Muslim_Padichi يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:34 PM
ئاۋال ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم . جاۋابقا كەلس ...
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام قېرىندىشىم ، بايقۇش دىگەن گەپ تىللىغانلىققا كىرىدىغۇ دەيمەن .گېتلىر ئۆلتۈرگەن ئادام ئون مىليوندىن 14 مىليونغىچە ، سىتالىن ئۆلتۈرگەن ئادەم بۇ ساننىڭ ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق ،لېكىن بىرى لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىپتۇ ،بىرى مىخلانمىدى . ئاتالمىش لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىغۇچىلار ئەلۋەتتە بىر سىياسى كۈچكە ۋەكىللىك كىلىدۇ ،شۇڭلاشقا بىزنىڭ بىر دۆلەتنىڭ قۇتقازغۇچىسىنى بايقۇش دىيىشىمىز ئادىللىق ئەمەس .ئۈستىكى بىر قېرىندىشىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك يەنىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىرى باھا بەرسە مۇۋاپىقراق دەپ ئويلايمەن .مېنىڭ تۇنجى ئىنكاستىكى مەقسىتىم سىز بۇ تېمىدا نىمىنى يورۇتۇپ بەرمەكچى ؟دۇنيا تاراتقولىرى ۋە كۆپ قىسىم خەلقلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرمەكچىمۇ ياكى ئاستىكى سىننىڭ مەزمونىدەك ئۇنى بىر مىللەتنىڭ قوتقازغۇچىسى دىمەكچىمۇ ؟ دىمەكچى تېمىدىكى ئاساسى مۇھىم نوقتا نىمە ، مۇشۇنى ئېنىق يازماپسىز دىمەكچى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-26 03:04 PM