dulanburkiti يوللىغان ۋاقتى 2013-11-22 10:25 PM
كەچۈرىڭ ئۇسۇلچىلىق كەسپىنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇند ...
ئوغۇل بالىنىڭ ئوغۇل بالىسىئۇسۇلچى بولالايدۇ دىگەن گەپنى ئاغزىمغا چىش چىقىپ سىزدىن ئاڭلىشىم ... توۋا.....
ئاتامنىڭ دەپ بىرىشىچە، ئۇسۇلچىنى بالام دىمە، بۇقا كالىنى كالام دىمە دىگىنىنى ئاڭلىغان
يەنە ھىسامكامنىڭ يەتتە مىللەتنىڭ ئۇسۇلنى ئوگەنگۇچە، تىل يىزىقىنى ئوگەنسەڭچۇ دىگىنى ئاڭلىغانمەن...
ھەركىمنىڭ ئوزىنىڭ قىززىقىشى بولىدۇ.... بىراق مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى...
بىزمۇ سىگانلاردەك كۈنگە قالمايلى.... ھەممىدىن ئۇسۇل ئويناش، ناخشا ئىيتىش، كۆڭۇل ئىچىش خاراكتىرلىق كەسىپ تۇرى.....
سىز ۋە بىز بىرەر ئورۇنغا خىزمەت ئىزدەپ كەلسەك، تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرمال بولاۋاتقان ئىشلارنى ئىپادىلىمەكچى بولساق، باشقىلارغا بىلىندۇرمەك چى ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئىيتىپ ئىپادىلەمدۇق؟
باشقىلاردىن نەرسە سىتىۋالماقچى بولساق، نىمە دىمەكچىلىكىمىزنى ئىپادىلىمەكچى بولساق، ناخشا ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادىلەمدۇق....
ھەممىدىن مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇھىم.. شۇ ئىتتتىپاقلىقنى ساقلاش، شۇلارنى چۇشۇنۇش، تىلىنى بىلىش ئۇچۇن تىل ھەممىدىن مۇھىم...
ئۇيغۇر يىزىقىمىزنى تۈزرەك يازالمايمىزيۇ.. تىل ئوگىنىمىز دەپ كىتىدىكەن ماۋۇ دەپ قىلىشىڭلار مۇمكىن بىراق تىل ئۇگىنىشنى بىردەك ئېلىپ بارايلى قىرىنداشلار.......
سىگانلار قانداق مىللەتتۇ؟
سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت بولۇپ 2010-يىلىدىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بايانىغا قارىغاندا دۇنيادا تەخمىنەن 10مىلىيۇن ئۆپچۆرىسىدە، ياۋروپادا تەخمىنەن 5مىلىيۇن ئۆپچۆرىسىدە سىگان بار ئىكەن. ئەمما سىگانلار تەشكىلاتى دۇنيادا 30مىلىيۇن، ياۋروپادا 15مىلىيۇن سىگان بار دەپ قارايدۇ. سىگانلار شەرقى ياۋروپادا روما، جەنۇبى ياۋروپادا كالې دەپ ئاتىلىدۇ، سابىق ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىنىدا ياشىغان بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەندىن باشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىپتىدائى دىنىغا، ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خىرىستان دىنىنىڭ مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ. 500مىڭدىن ئارتۇق سىگان ئولتۇراقلاشقان فرانسىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر ھەتتا ئۆز دۆلىتىدە سىگان ئاتلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىپ ئۇلارنى پەقەت تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىسيىسىدىكى كىشىلەر توپى دەپ قارايدۇ.
سىگان تىلى ئاللىبۇرۇن شالغۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى شۇ جايدىكى سىگان تىلى لېكسىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي ئاساسەن شەرقى ياۋروپادىكى تەخمىنەن 2مىلىيۇندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى-ئىران تىل ئائىلىسى، ئىندى ئارىيان تىل ئائىلىسىگەتەۋە سىگان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەسلى يۇرتى ھىندىستان پاكىتان چېگرىسىدىكى راجاستان بولغان سىگانلار مىلادى 5_ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ پەنجاپقا كەلگەن، مىلادى 10-ئەسىردىن كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى قوشۇنلىرىنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچراپ ئۇزۇن يول بېسىپ ياۋروپانىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولغان شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان ۋە تەدرىجى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. سىگانلارنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھۇرۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ.
مىللەتچىلىك باش كۆتەرگەن 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغرىلۇق ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن دۆلەتتىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2- دەرىجىلىك پۇقرا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ 2010-يىلىدىكى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى.
بىراق سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ. سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى شەرەپلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.
ئۇلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش. قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا. سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسىدۇر.
http://ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1426
مانا بۇ تارىخ... بۇ يىزىغانلىرى بەلكىم ھەقىقەتتۇر...
ئامما.. بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى، ئۇسۇل بىلەن ناخشا ئىيتىش بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ.... ئورۇنلاش سەنئىتى دەيمىزخالاس.
شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنى كوپ مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان ئىناق ئىجىل رايون!
شۇنداقلا ناخشا ئۇسۇل ماكانى دىگەن بۇيۇك شەرەپلەرگىمۇ ئىرىشتۇق....
كىچىك بىرازىلىيە دىگن نامغىمۇ ئىرىشتۇق.... چۇنكى ھەممىمىز پۇتبۇلنى سويىمىز... تەنتەربىيەنى سويىمىز، ساغلاملىقىن سويىمىز، ئىناقلىقىنى سويىمىز.... ئىلىم پەننى سۆيسەك نىمە بولار....
ساپاسىزلىقىنى، خۇراپاتلىقىنى تاشلاپ، ئىلىم پەننى ئوگىنەيلى.. بىزگە ئەسقاتقىنى ئىلىم پەن..
باشقىلار ھاڭ تاڭ قالغۇدەك ئىلىپ پەنگە ھىرىسمەن بولساق....
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىلىم خۇمارلار ماكانى دىگەن بۇيۇك نامغا قاچانمۇ ئىرىشەرمىز....
بىزغۇئىرىشەلمىدۇق.. كىيىنىكى ئەۋلاتلىرىمىز ئىرىشسۇن قوللايلى، ياردەم قىلايلى.. قىززىقىشى بويىچە ئىش كورسۇن!
بىزنى كۇتۇپ ئولتۇرغىنى، قۇم شىخىل، تاشلارنى كۈچىمىز ئارقىلىق جاپالىق تۇشۇيدىغان كەسىپلەرنى تاللىشىمىز بولماستىن بەلكى..... زىھنىمىز، ئەقلىمىز ئارقىلىق ماشىنلاشقان ھالەتتە توشۇش كەسپىنى تاللىشىمىز.. شۇنىڭغا لايىق ئەقىل بولۇش كىرەك.....
دوستۇم.. تىما يوللىغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلدۇرمىدىم..سىزگىلا ئەمەس باشقىلارغا قىلىنغان يۈرەك سۆزۇم....
ئامرىكا قانداق تەرەققىي قىلدى، دۆلىتىمىزقانداق تەرەققىي قىلدى....
دولىتىمىز ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، رايۇنىمىزغا پۇتمەس تۇگىمەس يىڭىلىقلار يۈزلەندۇردىق.. ياساش كەسپىنى يىڭىلىق يارىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى....
بۇرۇنقى سەرەڭگىنى باشقىلارسىتىۋالماستىن،باشقىلار ھاڭ تاڭ قالغۇدەك يىڭىلىقلارنى ۋوجۇتقا چىقاردى...
بۇ پەقەت بىلىم ئوگەنگەنلىكىنىڭ، تىل ئوگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى خالاس...
ئاددىيسى مىسال.
دولىتىمىزدىكى ئىلىكتىر كەسپىدىكى باشلامچى كارخانە‹‹ خەيئىر›› گورۇھى ئەڭ باشتا، 80يىللاردا قۇرۇلغان ئىلىكتىرۇن مەھسۇلاتلىرىنى مۇستەقىل ياساش كەسپىنى يولغا قوۇغان كارخانىلارنىڭ بىرى..
شۇ 80-يىللاردا، تۇنجى بىرتۇركۇم سۇپەتسىز مەخسۇلات ئىشلاپ چىقىرىلىپ قالدى.. ئامما زاۋۇتتتىن چىقىرىلماقچى بولغاندا، كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ مەئولى بۇنى بىلىپ قىلىپ، پۇتۇن توڭلاتقۇلارنى ئۇرۇپ چىقىۋەتكەن.. ئۇ مۇنداق دىگەن( بۇنداق ساختا مەھسۇلات ئىشلاپ چىقارغىلى تۇرساق ،كەرخانىنىڭ كەلگۇسىنى سۆز ئاچقىلى بولامدۇ دىگەن).
شۇ يىللاردا بىر توڭلاتقۇ 800يۇۋەن ئىكەن...
ئويلاپباقايلى..بىزكىشىنىڭ ئىمانىنىڭ قانداق ،قانداق ئەمەسلىكىنى بىلگۇچى ئاللاھىمىز بىلىدۇ.
كىمكى گۇناھ قىلسا ئوزىگە..
باشقىلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەي.. توغرا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويساق بولىدۇ.. تۇزۇتۇش تۇزەتمەسلىك ئوزىگە باغلىق خالاس