ۋە مۇكاپات ئالغان پۇللىرىدىن بىر ئاز ئېلىپ باش ئېلىپ يۇرتتىن چىقىپ كەتتى . ئىچكىردە سەككىز يىل ياشىغان ھىكمەت بىرىنچى بۇلۇپ ئەسكە ئالغان يەر دەل ئىچكىر بولدى . شىنجاڭدا يۈرسە يۈرەك يارىللىرى تېخىمۇ قانايتى .

                                                                    ********

                     گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسى . ھىكمەت ئېغىر قەدەملىرى بىلەن پويىز ئىستانسىسىدىن چىقىپ كەلدى ، قاياققا مېشىنى بىلمىدى . بىر ئاز تۇرغاندىن كىيىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە كاۋاپ سېتىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنى كۆرۈپ قالدى . ھىكمەت بىلىدۇ، ئىچكىردە كاۋاپچىلىق نامى بىلەن باشقا ئىشلارنى قىلىدىغانلار نۇرغۇن  .بۇ دەل ھىكمەتنىڭ ئويلىغىنىدەك ئىش بۇلاتتى  .
- ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم .
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . سالاملاشقاندىن كىيىن بىرەر ئىشىڭلار بارمىدى دىگەندەك قاراپ تۇرغان بۇ ئىككەيلەنگە قاراپ ھىكمەت تىزلا ئۆزىنى تاپتى .
- مەن ئىش ئىزدەپ يۇرگەن ئىدىم . ھېكمەت شۇنداق دەپ كۆزىنى قىسىپ قويدى . بۇنى كۆرگەن ئىككى بالا بىر بىرىگە قارىشىپ قويۇپ ،
- بۇ يەردە سەن قىلغۇدەك ئىش يوق .
- خوجايىنىڭلار بىلەن كۆرىشىمەن . ھىكمەت ئەمدى ناھايىتى جىددى تەلەپپۇزدا ئېيتتى . ئورۇقراق كەلگەن بىرى كەينىگە ئۆتۈپ كىتىپ بىر ئازدىن كىيىن قايتىپ كەلدى . ئاندىن بىر كوچىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ شۇ يەرگە بارسا ئالدىغا ئادەم چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ھىكمەتنىڭ يۈركىدە بىر خىل قورقۇنۇش بولسىمۇ بۇ قورقۇنۇش ئازابلىرى ئالدىدا ھىچ نەرسىگە تەڭ بۇلالمايتى . بۇ دۇنياغا بولغان ئۆچمەلىك ، ھاياتقا بولغان يىرگىنىش ئۇنىڭ يۈركىنى تاشتەك قاتۇرغان ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ بۇ يولنى تاللىدى .
تاكسىدىن چۈشۈپ تۇرشىغا كۆز يەتكۈدەك ئارلىقتا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قول پۇلاڭلاتىقىنىنى  كۆرگەن ھىكمەت شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇلارغا ئەگىشىپ چوڭ شىركەتلەرىڭ لىدىرلىرىنىڭ ئىشخانسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر يەرگە كەلدى .
- ئاكا ، مۇشۇ شۇ . ئۇ ئىككەيلەن ئالى دەرجىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ، تولىمۇ سۈرلۈك كۆرنىدىغان ،  ئادەمنىڭ قورقۇغۇسىنى كەلتۈرىدىغان بۇ كىشىنىڭ ئىشارىتى بىلەن چىقىپ كىتىشتى . بۇ كىشى ھىكمەتكە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن سورىدى .
- ئىسمىڭ نىمە ؟ نەدىن كەلدىڭ ؟
- ئىسمىم ھىكمەت . قەشقەردىن . ھىكمەت ھەم بىر خىل قەتئى ھەم داىل جاۋاب بەردى .
- نىمە بار دەپ كەلدىڭ ؟
-مەن قىلغۇدەك ئىش چىقىپ قالارمىكىن دەپ . ھىكمەت تېخى پويىزدا كەلگۈچە ئاران ئۈگەنگەن تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ ئىچىگە قاتتىق تارتتى .
- نىمە ئىش قىلغۇڭ بار ؟باللىرىم بىلەن كاۋاپ ساتامسەن ؟  تارتۇق ئۇنىڭدىن سورىدى .  
- كاۋاپ ساتقۇم بولسا شىنجاڭدىمۇ ساتاتتىم . باشقا ئىشلار يوقمۇ ، قىززىقى بارراق دەيمەن . ھىكمەت ئۆزىنى ئەركىن قويىۋەتكەن بۇلۇپ ناھايىتى تەبى سۆزلەۋاتاتتى .
- قارشى ئالىمىز . چىقىپ ئارام ئېلىپ تۇرغىن . تارتۇق يۈز شۇنداق دىدى دە چاۋاك چېلىپ ئىككى كىشىنى چاقىردى .
- ھىكمەتكە ياخشى ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىڭلار .
ھىكمەت ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ناھايىتى ياخشى بىر ياتاققا كىردى .  ئۇ ئىككى كىشى ھىكمەتكە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
يېرىم كىچە ، ھىكىمەت ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئويغۇنۇپ كەتتى ، كىم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي تۇرشىغا مۇشت پەشۋالار پۈتۈن بەدىنىدە قاينىدى . ھىكمەت تاياق دەستىدىن ئاران گەپ قىلالايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغاندىن كىيىن ھېلقى كىشى ياتاققا كىرىپ كەلدى .
-قانداق ھىكمەت . قايتىپ كەتكۈڭ كەلدىمۇ ؟ تاماكىسىنى يانتۇ چىشلەپ پەلتۇسىنىڭ پىشىنى قايرىپ يانچۇقىغا قولىنى سېلىۋالغان تارتۇق يۈز كىلىپ ھىكمەتنىڭ يۈزىگە دەسسەپ تۇرۇپ سورىدى .
- كەلگەن ئىكەنمەن ، ئەمدى كەتمەيمەن . يامان بولساڭ مىنى ئۆلتۈرۋەت ، بولمىسا سىنى ئەركەك دىمەيمەن . ھىكمەتنىڭ ئاۋازى ئاران چىقىۋاتاتتى . ئۇ كىشى  ئىشارەت قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . ئارىدىن بىرىنىڭ  “ پازىلكام دوختۇرخانىغا ئاپپىرىڭلار دەيدۇ ، كۆتۈرۈشمەمسەن “ دىگىنى  ئاڭلاندى . شۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلارنى ھىكمەت بىلمىدى .


                                                                 داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   an9385 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-23 07:09 PM  


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 07:10:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىنۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 06:01 PM
بەك ياخشى چىقىپتۇ،ئاخىرىنى تىزراق يوللاسىز

داۋامىنى يوللاپ قويدۇم . رەھمەت .

سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99348
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-23 07:39:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچارە ھىكمەت ،،،،،،،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش