مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: چوقان

چوقان: نەسىرلەر... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99445
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:37:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەنھالىق

سۈتتەك ئايدىڭ كېچىدە تەنھامەن. سۈتتەك ئايدىڭ كېچىدە شۇ قەدەر غىرىبمەن.
مەن ئىچىمگە پېتىۋاتقان كېچىگە دەسسەپ كېتىپ بارغان چاغدا ئاللىقاچان مەھرۇملىقنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بولىمەن. مۇشۇ يەردىلا كېچىنىڭ ئۈنسىزلىكىگە سىڭىۋاتقان ئاۋازىمنى ئېگىز  كۆتۈرۈپ سەنسىزلىك باسقان چۆللەرگە قېچىپ كەتكۈم كېلىدۇ. شۇ يەردە ياۋايى ئادەمگە ئايلىنىپ، ھېچنىمىسى، ھېچقانداق ئازابى بولمىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالغۇم كېلىدۇ. تولىمۇ يىراق ۋەسۋىسىگە تولغان كېچىدە ئۆزۈمنى ئاچچىق تولغىنىۋاتقان سومۇرۇغنىڭ قانىتىدەك ھېس قىلىمەن. ئەمما سېنىڭ بۇنى ھېس قىلىشىڭ نەقەدەر تەس... ھەممە نەرسەمنىڭ بولىشىنىمۇ ئارزۇ قىلمايمەن. ھېچنىمەم بولماسلىقىدىن ۋايىم يېمەيمەن. ئەمما ھېچقانداق ئىتىبارسىز، قەدىرسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن. بۇ خىل گۇمران بولۇشنىڭ ھەممە تەرىپى ئازاب بولماي نېمە؟...
مەن مۇشۇ كېچىدە تەنھامەن. مەن مۇشۇ كۈنلەردە تەنھامەن. مەن مۇشۇ يوللاردا يالغۇزمەن.
يالغۇزلۇق سۈكۈتكە تولغان كېچلەر بىلەن تەڭلا ئىچىمگە سىرغىپ ئېقىپ كېرىدۇ. يالغۇزلۇق مېنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يۇقاتقانلىرىمغا ئوخشاشلا، ئىرىشىش تەماسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، مەندىن- ماڭا، تەندىن- تەنگە پاتىدۇ... سېنىڭ بۇلارنى ھېس قىلىشىڭ بەرىبىر بولۇپ قالغان.
شۇندىن كېيىنلا مەن ئۆزۈمنى قايتىدىن مەغلۇپ بولغۇچىغا ئوخشىتىپ قويدۇم. شۇندىن كېيىنلا مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ ئاچچىق ھاياتقا تاشلىنىپ، بارلىق نەرسىلەرنىڭ مەندىن يىراقلاپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم. بۇ خىل ھېس قىلىش ئايىغىدا ماڭا سەنسىزلىكتىنمۇ ئېغىر ۋە ئاچچىق پۇشايماننى ھەدىيە قىلدى. سەن كەلمەيسەن. مەن ھەم سېنى كەل دېمەيمەن. بىلەمسەن، مېنىڭ باغرىم مۇزلاپ كەتكەن. باغرىم سېنى ئىللىتالمايدۇ. چۈنكى مەن تەنھالىق ھارۋىسىنى ھەيدەپ سۈتتەك ئاپئاق كېچىگە پېتىپ كەتتىم...
تەنھالىق... تەنھالىق... تەنھالىق داۋاملاشماقتا...

جانان يۈزۈڭنى كۆرگىلى كەلدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99445
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-5 10:49:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8563
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 02:00:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئۆزۈڭنى ئەخمەق قىلىپ يۈرگىچە چار بازاردا يايمىچىلىق قىلساڭ بولمامدۇ ؟ تېخى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ تېخى . خەقنىڭ يېزىپ بولغان نەرسىلىرىنى كۆچۈرۈپ يېزىپ ھارمىدىڭمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99445
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 09:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bahwanbiz يوللىغان ۋاقتى  2013-12-6 02:00 PM
مۇشۇنداق بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئۆزۈڭنى ئەخمەق قىلىپ يۈ ...

بەلكىم... سەن ئويلىغاندەك ساپاسىز نەسىرلەردۇر... بەلكىم كۆچۈرۈپ يېزىۋاتقانمەن... ئەمما مەن ھەرگىزمۇ نېمە دەۋاتقىنىنى، نېمە قىلىدىغىنىنى بىلمەيدىغان، ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەيدىغان پاخال ئادەملەر، ئەخلەت، ساپاسىز، سۈپەتسىز ئادەملەردىن ئەمەس.....

جانان يۈزۈڭنى كۆرگىلى كەلدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99445
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 09:49:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېھ، تۇپىلىق يول

... بىر چاغلاردا سەندىن بىزارلىق ھېس قىلاتتىم. پۇرقۇپ- پۇرقۇپ، يېڭى كېيگەن كېيمىمنى مەينەت قىلىۋىتىشلىرىڭدىن جۇدۇنۇم تۇتاتتى... سەندىن قۇتۇلىشنى، شەھەرنىڭ گۈزەل يولىرىغا چۆكۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.
پايانسىز ئېتىزلار ئارىسىدا بىزنىڭمۇ ئون بەش مۇ يەردە ئېتىزلىقىمىز بار ئىدى. ئەشۇ يەرلەردىن ئوزۇق ئالاتتۇق، ئەشۇ يەرلەرنى بىنا قىلاتتۇق، مېھنەت قىلاتتۇق. بالىلىقىمدىن تارتىپ ئەشۇ چەكسىز ئېتىزلىق يولىرىدا يالاڭ ئاياغ يۈرۈپ چوڭ بولدۇم. تەپتىڭ بەكلا قىززىق ئىدى. ئەشۇ يوللارنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلىھاملىرى مېنى ئويغاتتى. ئارزۇلىرىم قانات ياساپ، شەھەرنىڭ مۇم يولىرىدا ئاياغلىرىم ئىزنا قالدۇرۇشقا باشلىدى. ئەپسۇسكى تەپتىڭدە ئەركىن ئۆسۈپ، يالاڭئاياغ دەسسەشلىرىم شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى. بارغانسىرى بۇ شاۋقۇننىڭ بىئارامسىزلىقىدىن، يوللارنىڭ مېھىرسىز بېقىشلىرىدىن بىزار بولدۇم. مەن بۇ سۆرۈنلىكتىن، بۇ شاۋقۇنلاردىن بەكلا تويدۇم. ئەمدى جىمجىتلا شەھەرنىڭ ئارامسىز كۈنلىرى بىلەن خوشلىشىپ، سېنىڭ ئەڭ چەت، ئەڭ بۇلۇڭلىرىڭدىكى ئۆزۈمنى ئىزدەپ تاپقۇم بار. ئېھ، تۇپىلىق يول، تۇپىلىرىڭ بىلەن ئاياغلىرىمنى تولدۇرۇپ قوي. تۇپىلىرىڭ بىلەن يېڭى ئالغان كېيمىمنى، ئۇستىخانلىرىمنى چىلاشقۇدەك ھېدلىرىڭغا كۆمۈپ قويغىن. ئەمدى سەن بىلەن بىر تەن بىر جان بولۇپ كېتەي. مېنى مېھرنىڭ شېرىن ئاھاڭلىرىدا پەپىلىتىپ، قىززىق تەپتىڭدە ھارارەتكە باشلىغىن-دە، تەكتىڭگە باش قويپ، شۇنچە خاتىرجەم ۋە شۇنچە لەززەتلىك ئۇيقۇغا كېتەي...
2012-يىل 14- ماي خوتەن

جانان يۈزۈڭنى كۆرگىلى كەلدىم...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش